ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمىزغا خۇش كەپسىز، قۇتلۇق قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا!

تۈر: تەرجىمە ئەسەرلەركۆرۈنمە ھالەت: نورمال | تىزىملىك

 بىرزات ئىلاۋىسى : سانائەت ئىچىملىكلىرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشنىڭ زېيىنى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ۋە دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىلىرى ھەر قاچان بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرسىمۇ يەنىلا بىردەملىك راھەت، تەم ھوزۇرى دېگەنلەرنىڭ جەلىپ قىلىشى بىلەن ئورالما، قۇتا سىرتىغا 100% ساپ دەپ يېزىپ قويغان ھەر خىل ناملاردىكى مېۋە شەربەتلىرى يەنىلا بازارلىق بولماقتا. 100% دەپ يېزىپ قويغىنى شۇ خىل مېۋىنىڭ سىقىۋىلىنغان مېۋە سۈيىمىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئالما شەربىتى، ئاپلىسىن شەربىتى، گىلاس شەربىتى دېگەنلەر شۇ مېۋىنىڭ سۈيى بولماستىن ئۇنىڭ تەركىبى: سۇ، شىكەر، ئارسېن، ۋېتامىن ۋە باشقا تەم، رەڭ خۇرۇچلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن. مېۋە تەركىبى بار دېگەندىمۇ 10% ئەتراپىدا بولىدىكەن. ئادەتتە دورا ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ سەھىيە ئۆلچىمى ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان، ئىستىمالچىلارنىڭ ئاڭ سەۋيەسى يۇقۇرى ئامرىكىدەك بىر دۆلەتتە ئىشلەپ چىقىرىلغان ئالما شەربىتىنى زىيانلىق دەپ قارالغان بولسا جۇڭگۇدا ئىستىمالچىلار تېخىمۇ ئالاھىدە دېققەت قىلىش زۆرۈر. تۆۋەندە ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئالما شەربىتىنىڭ زىيانلىق تەسىرى ھەققىدىكى خەۋىرى دېققىتىڭىزدە بولىدۇ:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئالما

بىرزات ئىلاۋىسى: كېچىكىمىزدە بىر كىمگە ئاسما ئوكۇل ئېسىپتۇ دېسە، كېسىلى خېلى ئېغىر ئوخشايدۇ دەيتتۇق، ئەمەلىيەتتىمۇ ئاسما ئوكۇلنى بالنىستقا ئىلىنىپ داۋالىنىۋاتقان خېلى ئېغىر كېسەللەرگە ئىشلىتەتتى. ھازىر ئەھۋال ئوخشىمايدۇ، كىشىلەر ئازىراق زۇكامداپ قالسىمۇ، ئاز تولا سوغۇق ئۆتۈپ ياكى قوقاق تېگىپ گېلى ئاغرىپ قالسا ياكى يەڭگىللا يۆتىلىپ قالسىمۇ،  دورا چېپىپ تېڭىپ قويسىمۇ ساقىيىپ كېتىدىغان يەڭگىل زەخمىلەرگىمۇ دوختۇرخانىغا بىرىپ ياللۇققا قارشى ئاسما ئوكۇللارنى ئاستۇردىغان بولۇپ كەتتى. دوختۇلاردىمۇ << 4-5 كۈن ئوكۇل ئېسىۋېتىلى>> دېيىش مودا بولغاندەكلا ئوموملىشىپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە پەقەتلا زۆرۈرىيىتى يوق، قايناق سۇ ئىچىپ، شۆۋگۈرۈچ قاينىتىپ ئىچىپ، سوغۇق ئۆتكۈزۋالماي ئارام ئالسىلا ياخشى بولۇپ كېتىدىغان كېسەللەرگىمۇ ئانتىبىئوتېكلارنى زورمۇ-زور ئىشلىتېۋىرىش نەتىجىسىدە بەدەنلىرىمىز زەھەرلەندى، كېسەلگە قارشى تۇرۇش تەبئىي ئىقتىدار ئاجىزلاشتى...

جۇڭگو سەھىيە مىنىستېرلىكى دورا نازارەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياۋ جىيەنخوڭ ئاشكارا سورۇنلاردا بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگولۇقلارنىڭ ...

[تەپسىلاتى]

ئەسكەرتىش:
مەزكۇر فىلىمدە ئادەم بەددىنىڭ ھەممە ئەزاسى دېگۈدەك ئوچۇق ئاشكارە سۈرەتكە ئېلىنغاچقا ئىمكان بار چوڭلار ۋە كىچىكلەر بىلەن بىر يەردە تۇرۇپ كۆرمەڭ. ھەمدە بىزنى سېرىق فىلىم تەرجىمە قىلىپتۇ دېگەن قاراشتىمۇ بولماڭ، بۇ ھۆججەتلىك فىلىم يەنى ئىلمىي پەن تېخنىكا فىلىمى شۇڭا ئىلمىي كۆز قاراشتا بولغايسىز!

مەزكۇر فىلىم ئەنگىلىيە  BBC نىڭ ئادەم بەدىنى ئاناتومىيىسىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپ چىققان 7 قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمى بولۇپ قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى يېقىندا بۇ قىممەتلىك ئەمگەكنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى ئىشلەپ روياپقا چىقاردى. (ھازىر ئىلان قىلغىنى 2 قىسىم) بۇ 2 قىسىم فىلىمدا ئادەم بەدىننىڭ تۈزىلىشى، ھامىلىنىڭ تۆرىلىشى، تۈزىلىشى، ياشنىڭ تۈرلەرگە بۆلىنىشى. ئەر بىلەن ئايالنىڭ قوشۇلىشى نەتىجىسىدە تۇخۇم بىلەن ئۇرۇقنىڭ قانداق بىرىكىشى، قايسى يوسۇندا ئۇچرىشىپ تۆرەلمە ھاسىل بولۇش، بوۋاقنى بارلىققا كېلىشى، تۇغۇلۇش جەريانى قاتارلىق ئىنچىگە تەپسىلاتلار زامانىۋى سىنغا ئىلىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئىشلەنگەن فىلىم  كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ. بۇ فىلىمنى كۆرسىڭىز ئۆز بەدىنىڭىزنى تولۇق چۈشىنىپ چىقالايسىز! فىلىمنى تەپسىلاتىغا كىرىپ كۆرۈڭ!

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئادەم بەدىنى ئاناتومىيېسى

گىپنوز


گىپنوز تېخنىكىسى ئىشارە قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق گىپنوزلانغۇچىنى ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرگۈزۈپ، ھەيران قالارلىق تەسىر ھاسىل قىلىدىغان بىر خىل سىېھرى تېخنىكا. گىپنوز ئادەمنى ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق (مەسىلەن ئازادە قىلىش، يەككە غىدىقلاش ئېلىپ بېرىش، دېققەتنى يېغىش، ئويلاش قاتارلىق) پەيدا قىلىنىدىغان بىر خىل ھەم ئۇيغۇ ھەم ئويغاق ھالەتتىكى ئاڭ غۇۋالىشىدىغان پىسخىك ھالەت. ئالاھىدىلىكى بولسا گىپنوزلانغۇچىدا مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىش، مۇستەقىل خاھىش ھەركىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى يوقىلىشى، تۇيغۇ، سېزىمدا ئېغىپ كېتىش ياكى يوقىلىش كۆرۈنىدۇ.
قەدىمدە گىپنوزغا ئوخشايدىغان نۇرغۇنلىغان خاتىرىلەر ساقلانغان، پەن-تېخنىكا تەرەققى قىلمىغانلىقتىن، ئۆزى ۋە سىرىتقى دۇنيادىكى بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ ياردىمى بىلەن بەزى كېسەللەرنى ساقايتقان. مىسال ئالساق بۇتخانىدىكى راھىبلار ياكى چىركاۋلاردىكى پوپلار نوم ئوقۇش، ۋەز ئېيتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغان، بۇلار ئۆزىنى گىپنوز قىلىش رولىنى ئوينىغان. خەلقىمىزدىمۇ پىرە ئويناپ كېسەل داۋالاش بىلەن شۇغۇللانغان باخشى، كاھىنلار ئۆزىدىكى ئەنە شۇ سىھرى <<كارامەت>> لىرى بىلەن بەزى روھىي كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتقان.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: گىپنوز hypnosism 催眠