ھەسەل تەملىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە كۆپ خىل ئۈنۈمگە ئىگە.

  1. ھەسەل ناھايتى مۇقىم ماددا بولۇپ، ياخشى ساقلىغاندا نەچچە يۈز يىلغىچە سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ، ئوزۇقلۇقىمۇ ئىسراپ بولمايدۇ.

  2. ھەسەل يۈرەك قان تومۇرى سىستېمىسىغا يىغىلىپ قالغان ياغنى ئازايتىدۇ.

6. ھەسەل ئۇخلىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى ياغنى خورىتىدىغان ئەڭ ياخشى يېقىلغۇ. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىۋەتسە، ئېغىرلىقنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى بار.

......... ھەسەلنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بولۇپ ، بەدەننىڭ ئېممونىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ . ئاجىز ، ئوڭاي ئاغرىيدىغان ھەمدە سالامەتلىكى ناچار بالىلارغا بەك ماس كېلىدۇ . ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار بىر سوتكا ئىچىدە 30-50 گرامغىچە ھەسەلنى ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ ، ئىچىپ بەرسە راخت كېسەللىكىنى داۋالايدۇ . ئەگەر بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى بولمىسا ، ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچكۈزسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ . ئەگەر بالىلارنىڭ بېشى ئاغرىپ ، مىجەزىدە ئۆزگىرىش بولسا ، ئەتىگەن ، كەچتە 30 -50 گرامغىچە ھەسەلنى ئىچىپ بەرسە ، ناھايتى پايدىلىق.
 

" /> ھەسەلنىڭ يېڭىدىن بايقالغان 10 خىل ئۈنۈمى - 80 خالتا بلوگى

ھەسەلنىڭ يېڭىدىن بايقالغان 10 خىل ئۈنۈمى


ھەسەل تەملىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە كۆپ خىل ئۈنۈمگە ئىگە.

  1. ھەسەل ناھايتى مۇقىم ماددا بولۇپ، ياخشى ساقلىغاندا نەچچە يۈز يىلغىچە سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ، ئوزۇقلۇقىمۇ ئىسراپ بولمايدۇ.

  2. ھەسەل يۈرەك قان تومۇرى سىستېمىسىغا يىغىلىپ قالغان ياغنى ئازايتىدۇ.

  3. ھەسەل بىردىنبىر تەبئىي تاتلىق تېتىتقۇ ھېسابلىنىدۇ.

  4. ھەسەل ئايرىپ ئېلىنغان شېكەر ياكى ساخاروزىدەك ئاشقازاندا ئېچىمايدۇ، شۇڭا ھەسەل ئىستېمال قىلغاندا باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش خەۋپى بولمايدۇ.

  5. ھەسەل قەنتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئاددىي مولېكۇلالىق شەكىل بولغاچقا، داۋاملىق پارچىلانمايدۇ. ئۇ كىچىك ئۈچەي ئارقىلىق بىۋاستە قانغا ئۆتىدۇ، شېكەر ساخاروزىغا ئوخشاش ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا مەسلە پەيدا قىلمايدۇ.

  6. ھەسەل ئۇخلىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى ياغنى خورىتىدىغان ئەڭ ياخشى يېقىلغۇ. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىۋەتسە، ئېغىرلىقنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى بار.

  7. ھەسەل كۆيۈكنى داۋالاشتىكى ئەڭ ياخشى ماددا . ھەسەل ئاغرىقنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، كۆيگەن جاينى تېز ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ھەم تارتۇق قالدۇرمايدۇ.

  8. ئالىملار ھەسەل تەركىبىدە كۆپ خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپنى بايقىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى بىر خىل رېئاكتىپ ھەسەل تەركىبىدىلا بولغاچقا، ھەسەلنىڭ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى ناھايتى ياخشى.

  9. ھەسەل ئىچكۈزۈش بالىلارنىڭ يۆتىلىنى داۋالاشتىكى بىخەتەر ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

  10 . چېنىقىشنىڭ ئالدى ۋە كەينىدە ئازراق ھەسەل ئىستېمال قىلىۋەتسە، بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى ھەسەل ئىستېمال قىلمىغانلارنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە تېز بولىدۇ .

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

ھەسەل تەبئىي يېمەكلىك بولۇپ چوڭلارغا ياكى بالىلارغا ناھايتى پايدىلىق . ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاساسلىقى قەنت ، فروكتوزا ، فېرمېنت ، ھەر خىل ئورگانىك بىرىكمىلەر ، مىكرو ئېلېمىنتلار ، ئورگانىك فېرمېنت ۋە ۋىتامىنB بار . ھەسەلنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولۇپ ، 100گرام ھەسەلدىن 315 كالورىيە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ئاجرىتىپ چىقىرىلىدۇ .
ھەسەل تاتلىق بولغان بىلەن بالىلار چىشىنىڭ ئېمال ماددىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ . شۇڭا ئاۋستىرالىيىلىك بالىلار مۇتەخەسسىسلىرى بالىلارغا چىش چىقىش مەزگىلىدە ، چىش مىلىكىگە ھەسەل سۈركەپ قويۇش كېرەك ، دەپ قارىغان .
ھەسەلنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بولۇپ ، بەدەننىڭ ئېممونىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ . ئاجىز ، ئوڭاي ئاغرىيدىغان ھەمدە سالامەتلىكى ناچار بالىلارغا بەك ماس كېلىدۇ . ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار بىر سوتكا ئىچىدە 30-50 گرامغىچە ھەسەلنى ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ ، ئىچىپ بەرسە راخت كېسەللىكىنى داۋالايدۇ . ئەگەر بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى بولمىسا ، ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچكۈزسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ . ئەگەر بالىلارنىڭ بېشى ئاغرىپ ، مىجەزىدە ئۆزگىرىش بولسا ، ئەتىگەن ، كەچتە 30 -50 گرامغىچە ھەسەلنى ئىچىپ بەرسە ، ناھايتى پايدىلىق.
مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

ھەسەل ھەققىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار تۆۋەندىكى بەتتە:

www.80halta.com/./asp_174.html




[Birzat بۇنى 2010-10-25 08:36 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ھەسەل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماarkan711[2011-10-30 11:48 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلايكۇم !مەن سىلدىن بىر مەسلھەت سورىماقچى ئىدىم،ئادەتتە ھەسەلنى قايناقسۇدا ئىرىتىپ ئىچسە ئۈنۈمى ياخشى بۇلامدۇ ياكى قايناقسۇنى سەل سويۇتۇپ دەملەپ ئىچسە ئۈنۈمى ياخشى بۇلامدۇ؟
回复قايتۇرماkainam[2010-10-28 12:44 AM | del]
يۇقىردىكى مۇئەخخەتتۇرسۇن تورداش ، تولا خەقنىڭ تور نامى بىلەن قالماي ، قانداق قىلغاندا ياخشىراق جان باققىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپرەك ئىزدەنگەيسىز .  ئىسىم ھەققىدە بىرزات ئاللا بۇرۇن چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتكەن .
回复قايتۇرماmuahhattursun[2010-10-27 10:56 PM | del]
  بىر  ئەپەندىم ، ياكى  بىر  كىشى  ،ياكى  بىر  مۇساپىر ، بىر تىۋىپ  دەيلى  ..
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.