بىرزات ئىلاۋىسى : سانائەت ئىچىملىكلىرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشنىڭ زېيىنى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ۋە دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىلىرى ھەر قاچان بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرسىمۇ يەنىلا بىردەملىك راھەت، تەم ھوزۇرى دېگەنلەرنىڭ جەلىپ قىلىشى بىلەن ئورالما، قۇتا سىرتىغا 100% ساپ دەپ يېزىپ قويغان ھەر خىل ناملاردىكى مېۋە شەربەتلىرى يەنىلا بازارلىق بولماقتا. 100% دەپ يېزىپ قويغىنى شۇ خىل مېۋىنىڭ سىقىۋىلىنغان مېۋە سۈيىمىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئالما شەربىتى، ئاپلىسىن شەربىتى، گىلاس شەربىتى دېگەنلەر شۇ مېۋىنىڭ سۈيى بولماستىن ئۇنىڭ تەركىبى: سۇ، شىكەر، ئارسېن، ۋېتامىن ۋە باشقا تەم، رەڭ خۇرۇچلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن. مېۋە تەركىبى بار دېگەندىمۇ 10% ئەتراپىدا بولىدىكەن. ئادەتتە دورا ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ سەھىيە ئۆلچىمى ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان، ئىستىمالچىلارنىڭ ئاڭ سەۋيەسى يۇقۇرى ئامرىكىدەك بىر دۆلەتتە ئىشلەپ چىقىرىلغان ئالما شەربىتىنى زىيانلىق دەپ قارالغان بولسا جۇڭگۇدا ئىستىمالچىلار تېخىمۇ ئالاھىدە دېققەت قىلىش زۆرۈر. تۆۋەندە ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئالما شەربىتىنىڭ زىيانلىق تەسىرى ھەققىدىكى خەۋىرى دېققىتىڭىزدە بولىدۇ:

" /> ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرى: ئالما شەربىتى ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىشى مۇم - 80 خالتا بلوگى

ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرى: ئالما شەربىتى ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىشى مۇم


بىرزات ئىلاۋىسى : سانائەت ئىچىملىكلىرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشنىڭ زېيىنى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ۋە دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىلىرى ھەر قاچان بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرسىمۇ يەنىلا بىردەملىك راھەت، تەم ھوزۇرى دېگەنلەرنىڭ جەلىپ قىلىشى بىلەن ئورالما، قۇتا سىرتىغا 100% ساپ دەپ يېزىپ قويغان ھەر خىل ناملاردىكى مېۋە شەربەتلىرى يەنىلا بازارلىق بولماقتا. 100% دەپ يېزىپ قويغىنى شۇ خىل مېۋىنىڭ سىقىۋىلىنغان مېۋە سۈيىمىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئالما شەربىتى، ئاپلىسىن شەربىتى، گىلاس شەربىتى دېگەنلەر شۇ مېۋىنىڭ سۈيى بولماستىن ئۇنىڭ تەركىبى: سۇ، شىكەر، ئارسېن، ۋېتامىن ۋە باشقا تەم، رەڭ خۇرۇچلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن. مېۋە تەركىبى بار دېگەندىمۇ 10% ئەتراپىدا بولىدىكەن. ئادەتتە دورا ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ سەھىيە ئۆلچىمى ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان، ئىستىمالچىلارنىڭ ئاڭ سەۋيەسى يۇقۇرى ئامرىكىدەك بىر دۆلەتتە ئىشلەپ چىقىرىلغان ئالما شەربىتىنى زىيانلىق دەپ قارالغان بولسا جۇڭگۇدا ئىستىمالچىلار تېخىمۇ ئالاھىدە دېققەت قىلىش زۆرۈر.

___________ بىرزات

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋىرى: ئالما شەربىتى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر دىققەت قىلىشى كېرەك. ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالما شەربىتى ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىشى مۇمكىن ئىكەن، چۈنكى ئالما شەربىتى بەك تاتلىق بولغانلىقتىن، ئادەمنى ئاسانلا سەمرىتىپ تاشلايدىكەن ھەمدە بالىلارنىڭ چىشىنى قۇرۇت يەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئالما شەربىتىدە ئارسېن بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ھەتتا ئامېرىكا دائىرلىرى يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئارسېن مىقدارىغا قايتىدىن بەلگىلىمە چىقىرىش كېرەكمۇ يوق دېگەننى ئويلاشقان. بىراق، ئامېرىكا ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئالما شەربىتىدە ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ھەقىقىي زىيان يەتكۈزىدىغىنى يۇقىرى شېكەر مىقدارى ئىكەن.
مۇتەخەسىسىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئالما شەربىتىدە تەبىئىي ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ئاز بولۇپ، ئىسسىقلىق مىقدارى ئەكسىچە ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. بەزى ماركىدىكى ئالما شەربەتلىرى ھەتتا گازلىق سۇدىنمۇ تاتلىق بولۇپ، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى بۇزۇپ، ئۇلارنى تاتلىق يېمەكلىكلەرگە خۇمار قىلىپ قويىدىكەن.
ئامېرىكا كالفورنىيە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوزۇقلۇق پراففىسورى:«مەن 3 ياشلىق نەۋرەمنى ئەزەلدىن ئالما شەربىتى ئىچىشىگە رۇخسەت قىلمايمەن، چۈنكى ئالما شەربىتى شېكەر سۈيى ئىچكەنگە ئوخشاش» دېگەن.

گەرچە نۇرغۇن ئالما شەربەتلىرىگە ۋىتامىن قوشقان بولسىمۇ ھەمدە پەقەت ئىسسىقلىقلا بولسىمۇ، ئەمما ئوزۇقشۇناسلارنىڭ دېيىشىچە، ۋىتامىن قوشۇش ئالما شەربىتىنىڭ ئوزۇقلۇق يېمەكلىكى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدىكەن. پەقەت كىشىنى ئاسانلا سەمرىتىپ تاشلايدىغان ساغلام بولمىغان يېمەكلىك ئىكەن.




[Birzat بۇنى 2011-12-12 01:19 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئالما

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماباھارىم[2012-01-20 11:38 PM | del]
ۋاي حۇدايىم مىنىڭ باللىرىم بۇنداق شە ربەتلەرگە بەكمۇ ئامراق ئىدى  ئەمدى ئچشنى چەكلىسەم بولعدەك
回复قايتۇرماGoodLuck[2011-12-18 10:00 PM | del]
مىۋە سۈيىدىن، تەييار مىۋىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ، كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغىنىمدا يەنە ھەر خىل مىۋە شەربەتلىرىنى ئىچپ سالىمەن. شۇ تاپتا ئىشىكنىڭ كەينىدا بىرمۇنچە مىۋە شەربىتى بوتۇلكىلىرى تۇرۇپتۇ.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.