ئاپېلسىن چۈچۈمەل تاتلىق ھەم يېيىشلىك بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىلار مول، ئاشقازاننى ئىللىتىپ سۈيدۈك راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۆپكىنى سىلىقلاپ بەلغەم بوشىتىش ئۈنىمىگە ئىگە. بۇنىڭدىن سىرت، ئاپېلسىن يېسە ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. جۇڭگو تىبابىتى قارىشىچە، ئاپېلسىننىڭ ئېتى، پوستى، تالاسى، مېغىزى، يوپۇرمىقىنىڭ ھەممىسى جۇڭيى دورىسى ئىكەن. ئەمما، ئاپېلسىن يېيىشلىك بولسىمۇ تۆۋەندىكى ئىشلاردىن ئالاھىدە پەرھىز قىلىش كېرەك:

" /> ئاپېلسىن يېيىشتىكى تۆت چوڭ پەرھىز - 80 خالتا بلوگى

ئاپېلسىن يېيىشتىكى تۆت چوڭ پەرھىز


سۇمرۇغ تورى ساغلاملىق سەھىپىسى خەۋىرى: ئاپېلسىن چۈچۈمەل تاتلىق ھەم يېيىشلىك بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىلار مول، ئاشقازاننى ئىللىتىپ سۈيدۈك راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۆپكىنى سىلىقلاپ بەلغەم بوشىتىش ئۈنىمىگە ئىگە. بۇنىڭدىن سىرت، ئاپېلسىن يېسە ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. جۇڭگو تىبابىتى قارىشىچە، ئاپېلسىننىڭ ئېتى، پوستى، تالاسى، مېغىزى، يوپۇرمىقىنىڭ ھەممىسى جۇڭيى دورىسى ئىكەن. ئەمما، ئاپېلسىن يېيىشلىك بولسىمۇ پەرھىز قىلىدىغان ئىشلار بار. شۇڭا، كىشىلەر ئاپېلسىن يېگەندە پەرھىز تۇتىدىغان جايلىرىغا دىققەت قىلىپ، سالامەتلىكىنى ئاسراپ كېسەل بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئاپېلسىننىڭ تەركىبىدە مول ۋىتامىن C ۋە لىمون كىسلاتاسى بار، ۋىتامىن C نىڭ چارچاشنى يوقىتىش رولى بار، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ ھەمدە خولىتسىرىننى تۆۋەنلىتىدۇ، قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دائىم يەپ بەرسە ساغلاملىققا پايدىلىق بولغاندىن سىرت، ياشلىق باھارىنى ئۇزۇنغىچە ساقلاپ قالالايدۇ.
بىرىنچى پەرھىز: مەنپىيلىكى زەئىپلەشكۈچىلەر ئاز يېيىشى كېرەك
ئاپېلسىننىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، كۆپ يېسە ئاسانلا ئىسسىغى ئېشىپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ مەنپىيلىكى ئاجىزلىشىپ كەتكەنلەر ئەڭ ياخشىسى ئاز يېيىشى كېرەك، بولمىسا ئاسانلا تىلىغا ئۇچۇق چىقىش، ئېغىزى قۇرۇش، گېلى قۇرۇپ ئاغرىش، چوڭ تەرەت تۇتۇلۇش قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ.
ئىككىنچى پەرھىز: تاماقتىن ئىلگىرى ياكى ئاچ قورساق يېمەسلىك
ئاپېلسىن يېيىشلىك بولسىمۇ، دائىم يەپ بېرىش ئەمما بىراقلا كۆپ يەپ تاشلىماسلىق كېرەك، ئاچ قورساق يېمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئاپېلسىندا بەلگىلىك مىقداردا ئورگانىك كىسلاتا بولغاچقا، ئاسانلا ئاشقازاننىڭ يېپىشقاق پەردىسىنى غىدىقلاپ قويىدۇ.
ئۈچۈنچى پەرھىز: سەۋزە بىلەن بىرگە يېمەسلىك كېرەك
سەۋزە ئادەم تېنىگە كىرگەندىن كېيىن، تېزلىكتە بىر خىل سولفات كىسلاتالىق تۇز ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە ماددا ئالمىشىش ئارقىلىق تېزلا قالقانسىمان بەزگە قارشى بىر خىل ماددا-تىئوسىئانىك كىسلاتا ھاسىل قىلىدۇ. ئەگەر بۇ چاغدا ئاپېلسىن يېگەندە، ئاپېلسىندىكى فلاۋون تۈرىدىكى ماددا ئۈچەيدە پارچىلىنىپ، گىدروكسى-بېنزوئىك كىسلاتا ۋە فرۇلىك كىسلاتاغا ئايلىنىدۇ، بۇ ماددىلار  تىئوسىئانىك كىسلاتانىڭ قالقانسىمان بەزنى چەكلەش رولىنى كۈچەيتىپ، قالقانسىمان بەزنىڭ ئىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.
تۆتىنچى پەرھىز: سۈت بىلەن بىرگە يېمەسلىك كېرەك
سۈتتىكى ئاقسىل ئاپېلسىندىكى مېۋە كىسلاتا ۋە ۋىتامىن C بىلەن ئاسانلا رېئاكسىيەلىشىپ ئۇيۇتما ھاسىل قىلىدۇ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە قورساق كۆپۈش، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ئاپېلسىن يېيىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى بىر سائەت ئىچىدە سۈت ئىچمەسلىك كېرەك.
ئوكيان تورىدىن نەپرەت 80 خالتا تورى ئۈچۈن تەرجىمە قىلدى



[Birzat بۇنى 2011-12-12 11:52 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماباھارىم[2012-01-20 08:36 PM | del]
مەنپىيلىكى زەئىپلەشكۈچىلەر دىگەن سوزنىڭ مەنسى نىمە؟
回复قايتۇرماmuhtajman[2012-01-06 08:12 PM | del]
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم  ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم  . مەن ياڭاق مېغىزى،بادامېغىزى،ئۈرۈك مېغىزى،پىستەمېغىزى، زەپە،بۇغامۇڭگۈزى،ھەسەل قاتارلىق ماتىرياللاردا ئۆزۈم ئۇچۇن  ئوزۇقلۇق ياساي دىگەن  بازارلاردا سېتىلىۋاتقان مۇشۇتۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ماركىلىقلىرىنىڭ200 گىراملىقى 30 يۈەن ئىكەن،ماركىسى يوقلىرىنىڭ 1 كېلوگىرامىنى 50 يۈەن گە كۆزئالدىمىزدىلا ياساپ بىرىدىكەن .200 گىرامى 30 يۈەنلىكىنىڭ تەننەرخى خېلىلا يۇقىرى توختاپ قالىدىكەن .كۆزئالدىمىزدىلاياساپ بىرىدىغىننىڭ  ھەسەلدىن باشقا ماتىرياللىرىغا  ئىشەنچ قىلساممۇ ھەسىلىگە قارىتا سۈپىتى توۋەن بۇلىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ قالدىم .چۈنكى مەنمۇ بىرمەزگىل ھەسەل ساتقان .مىنىڭ سىلىدىن سورايدىغىنىم مۇشۇ نەرسىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ياسىغىلى بولىدۇ  ؟ ئاللاھ خالىسا 3 ئاي يەتكۈدەك ياسىماقچى ئىدىم  دورىلىق ئالىي ھەسەللىرنى ئۇرۇمچىگە ئەۋەتىپ بىرەلەملا؟ ياساش ئۈسۈلىنى تەپسىلى دەپ بەرگەن بولسىلا ؟ ئاللاھ ئەجرىللىرىنى بەرگەي
回复قايتۇرماhakikat[2011-12-30 08:16 PM | del]
يۇرتىمىزدىكى دوختور ھەر قانداق ۋاقىتتا دورا ئالسام مۇشۇ جۈزە پوستىنى بەك كۆپ قوشاتتى تاڭيوغا ،نىمىگە دورىكىن دىسەم ۋىتامىن س بەك مولمىش.....
回复قايتۇرماbirgul[2011-12-14 05:46 PM | del]
رەھمەت بىرزات ئۇستام ، مەن ئاپىلىسىنى بەك كۆپ يەيمەن . بۇندىن كىيىن دىقەت قىلسام بولغۇدەك .
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.