


كىرەك 80خالتا دۇكىنى (ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر)
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-10-21
80خالتا دۇكىنى يېقىندا 3-قېتىملىق كۆچۈشنى تامام ئەتتى. بالدۇرقى ئىككىسى ئىجارە دۇكانلار بولۇپ ئىجارىنىڭ قالايمىقان ئۆستۆرلىشى سەۋەبلىك مۇقىم بولماي قالغان ئىدى. مانا ئەمدى 2-قەۋەتتىن بولسىمۇ سېتىۋالغان دۇكاندا خاتىرجەم ئولتۇرۇشقا نېسىپ بولغاي!
ئەمدى ، مۇشۇ شەھەر ئىچىدە تۇرۇپمۇ تورغا ئۇچۇر يېزىپ مەسلەھەت سورىغان تورداشلىرىمىزنى ئەركىن-ئازادە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىش ئىمكانىيتى بولغان ئىشخانامغا تەكلىپ قىلىمەن. بىر پىيالە قىززىق چىيىمىز ياكى بىر ئىستاكان مۇزدەك شەربەتلىرىمىز بوسۇغىمىزدىن ئاتلىغان ئىكەنسىز سىزگە بەرگەن ھاردۇق سۈيىمىز بولىدۇ. خۇدا خالىسا دۇكىنىمىزغا كىرگەن ھەر بىر مىھمانلىرىمىز ئۈچۈن شۇنداق ئازادە كەيپىيات بىرەرمىز دېگەن ئۈمۈدىمىز بار. تور بېتىمىزگە كىرگەن مىھمانلىرىمىزغا قىززىق چاي، مۇزدەك شەربەتلىرىمىز بولمىسىمۇ سەمىمى كۆڭلىمىز ھەم گۈزەل تىلەكلىرىمىز بار. تورداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش، دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپا بولۇش ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تېرىشچانلىق كۆرسىتىمىز! تورداشلارغا رەھمەت!
80خالتا كېرەك ئۇيغۇر تېبابەت چاي، دورا-دەرمەك ھەسەل دۇكىنى كەڭ خىرىدار مىھمانلىرىمىزغا ئازادە موھىت يارىتىپ ئەلا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
مەنزىلىمىز: قەشقەر شەھەر ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7- رايون A بۆلەك 018-نۇمۇر (2-قەۋەت) يەنى ھېيتگاھ مەسچىت ئالدى مەيدان نوربېشى تەرەپ گۈمبەز يېنىدىكى << نوربېشى ئاشخانىسى >> نىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە. ھېيتگاھ مەيداندىكى چوڭ تېلۋىزوردىن 50 مېتىر نېرىدا.
تېلفۇن: 0998-2820877
يانفۇن:13565662787 ، 15309982787
باش ئۇستام: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
سودا-سانائەت بانكا كارتا نۇمۇرى:
6222023012009503303 麦麦吐尔逊祖农
يېزا ئامانەت قەزر كوپراتىپ نۇمۇرى:
8609070001020100654442 麦麦吐尔逊.祖农








مەن بىريىل ئىلگىرى بۈرەكتە 2سانتېرتاش باردەپ体外碎石تېخنىكىسى بىلەن پاپپاكىز چۈشۈرۈۋەتكەن ئىدىم يېقىندا پۇتۈن بەدىنىمنى تەكشۈرتۈپ چىقتىم تاش يوقكەن ئازراق 脂肪肝,血脂高دىگەندەك ئەھۋاللار بارئكەن
مەن تاماكا چىكىش ھاراق ئىچىش ئىشلىرىنى تاشلىغىلى3يىل بولدى ھېلقىدەك ناچار ئادەتلەر يوق بىراق كىچىكىمدىن بۆرۈكۈم سەل ئاجىز مەن 10يېشىمغىچە سىيىپ ياتاتتىم كىيىن ئۆزلىگىدىن ئاستا-ئاستاقالدى تاھازىرغاقەدەرسىيىپ بولغاندىنكىيىن ئازراق سىيگۈم باردەك ھىسقىلىمەن بەزىدە راسلا ئازراق سىيىمەن بۇتوغۇرلۇق ھېچقانداق داۋالىنىش قىلىپ باقمىدۇق مۇھىم مەسىلە شۇكى مەن توي قىلىپ بىرئۇماق پەرزەنىتلىك بولغان بولساممۇ ئايالىم بىلەن مۇناسىۋەتتە ياكى ئۈزەمنى ياكى ئايالىمنى رازى قىلىلمىدىم ھازىر ئەھۋال ئېغىرلىشىپ ئايالىم بىلەن ھەپتىدە بىرقېتىم مۇناسىۋەتتە بۇلىدىغان ۋاختى تولىمۇ قىسقا بۇلىدىغان بىركىچىدە 2~3قېتىم كىچىك تارەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم داۋاسىنى قىلغايلا.
يېشىم:33ئېغىرلىغىم:80كىلو:بويۇم:175سانتا.تىزرەك جاۋابىنى بەرگەن بولسىلامەخپىيەت ئۈچۈن تىلفون نومۇرۇمنى تىلفونلىرىغائۇچۇر قىلىپ يوللاپ قويدۇم ئالاقىلاشساق بولاتتى

مۇبارەك بولسۇن . شۇنداق چىرايلىق دۇكان ئېچىۋاپسىز.



ماڭا قارا چۈمۈلە مېيىنىڭ رولى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەققىدە ئازراق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.