پالەك كۆزنى نۇرلۇق ۋە چىرايلىق قىلىدۇ،ناماز شام قارىغۇسى كېسىلى ۋە جاۋىغاي ياللۇغىنى داۋالايدۇ.
پالەك كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ چىكىنىش خەۋپىنى ئازايىتىپ،بۇ ئارقىلىق كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسرايدۇ.
پالەك قان بېسىمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ،كۆپ خىل راك كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ھامىلدار ئاياللار پالەكنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ،چۈنكى ئۇ ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭە نېرۋىلىرىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، ھامىلىنىڭ غەيرىي نورمال توغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.پالەك تۆمۈر يېتىشمەسلىك خارەكتىرلىك قان ئازلىقنى داۋالايدۇ.
پالەك ئاشقازان ئۈچەينى تازىلاپ، بەدەننى زىلۋالاشتۇرىدۇ.
پالەك قېرىشقا قارىشى تۇرۇش، ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە، قېرىلىقتىكى دىۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى داۋالايدۇ.
پالەك ئادەمنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيىدىكى ئىسسقلىق زەھىرىنى تازلايدۇ؛جۇڭيى تىبابەتچىلىكى، تەبئىتى سوغۇق بولۇپ، قاننى تولۇقلايدۇ، قاننى توختىتىدۇ، مەنپىيىلىكنى چەكلەپ، قۇرۇقلۇقنى ھۆللەيدۇ، بۇ ئارقىلىق قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە داۋالاپ،ئادەمنىڭ چىرايىنى نۇرلۇق قىلىدۇ دەپ قارايدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
 

" /> پالەكنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى - 80 خالتا بلوگى

پالەكنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى


پالەكنىڭ ئۇرۇقى تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى تاڭ تەيزۇڭنىڭ جېنگۇەن2-يىلى(مىلادىيە628-يىلى) نېپالدىن سوۋغات سۈپىتىدە ئېلىمىزگە كىرگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پالەك تا ھازىر غىچە جوڭگۇلۇقلارنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.شۇنىڭدىن يەنە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندە،پالەك ئاندىن ئىسپانىيىگە تارقىلىپ كىرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ياۋرۇپا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى ئەللەرگە تارقالغان،بۈگۈنكى كۈندە ئۇنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ -پۇچقاقلىرىدىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
پالەك تەركىبىدە ۋىتامىنB6،ۋىتامىن،AۋىتامىنC شۇنىڭدەك تۆمۈر، ماگنىي، كالىي، كالتىسىي قاتارلىقلار بار.
پالەك كۆزنى نۇرلۇق ۋە چىرايلىق قىلىدۇ،ناماز شام قارىغۇسى كېسىلى ۋە جاۋىغاي ياللۇغىنى داۋالايدۇ.
پالەك كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ چىكىنىش خەۋپىنى ئازايىتىپ،بۇ ئارقىلىق كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسرايدۇ.
پالەك قان بېسىمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ،كۆپ خىل راك كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ھامىلدار ئاياللار پالەكنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ،چۈنكى ئۇ ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭە نېرۋىلىرىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، ھامىلىنىڭ غەيرىي نورمال توغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.پالەك تۆمۈر يېتىشمەسلىك خارەكتىرلىك قان ئازلىقنى داۋالايدۇ.
پالەك ئاشقازان ئۈچەينى تازىلاپ، بەدەننى زىلۋالاشتۇرىدۇ.
پالەك قېرىشقا قارىشى تۇرۇش، ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە، قېرىلىقتىكى دىۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى داۋالايدۇ.
پالەك ئادەمنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيىدىكى ئىسسقلىق زەھىرىنى تازلايدۇ؛جۇڭيى تىبابەتچىلىكى، تەبئىتى سوغۇق بولۇپ، قاننى تولۇقلايدۇ، قاننى توختىتىدۇ، مەنپىيىلىكنى چەكلەپ، قۇرۇقلۇقنى ھۆللەيدۇ، بۇ ئارقىلىق قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە داۋالاپ،ئادەمنىڭ چىرايىنى نۇرلۇق قىلىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
پالەك پىشۇرۇلغاندىن كېيىن يۇمشاق ھەم سىلىق بولۇپ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ، شۇڭا ئۇ ياشانغانلار، كىچىك بالىلار، ئاغرىقچان، تېنى ئاجىزلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ. كومپىيوتېر مەشغۇلاتچىلىرى، ئاياللار دائىم پالەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى لازىم.دىئابېت كېسىلىگە گىرپىتار بولغانلار دائىم پالەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە قان شېكىرىنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولىدۇ.
پالەكنى يېڭى نىلوپەر يەر ئاستى غولى بىلەن بىللە كۈنجۇت مىيىدا تەكشى ئارلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە جىگەرنى تازىلاپ،كۆزنى روشەنلەشتۇرىدۇ؛قوي جىگىرى پالەك شورپىسى كۆز قۇرغاقلىشىش، ئاغرىش مەسىلىسىنى ياخشىلايدۇ. پالەك سېلىپ قۇرۇما قورۇشتا ئەڭ ياخشىسى كۈنجۇت مىيى ئىشلىتىسە، قورۇمىنىڭ تەمى ياخشى بولۇپلا قالماي، بەلكى پالەكنىڭ كۆزنى روشەنلەشتۇرۇش رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ، پالەك تەركىبىدە چۆپ كىسلاتاسى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ كالتىسىينى شۈمۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.پالەك قايناق سۇغا بىسىۋېتىلسە، ئۇنىڭ قىرتاق تەمى ۋە چۆپ كىسلاتاسى چىقىپ كېتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ پالەك تەركىبىدىكى كالتىسىينى شۈمۈرۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ،
پالەكنى دۇفۇ بىلەن بىللە قۇرۇپ ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى پالەك تەركىبىدكى چۆپ كىسلاتاسى ئاسانلا دۇفۇ تەركىبىدىكى كالتىسىي بىلەن بىرىكىپ، كالتىسىي ئوكسالاتىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىپ شۈمۈرۈشى ئۇچۇن پايدىسىز.
پالەك ئىستېمال قىلىش بىلەن بىللە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە باشقا بەزى ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرمەسىلەن: خەيدەي، كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا، كالتىسىي ئوكسالاتىنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
پالەكنى قان ئۇيۇشقا قارىشى دورىلار بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، كىچىك بالىلار، كالتىسىي يېتىشمەسلىك، كۆمۈرچەك كېسىلى، ئۆپكە تۇبېركوليۇز كېسىلى بارلار، بۆرىكىدە تاش پەيدا بولغانلار، ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر پالەكنى خام ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.
گەرچە پالەك تەركىبىدە تۆمۈرنىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئارىسىدا ئادەم بەدىنى شۈمۈرۈپ پايدىلىنالايدىغىنى ئانچە كۆپ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە سىنىك ۋە كالتىسىينىڭ شۈمۈرلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، شۇڭا پالەكنى تۆمۈر،قان تولۇقلىغۇچى قىلىپ پايدىلىنىشقا بولمايدۇ، بولۇپمۇ بالىلارغا پالەكنى كۆپ يېگۈزمەسلىك كېرەك.




[Birzat بۇنى 2010-10-26 04:58 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: پالەكنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.