بىزدەك كەڭرى يېزا-سەھرادا ياشاپ كۆنۈپ قالغان ئادەمگە قەۋەتلىك ئۆيدە ياشاش بىر ئاز سىقىلىش پەيدا قىلىدىكەن. كەچقۇرۇنلىرى ئادەتتە ئۆيگە قايتسام كىتاب كۆرمەي قالساملا ئوغلۇم بىلەن بىردەم ئوينىشىپ قويىمەن. ئاخشام ئۆيگە كىرسەم تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ مېنى تەڭ ئوينىشىپ بىرىشكە مەجبۇر قىلىپ قويدى دەسلەپتە مۈكۈشمەك ئوينىدۇق. مۈكۈۋالغان جايىمنى تېپىۋالسا غەلبىسىنى تەنتەنە قىلىپ چۇقىراپ سەكرەپ كېتىدۇ. خىلى ئۇزۇن مۈكۈشمەك ئويناپ سەل مەززىسى قالمىغىلى تۇرغاندا قوغلاشماق ئوينىدۇق. ئۇ قوغلايدۇ مەن قاچىمەن، يالغاندىن يىقىلىپ چۈشكەن بولىۋالىمەن. مېنى بىسىۋىلىپ بوينۇمغا مىنىپ قۇلقىمنى تارتىدۇ. شۇنداق قوغلاشماق ئويناپ يۈرۈپ مېنى بەك ھاردۇرۋەتتى. جىممىدە يېتىۋالسام مېنى تارتىپ تۇرغۇزماقچى بولۇپ كۈچەپ كىتىدۇ. ئالدىنقى كۈنلىرى تىلۋىزۇردىن كۆرگەننى دوراپ بىر ئويۇن چىقىرۋاپتىكەن. كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى تاپانچا شەكلىدە ئۇدۇللاپ ئۆيدىكىلەرنى نىشانلاپ تۇرۇپ << تۇ، تۇ>> دەپ ئاتىدىكەن. باشقىلار يالغاندىن ئۆلگەن بولۇپ يېتىپ بەرمىسە كىلىپ ئىتتىرىپ دىگۈدەك ياتقۇزۇپ قويمىغىچە بولدى قىلمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن قولۇمنى چىقىرىپ <<تۇ، تۇ>> دەپ ئوغلۇمنى << ئاتتىم >>. ئۇ گۈپپىدە يېقىلىپ جىممىدە ياتتى، بىردەمدىن كىيىن ئاستا ئورنىدىن تۇراي دېسە يەنە <<تۇ، تۇ>> دەپ قويۇپ ياتقۇزۇپ قويۇپ دېگەندەك  ئويناۋاتساق ئىشىك چىكىلىپ ئاستىنقى قەۋەتتىكى قوشنامنىڭ قىزى قاراپ تۇرىدۇ،

" /> بىنا ئۆيدە ئولتۇرۇشنىڭ قانداق ئەدەبلىرى بار؟ - 80 خالتا بلوگى

بىنا ئۆيدە ئولتۇرۇشنىڭ قانداق ئەدەبلىرى بار؟


بىزدەك كەڭرى يېزا-سەھرادا ياشاپ كۆنۈپ قالغان ئادەمگە قەۋەتلىك ئۆيدە ياشاش بىر ئاز سىقىلىش پەيدا قىلىدىكەن. كەچقۇرۇنلىرى ئادەتتە ئۆيگە قايتسام كىتاب كۆرمەي قالساملا ئوغلۇم بىلەن بىردەم ئوينىشىپ قويىمەن. ئاخشام ئۆيگە كىرسەم تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ مېنى تەڭ ئوينىشىپ بىرىشكە مەجبۇر قىلىپ قويدى دەسلەپتە مۈكۈشمەك ئوينىدۇق. مۈكۈۋالغان جايىمنى تېپىۋالسا غەلبىسىنى تەنتەنە قىلىپ چۇقىراپ سەكرەپ كېتىدۇ. خىلى ئۇزۇن مۈكۈشمەك ئويناپ سەل مەززىسى قالمىغىلى تۇرغاندا قوغلاشماق ئوينىدۇق. ئۇ قوغلايدۇ مەن قاچىمەن، يالغاندىن يىقىلىپ چۈشكەن بولىۋالىمەن. مېنى بىسىۋىلىپ بوينۇمغا مىنىپ قۇلقىمنى تارتىدۇ. شۇنداق قوغلاشماق ئويناپ يۈرۈپ مېنى بەك ھاردۇرۋەتتى. جىممىدە يېتىۋالسام مېنى تارتىپ تۇرغۇزماقچى بولۇپ كۈچەپ كىتىدۇ. ئالدىنقى كۈنلىرى تىلۋىزۇردىن كۆرگەننى دوراپ بىر ئويۇن چىقىرۋاپتىكەن. كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى تاپانچا شەكلىدە ئۇدۇللاپ ئۆيدىكىلەرنى نىشانلاپ تۇرۇپ << تۇ، تۇ>> دەپ ئاتىدىكەن. باشقىلار يالغاندىن ئۆلگەن بولۇپ يېتىپ بەرمىسە كىلىپ ئىتتىرىپ دىگۈدەك ياتقۇزۇپ قويمىغىچە بولدى قىلمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن قولۇمنى چىقىرىپ <<تۇ، تۇ>> دەپ ئوغلۇمنى << ئاتتىم >>. ئۇ گۈپپىدە يېقىلىپ جىممىدە ياتتى، بىردەمدىن كىيىن ئاستا ئورنىدىن تۇراي دېسە يەنە <<تۇ، تۇ>> دەپ قويۇپ ياتقۇزۇپ قويۇپ دېگەندەك  ئويناۋاتساق ئىشىك چىكىلىپ ئاستىنقى قەۋەتتىكى قوشنامنىڭ قىزى قاراپ تۇرىدۇ، ھە قىزىم كىرىڭ، دېسەم ،  - بالىڭىز بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ ئۈگۈنۈش قىلالمىدۇق. دەيدۇ. ۋاي ئاللا ، ما ئىشنى، خاپا بولماڭ، ئوغلۇم ئەمدى ئۇخلايدۇ، خاتىرجەم ئۈگۈنۈشىڭلارنى قىلىۋىرىڭلار ھە، دەپ ئۇزۇتۇپ قويدۇم. ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ كۇچادىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە سۆزلىگەن نۇتىقىدا قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، خاراكتېر يېتىلدۈرۈشى بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى ھەققىدە سۆزلەپ كىلىپ ، ئەمەلىيەتتە تەرەققى قىلغان ئەللاردە بولۇپمۇ ئەنگىلىيەدە بىنا ئۆي كەمبەغەللەرنىڭ تۇرالغۇسى ھېسابلىنىدۇ، بىزنىڭ بۇ يەردە ئەھۋال باشقىچە دېگەندەك سۆزلەرنى قىپتىكەن. بىنا ئۆيگە ھەۋەس قىلغۇدەك يېرىمۇ يوق ئىكەن دەپ قالدىم. ئاۋۇ قىزنىڭ ئىشىكنى چىكىپ كىرىپ بىزنىڭ ئۆز ئۆيىمىز ئىچىدىكى پائالىيتىمىزگە چەك قويۇشى ھەقىقەتەن ئىچىمنى پۇشۇردى. بەلكىم شۇلارنىڭ ئۆيىدىنمۇ ئاۋاز چىقسا بىزنىڭمۇ ئارامىمىزنى بۇزىدىغانلىقى ئىنىق بولسىمۇ يەنىلا سىقىلىشتىن خالىي بولالمىدىم.

ئۇششاق بالىلىرىڭلار بار ، ئۇزۇن يىللىق بىنا ئۆيدە ئولتۇرۇش تەجىربەڭلار بار تورداشلار مەندەك بىنا ئۆيدە ئولتۇرۇپ باقمىغان سەھرالىققا بىنا ئۆيدە ئولتۇرۇشنىڭ يەنە قانداق ئەدەبلىرى بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەلىم بەرگەن بولساڭلار.

(بايا ئىچكى ھېسياتىمنى بىر ئۇزۇن  تېما قىلىپ يوللىسام يوللانمايلا يوقاپ كەتتى. كىيىن ئىلھام قاچقاندا قايتا يازغان نەرسە چۇۋالچاقلا چىقىپ قالىدىكەن)




[Birzat بۇنى 2010-10-26 07:46 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: بىنا، ئۆي

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماhoxal[2010-12-12 06:38 PM | del]
ئەسسالام بىرزات ئەپەندىم . مەن بىر مەسىلىگە دۇچ كەلگەن ئىدىم ، شۇڭا مەسلىھەت سوراي دىگەن ،لېكىن تىما يازدىغان جاينى تاپالمايۋاتىمەن .
回复قايتۇرماتەسنىم[2010-11-13 00:41 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!

    1-سىز تىبابەت سايمانلىرىنى ئۆيىڭىزگە ئاپپىرىپ ئىشلىتىپ سالماڭ مەسلەن ھاۋانچىنى دىمەكچىمەن.ھى ھى  ھى ...

  2- رەسۇللا سامساق ،پىياز دىگەندەك نەرسىلەرنى باشقىلارنىڭ بىزار بوپ قىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ يىيىشتىن چەكلىگەن ئىكەن  چوڭ كىچىك تەرەت قىلغاندا سۇ ماڭدۇرۇشنى ئۇنتۇماڭ چۇنكى  ئۇ ئاجراندىلار  سولياۋ نەيچە ئىچىدە توۋەنگە چۈشكەندىن كىيىن باشقىلارغا پۇرايدۇ.

3-ئاۋز چىقىرىپ مەشخۇلات قىدىغان ۋاقىتنى قوشنىڭىزنىڭ  كۇندۈلۈك تۇرمۇش ئەھۋالىنىڭ  قانداق ئىكەنلىكىگە ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇڭ.

كۆچۈپ كىرىپ بوپسىز ئەمەسمۇ ئەگەر بۇرۇنراق سورىغان بولسىڭىز پول ئاستىغا ئورناتماقچى بولغان رەيكىنى باشقىلارنىڭكىدىن قىلىنراق كەستۈرگەن بولسىڭىز بولاتتى ،پول بىلەن يەرنىڭ ئارلىقى ئۇزۇنراق بولسا ئاۋازمۇ بەك ئاڭلىنىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن ئىدى.بالىڭىزنىڭ  سۇ دىگەن سۆزنى تورا تەلەپپۇز قىلالمىغىنىدىن قارىغاندا قوشنىڭىزمۇ تىخى ئۇ ئاۋازلارغا سىزىمچانلىقىنى تۆۋەنلەتمىسە بولمايدىغان ئوخشايدۇ. بالىللىرىڭىزغا چىقىلمايدىغان زىيانسىز قاچا- قوشۇقلارنى ئەپبىرىڭ  چىنە پىيالىلارنى چاقسىمۇ پەستىكىلەرنىڭ بىشىغا چۈشكەندەك ئاۋاز چىقىدۇ ئەمەسمۇ؟

4- خانىمىڭىزنى ئىھتىياتچان ، چاققان بولۇشقا بۇيرۇپ تۇرۇڭ  چىنە -پىيالىلەرنى ئازراق چاقسۇن
(ئاشخانىڭىزدا )دىمەكچىمەن.

5- گۆش ئالغاندا ئۇستىخانلارنى چاقتۇرۋىتىپ ئاپپىراسىز بولمىسا ويدە سۇندۇرۇشقا توغرا كەپ قالسا پەستىكىلەر بىئارام بوپ قالىدۇ .

6- بالىڭىزغا رول ئارقىلىق ماڭىدىغان ھارۋا (لۈلۈ چې)ئەپ بەرمەڭ ئۇنىڭدىن بەك سەت ئاۋاز چىقىدۇ (بۇ سەل ئىشىپ كەتتىمۇ قانداق؟)

  سۇئالىمغا جاۋاب يوق دەپتىكەنسىز بىلدىغانلىرىمنى دىدىم يەنە باشقىلار بىلسە تولۇقلىما بەرسە بولىدۇ.

  ئەگەر بىلدىغانلىرىڭىزنى ئەسكەرىتكەن بولسام (ئالدىڭىزدا بىلەرمەنلىك قىلغان بولسام)ئەيىپكە بۇيرىماسسىز!!!...
回复قايتۇرماBirzat[2010-10-28 01:30 PM | del]
بۇ ھەقتە ئىزدىنىش تورىدا قىززىق پاراڭلار بولۇندى. 80خالتا بلوگىدا تورداشلار مەندىن كۆپ سۇئال سورايدۇ. مەن بىرەر سۇئال سوراپ قويسام بىرمۇ تورداش جاۋاب بەرمەپتۇ ...
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.