قىچا يېغى قان تومۇرلارنى يۇمشىتىپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ،نېرۋا، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
قىچا يېغى تەركىبىدە سىناپىك كىسلاتا مىقدارى ئالاھىدە يۇقىرى بىر خىل ياغ بولۇپ، ئۇنىڭ يۈرەك مۇسكۇلىغا ياغ ئولتۇرۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان-چىقارمايدىغانلىقى ۋە يۈرەكنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان-ئۇچراتمايدىغانلىقى ھەققىدە نۆۋەتتە تېخى تالاش-تارتىش مەۋجۇت. تاجىسىمان ئارتېرىيلىك يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بىسىمغا گىرىپتار بولغانلار يەنىلا قىچا يېغىنى ئاز ئىستېمال قىلىشى لازىم.

قېچا يېغى ئېستىمال قىلىشتا دېققەت قىلىدىغان ئىشلار:

" /> قىچا يېغىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى - 80 خالتا بلوگى

قىچا يېغىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى


قىچا يېغى قىچىنىڭ ئۇرۇقىدىن تارتىلىدىغان بىر خىل يېمەكلىك ياغدىن ئىبارەت، ئۇنىڭ رەڭگى ئالتۇن سېرىقى رەڭدە ياكى قوڭۇر سېرىق رەڭدە بولۇپ، بەلگىلىك غىدىقلىغۇچى پۇرىقى بار، بۇ خىل پۇراق قىچا يېغى تەركىبىدە بەلگىلىك مىقداردا قىچا گلىكوزىدى بولغانلىقتىن بولىدۇ، لېكىن ئەلا سورتلۇق قىچا تەركىبىدە بۇ خىل ماددا بولمايدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
قىچا يېغى تەركىبىدە ۋىتامىنE، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.
قىچا يېغى قان تومۇرلارنى يۇمشىتىپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ،نېرۋا، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
قىچا يېغى تەركىبىدە سىناپىك كىسلاتا مىقدارى ئالاھىدە يۇقىرى بىر خىل ياغ بولۇپ، ئۇنىڭ يۈرەك مۇسكۇلىغا ياغ ئولتۇرۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان-چىقارمايدىغانلىقى ۋە يۈرەكنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان-ئۇچراتمايدىغانلىقى ھەققىدە نۆۋەتتە تېخى تالاش-تارتىش مەۋجۇت. تاجىسىمان ئارتېرىيلىك يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بىسىمغا گىرىپتار بولغانلار يەنىلا قىچا يېغىنى ئاز ئىستېمال قىلىشى لازىم.
ياغنىڭ مۇئەييەن سۈپەت مۇددىتى بولىدۇ. بەك ئۇزاق ۋاقىت ساقللانغان ياغنى ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. قىچا يېغىنىڭ ئازراق ئوتياش پۇرىقى بولغاچقا، بىۋاستە ئىشلىتىپ سوغۇق سەي تەييارلاشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.
يۇقىرى تىمپېراتۇرىدا قىزىتلىغاندىن كېيىنكى تەكرار قىزتىپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم.
قىچا يېغى تەركىبىدە ياغ كىسلاتاسى قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر ئىھتىياجلىق ياغ كىسلاتاسى كەمچىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىبىمۇ تەكشى ئەمەس بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى باشقا ئۆسۈملۈك مايلىرىنىڭكىدىن تۆۋەنرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا قىچا يېغىنى ئاز ئىستېمال قىلىش لازىم.




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: قىچا يېغىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرمازىبا[2012-03-20 11:15 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،سىلى بەك ئالدىراشمۇ ؟سىلىنىڭ بەرگەن مەسلىھەتلىرىنى قانداق كۆرىمەن ؟
回复قايتۇرمازىبا[2012-03-09 00:21 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى ،مەن ئىلگىرى دۇكانلىرىغا بىرىپ لازىملىق نەرسىلەرنى سىتۋالغان ،سىلىنى تونۇيمەن ، بۈگۈن بىلۇگلىرىغا ئوڭۇشلۇق كىرەلىدىم ،ئەمما خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كىسىلىمنى يۈز-تۇرانە كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى يوق ، سەمىمى مەسلىھەتلىرىنى ئايىمغايلا ، بايا ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، بىشىممۇ پات-پات چاراس- چۇرۇس قىلىدۇ ،بەك يۇقىرى ئاۋازلارنى ئاڭلىسام قۇلىقۇممۇ ئىتىلىپ قالىدۇ . بۇ قانداق ئالامەتتۇ؟
回复قايتۇرمازىبا[2012-03-09 00:10 AM | del]
مەن بۇ بىلۇگنىڭ دائىملىق مىھمىنى ، يىقىندا بوينۇم پات-پات ئاغرىيدىغان بولىۋالدى ( زۇكامدىغان چاغلاردا )،يەنە بوينۇمدا گۈرۈچچىلىلىك بەزلەر پەيدا بولۇپ قالدى ،بەك چارچىمساممۇ ، ئۇزاق ئۆرە تۇرۇپ قالساملا پۇتۇم ئاغرىيدۇ ، بۇ قانداق ئالامە ت؟ تەكشۈرتسەم قايسى ئەزايىمنى تەكشۈرتىشىم كىرەك ؟مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا .
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.