ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمىزغا خۇش كەپسىز، قۇتلۇق قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا!

تۈر: ياشانغانلار ساغلاملىقىكۆرۈنمە ھالەت: نورمال | تىزىملىك

         ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندىن كىيىن، ئادەم مېڭىسى ئىقتىدار ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن قېرىلىشىشقا باشلايدۇ، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى كۆپلەپ چېكىنىدۇ، چوڭ مېڭە  قورۇلۇشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ۋە نېرۋا تالالىرىدا چېكىنىش خارەكتىرلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ، مېڭە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. گەرچە ياش چوڭايغانسىرى ئادەم مېڭىسىدە يۇقىرىقىدەك ئۆزگىرىشلەر بولسىمۇ، بىراق ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ...

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: دېۋەڭلىك ياشانغانلار

ھاياتلىق لىنيىسى خەۋىرى: كونىلاردا:«تاماقتىن كېيىن 100 قەدەم ماڭساڭ، 99 ياشقا كىرىسەن» دەيدىغان سۆ بار. نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى تاماقتىن كېيىن پىيادە مېڭىپ بېرىشنى ئادەت قىلغان. دوختۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاماقتىن كېيىن پىيادە مېڭىپ بېرىش ياخشى ئادەت بولسىمۇ ئەمما بارلىق كىشىلەرگە مۇۋاپىق كېلىۋەرمەيدىكەن، تۆۋەندىكىلەر تاماقتىن كېيىن پىيادە مېڭىشقا ماس كەلمەيدىكەن:

[تەپسىلاتى]

يۇقۇرى قان بېسىم

بىرلەمچى قان بېسىم دېگىنىمىز قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشىنى ئاساسلىق كىلىنكىلىق ئىپادە قىلغان ھەمدە كۆپ خىل خەتەرلىك يۈرەك-قان تومۇر ئامىللىرى ئەگىشىپ كېلىدىغان (ياكى كەلمەيدىغان) يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ ئادەتتە قىسقارتىلىپ يۇقىرى قان بېسىم دېيىلىدۇ.يۇقىرى قان بېسىم بولسا كۆپ خىل يۈرەك،مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ مۇھىم سەۋەبى ھەم خەتەرلىك ئامىلى بولۇپ،رەئىس ئەزالار،مەسىلەن يۈرەك،مېڭە،بۆرەكلەرنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ،ئاخىرىدا بۇ ئەزالارنىڭ زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھازىرمۇ يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىك ئۆلۈملىرىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى بولماقتا.
 
دەرىجىسى ۋە ئېنىقلىمىسى

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: يۇقۇرى قان بىسىم

قېنىق چايدىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرى قېنىق چاي، بولۇپمۇ قېنىق قىزىل چايدىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك. چۈنكى، قىزىل چاي تەركىبىدە چاي ئىشقارىنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، چوڭ مېڭىنى قوزغىتىپ، بىئاراملىق، ئۇيقۇ قېچىش، يۈرەك سېلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىدۇ. كۆك چاي قان بېسىمىنى داۋالاشقا پايدىلىق.
تۇزدىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. تۇزنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ناترىي خلور بولۇپ، ناترىي بەدەندە سۇيۇقلۇق، بولۇپمۇ قان سىغىمىنى ئاشۇرۇپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىپ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. شۇڭا قان بېسىمى ئاغرىقلىرى تۇزلۇق تاماقتىن پەرھىز تۇتۇشى، قان بېسىمى نورمال كىشىلەرمۇ تاماقنى تۇزلۇق قىلىۋەتمەسلىكى، ئادەتتە بىر ئادەمنىڭ كۈنلۈك تامىقىدىكى تۇز تۆت – بەش گرامدىن ئاشماسلىقى كېرەك.
ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدىن ...

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: يۇقۇرى قان بېسىم

بىرىنچى خاتا قاراش: ئارقىچىلاپ مېڭىپ چېنىقىش پايدىلىق. ياشانغانلار مەيدان ياكى كوچىلاردا ئۈچ  –  تۆتتىن بولۇپ ئارقىچىلاپ مېڭىپ بەدەن چېنىقتۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق پۇتنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بەل ئاغرىقىنى داۋالاپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنى يېنىكلەتكىلى بولسىمۇ، لېكىن ياشانغانلارنىڭ بۇنداق چېنىقىش ئۇسۇلىنى تاللىشى مۇۋاپىق ئەمەس. سەۋەبى ياشانغانلارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ھەرىكىتىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ئاجىز، سەزگۈرلۈكى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، ئارقىچىلاپ ماڭغاندا ئاسانلا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈش ياكى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ يىقىلىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، ئۇمۇرتقا تۈۋرۈكى، داس سۆڭىكى، تىز، ئوشۇق بوغۇمىنىڭ تاسادىپىي زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ياشانغانلار ھاۋا سۈپىتى ياخشى ۋاقىتنى تاللاپ مېڭىپ بېرىشى، سەكرەپ بېرىشى، بەل، دۈمبە مۇسكۇللىرىنى مۇۋاپىق چېنىقتۇرۇشى، ئومۇرتقا، بوغۇملارنى ئەركىن ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىشى كېرەك.
    

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ياشانغانلار

مىڭە يىگىلەش كېسىلى _ ئادەتتە ياشانغانلاردا بولىدىغان دىۋەڭلىك كىسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ خىل كىسەللىك ئادەتتە مىڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يىتەرلىك بولماسلىق ياكى مەلۇم بىر دائىرە ئىچىدە قان بىلەن تەمىنلىنەلمەسلىك (قان نوكچىسى شەكىللىنىش، قان تومۇرلار توسۇلۇپ قېلىش، يۇقىرى قان بېسىم سەۋەبىدىن مىڭىگە قان چۈشۈش ) سەۋەبىدىن پۈتۈن مىڭە ياكى مىڭىنىڭ مەلۇم قىسملىرى يىگىلەپ، شۇنىڭغا ماس ھالدا ئومۇمى بەدەن خىزمىتىدە ئاستا خاراكتىرلىق، تەدرىجى ئېغىرلايدىغان چېكىنىش كۆرۈلىدۇ . يەنى ھەركەت قىلىش ئىقتىدارى تەدرىجى تۆۋەنلەش، بارا بارا ھەركەت قىلالماسلىق، بارا بارا چوڭ كىچىك تەرەتلىرىنى ئۇقالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ . ئاسان ئاچچىقلايدىغان، بىرسىدىن ئىتتىك رەنجىيدىغان، بولۇپمۇ يېقىن كىشىلىرى پەرزەنتلىرىدىن دائىم ئاغرىنىدىغان بوولۇپ قالىدۇ. دىققىتىنى يىغالمايدۇ، ئۇنتۇغاق بولۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئاسان ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئەمما بۇرۇنقى ئىشلار ئېسىدە تۇرىدۇ. بەزىدە بىر خىل ھەركەتنى قايتا قايتا تەكرارلايدۇ.

[تەپسىلاتى]