زەيتۇن مېيىنىڭ تېبابەت كىتابلىرىدا بايان قىلىنغان خۇسۇسىيەتلىرى ئاساسلىقى ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻏﺎ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﯩﺮﯨﺶ، ﻗﻮﻳﯘﻕ ﻳﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ، ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺗﻮﺧﺘﯘﺗﯘﺵ، ﺗﯧﺮﻩ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻳﯘﻣﺮﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ. ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ دېگەندەك بولۇپ ﺑﯘﻧﻰ 12 ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ، ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺕ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺗﯧﺮﻩ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺶ، ﭘﺎﻟﻪﭺ ،ﺑﻮﻏﯘﻡ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﭺ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﻳﻼﭖ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻘﺎ ﻗﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. كىشىلەرنىڭ ئىستىمال سەۋيىسىنىڭ يۇقۇرى بولۇشىغا ئەگىشىپ ھازىر بازارلاردا تۈركىيە، ئىتالىيە، ئىسپانيەلەردىن كىرگۈزۈلگەن زەيتۇن مايلىرى كۆپىيىپ قالدى. ئاڭلىسام زەيتۇن مېيىدا قورۇما ۋە ھەرخىل تائاملارنى، سوغۇق سەي-سالاتلارنى تەييارلايمىش. ئائىلىدە تائاملارغا زەيتۇن مېيى ئىشلىتىش تەجىربىسى بار خانىم - چوكانلار تەلىم بەرگەن بولساڭلار! زەيتۇن مېيىنى قانداق قورۇما-تائاملارغا ئىشلەتسە تائامنى ئوخشىتىدۇ؟ زەيتۇن مېيىنى تائامغا ئىشلەتكەندە ئادەتتىكى مايلار بىلەن ئوخشاش نىسبەتتە ئىشلىتىلەمدۇ ياكى پەرق قىلامدۇ، زەيتۇن مېيىنىڭ سۈپەت پەرقىنى قانداق ئايرىيمىز؟؟؟

______________ بىرزات

يۇلتۇزلۇقنىڭ ئىنكاسى: زەيتۇن مىيىدا پولۇ بىلەن ھالۋا قىلسىڭىز ئەڭ ئوخشايدۇ. ئۇندىن باشقا ھەر خىل سالاتلارنى قىلسا بەك ياخشى، چوقۇم  يىرىم تال لىمۇن سىقىۋەتسىڭز كاتتا بولۇپ كىتىدۇ سالاتلىرىڭىز. مەن ئادەتتە نورمال مايدىن سەل ئازراقلا ئىشلىتىمەن. لىكىن باشقا قوروملارنى بۇ مايدا قورۇشنى ياخشى كۆرمىدىم سەۋەبى بۇ ماي بەكلا كۈچلۈكتەك ھېس قىلدىم. زەيتۈن مېيىنى ھەرگىز قاتتىق قىزدۇرۋەتمىگەيسىز.

مەستۇرەنىڭ ئىنكاسى:

" /> خانىملار، سىلەر زەيتۇن يېغىدا قانداق قورۇما-تائاملارنى پۇشۇرىسىلەر؟ - 80 خالتا بلوگى

خانىملار، سىلەر زەيتۇن يېغىدا قانداق قورۇما-تائاملارنى پۇشۇرىسىلەر؟


زەيتۇن مېيىنىڭ تېبابەت كىتابلىرىدا بايان قىلىنغان خۇسۇسىيەتلىرى ئاساسلىقى ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻏﺎ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﯩﺮﯨﺶ، ﻗﻮﻳﯘﻕ ﻳﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ، ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺗﻮﺧﺘﯘﺗﯘﺵ، ﺗﯧﺮﻩ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻳﯘﻣﺮﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ. ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ دېگەندەك بولۇپ ﺑﯘﻧﻰ 12 ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ، ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺕ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺗﯧﺮﻩ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺶ، ﭘﺎﻟﻪﭺ ،ﺑﻮﻏﯘﻡ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﭺ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﻳﻼﭖ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻘﺎ ﻗﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. كىشىلەرنىڭ ئىستىمال سەۋيىسىنىڭ يۇقۇرى بولۇشىغا ئەگىشىپ ھازىر بازارلاردا تۈركىيە، ئىتالىيە، ئىسپانيەلەردىن كىرگۈزۈلگەن زەيتۇن مايلىرى كۆپىيىپ قالدى. ئاڭلىسام زەيتۇن مېيىدا قورۇما ۋە ھەرخىل تائاملارنى، سوغۇق سەيلەرنى تەييارلايمىش. ئائىلىدە تائاملارغا زەيتۇن مېيى ئىشلىتىش تەجىربىسى بار خانىم - چوكانلار تەلىم بەرگەن بولساڭلار! زەيتۇن مېيىنى قانداق قورۇما-تائاملارغا ئىشلەتسە تائامنى ئوخشىتىدۇ؟ زەيتۇن مېيىنى تائامغا ئىشلەتكەندە ئادەتتىكى مايلار بىلەن ئوخشاش نىسبەتتە ئىشلىتىلەمدۇ ياكى پەرق قىلامدۇ، زەيتۇن مېيىنىڭ سۈپەت پەرقىنى قانداق ئايرىيمىز؟؟؟

______________ بىرزات

يۇلتۇزلۇقنىڭ ئىنكاسى: زەيتۇن مىيىدا پولۇ بىلەن ھالۋا قىلسىڭىز ئەڭ ئوخشايدۇ. ئۇندىن باشقا ھەر خىل سالاتلارنى قىلسا بەك ياخشى، چوقۇم  يىرىم تال لىمۇن سىقىۋەتسىڭز كاتتا بولۇپ كىتىدۇ سالاتلىرىڭىز. مەن ئادەتتە نورمال مايدىن سەل ئازراقلا ئىشلىتىمەن. لىكىن باشقا قوروملارنى بۇ مايدا قورۇشنى ياخشى كۆرمىدىم سەۋەبى بۇ ماي بەكلا كۈچلۈكتەك ھېس قىلدىم. زەيتۈن مېيىنى ھەرگىز قاتتىق قىزدۇرۋەتمىگەيسىز.

مەستۇرەنىڭ ئىنكاسى: مەن ھەممە تاماقلارغا زەيتۇن مېيى قۇيۇۋېرىمەن. زەيتۇن مېيىنى بەك كۈچلۈكتەك ھېس قىلمىدىم. بەزىدە مېيى سەل جىق كېتىپ قالسىمۇ كۆڭۈلگە تېگىپ قالمايدىكەن.
مەنمۇ سالاتلارغا قۇيۇۋېتىمەن، ئىشقىلىپ ھەممە سالاتقا دېگۈدەك، بەزى سالاتلارغا لىمون سىقىمەن، بەزىلىرىگە سىقمايمەن. مەسىلەن تۈنۈگۈن پۇرچاق ئۈندۈرمىسىدە سالات قىلدىم، لېكىن ئۇنىڭغا لىمون سىقسام تەمى بۇزۇلۇپ كېتەتتى. ئادەتتە ئۆسۈملۈك مايلىرىنىڭمۇ ئىچىدە تويۇنغان مايلار، تويۇنمىغان مايلار بولىدۇ. لېكىن زەيتۇن مېيى بىلەن ئاپتاپپەرەس مېيىدا تويۇنغان ماي يوق، شۇڭا بۇ ئىككى خىل ماي ئەڭ ساغلام ماي بولىدۇ....

توغراقنىڭ ئىنكاسى: زەيتۇن مېيىنى تاللاشنى بىلەمسىز؟

  قاراش. ئەلا سۈپۈتلىك تەبىئىي زەيتۇن مېيى پارقىراق، سارغۇچ يېشىل رەڭلىك بولىدۇ، زەيتۇن مېيىنىڭ رەڭگى قانچىكى قېنىق بولسا سۈپىتى شۇنچە ياخشى بولىدۇ؛

  پۇراش. سۇس مېۋە پۇراقلىق، ئۆرۈك مېغىزىدەك پۇرايدىغىنى ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ؛

  تېتىش. تەمى زەيتۇندەك چۈچىمەل بولىدۇ.

ئىسپىرەسسونىڭ ئىنكاسى: زەيتۇن مېيى مېنىڭ ئەڭ ياخشى چاچ ئاسراش ئۇسۇلۇم، نەگە بارسام زەيتۇن مېيىدىن بىر بوتۇلكا ئاز دىگەندە سېتىۋالىمەن، چۈنكى ئۇنى تاماق قىپ چاچ ۋە قولغا سۈرۈپ....يېتىشتۈرۈپ بولغىلى بولمايدىكەن...بۇنى بولسا چاچقا ئوبدان مىلاپ ھوردا 10 مىنۇت تۇرغۇزىۋەتسىڭىز...چاچ بەك تويۇنىدىكەن ئوزۇلۇققا....بىر سىناپ بېقىڭە.ئاۋۇ تاللا بازاردىكى كىچىك قۇتىنىڭ ئىچىدىكىلىرىنى سىنىماڭ،ئۇنىڭ ماي تەركىبى بەكلا ئاز. مەنمۇ چېچىم بىلەن ئېيتىشىمەن دائىم،بىر دەم خايلايىت، بىر دەم لوۋلايىت قىپ بەزىدە بۇزىۋالىدىكەن ئادەم،ئىشقىلىپ ئۇزۇندىن بېرى 1) زەيتۇن مېيىنى سۈرىمەن...چېنىشقىشنىڭ گېپىنى قىلغىنىم ئېسىڭىزدىمىكىن،مەلىدىلا بار چېنىقىش زالى،شۇ يەرگە كۆپ ھاللاردا چېنىققىلى ئەمەس چېچىمنى ساڭناغا ھوردىغىلى كىرىمەنزەيتۇن ماينى قولغا سۇلياۋ پەلەي كىيىۋېلىپ تەكشى سۈرۈپ ئاندىن L'oreal نىڭ ھەر قانداق بىر repair دەيدىغان نىمىسىدىن (ياكى باشقا ماركا بولسىمۇ بولىدۇ) سۇلياۋ پەلەي بىلەن ئۇنىمۇ ئوبدان ئارلاشتۇرۇپ نەم ھورخانىغا كىرىپ 10 مىنۇت چىدپ قاقلىنىمەن، ئاندىن چىقىپ ئۇنى سۇدا چايقىۋېتىپ 2-3 مىنۇتتىن كېيىن يەنە 5-10 مىنۇتقىچە قاقلايمەن قايتا كىرىپ...ئاندىن قايتىپ چىقىپ سوپۇن بىلەن يۇيىۋەتسىڭىز چاچ ھەم مايلاشماي ھەم تىرىك بىر خىل تۇرىدىكەن، ھەپتىدە ئاز دىگەندە 2-3 قېتىم بەزىدە 5 قېتىممۇ قىلىۋېتىمەن 2) ئاپامنىڭ قۇيرۇق ماي ئۇسۇلى ،بۇنى قازاندا سەل قىزىتىپ ئازراقلا ئېرىسە سۇلياۋ پەلەي كىيىپ چاچنىڭ ھەممە يېرىگە سۈركەيسىزكەن،ئاندىن تۇخۇمنى چېقىپ، ئۈستىگە مىلەپ بىر سائەت تۇرغۇزۇپ ئاندىن يۇيىۋەتسىڭىز شۇنداق تىرىك بوپ قالىدىكەن،ئازدىگەندە ئايدا بىر قېتىم....

مەستۇرەنىڭ ئىنكاسى: مەن ئۆزەمنىڭ نان پىشۇرۇش تەجرىبەمنى سۆزلىمەكچى ھازىر. (بىرسى تەكلىپ قىلمىسىمۇ.)
ئاۋۋال مانتا ياكى باشقا بولدۇرىدىغان تاماقلارغا تەييار قىلغاندەك، كىچىك چاي قوشۇقتا بىر قوشۇق خېمىر تۇرۇچ بىلەن بىر قوشۇق شېكەرنى ئىسسىق سۇدا ئېرىتىپ 15 مىنۇت قويۇپ قويىمەن، ئۈستىدىن كۆپۈنچىلەر ئۆرلەپ چىققاندا داسقا يېتەرلىك ئۇننى ئېلىۋېلىپ، تەييار بولغان خېمىرتۇرۇچ ۋە ئىسسىق سۇ بىلەن ئانچە بوش قىلىپ قويماي خېمىر يۇغۇرىمەن.
خېمىرغا پىششىق سۈت--خام سۈت قۇيساق خېمىر بولغىچە سۈتنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ ناننىڭ تەمىنى غەيرىي قىلىپ قويىدۇ--، سۇماي دېگەندەكلەردىن قۇيۇپ سىناپ بېقىپ، مايلىقراق قىلىپ پىشۇرۇشنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، يولدىشىم مېيى جىق كەلگەن ناننى ۋەتەننىڭ نېنى پۇرايدۇ، دەپ بەك ياقتۇرىدۇ.
خېمىرنى قېلىن يۆگەپ 1.5-2 سائەت ئەتراپىدا بولدۇرىمىز، بەك ئۇزۇن بولدۇرۇۋەتسەك نان ئاچچىق بولۇپ قالىدۇ.
بولغان خېمىرنى ئېلىپ، مۇشتۇمدەك، ياكى ئۇنىڭدىن چوڭراق قىلىپ زۇۋۇلا ئۈزۈۋالىمىز، ئاندىن ئۈزۈلگەن زۇۋۇلىنى ئىككى قولىمىزنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ، ئوڭ قولنىڭ باش بارمىقى بىلەن چۆرىسىنى ئىچىگە ئېلىپ يۇمۇلاقلايمىز، ھەممىسىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە 10-15 مىنۇت تىندۇرىمىز.
ئاندىن يۇمۇلاقلانغان زۇۋۇلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئىككى باش بارمىقىمىزنى پاتۇرۇپ باشقا بارماقلىرىمىز بىلەن زۇۋۇلىنى چۆرگىلىتىمىز، شۇنداق قىلىپ تاكى چۆرىسىدە ئازراق يېرى قېلىن، ئوتتۇرىسى نېپىز بولغۇچە شۇنداق ئىشلەيمىز. ئاندىن ناننىڭ يۈزىگە تۈكۈچ بولسا تۈكۈچ سالىمىز، تۈكۈچ بولمىسا چوكا ياكى ۋىلكا بىلەن چەكسەكمۇ بولىدۇ.
نانغا سىيادان قوشساق تەملىك بولىدۇ، سىياداننى يۈزىگە سەپسە پىشقاندا ھەممىسى چۈشۈپ كېتىدىكەن، شۇڭا مەن خېمىرىغىلا قوشۇۋېتىمەن. ناننىڭ يۈزىگە پىيازنى چاناپ سۈرسەكمۇ بولىدۇ، لېكىن بۇمۇ بىر تاللاش.
ئەمدى تېمپىراتۇرىسىغا كەلسەك، دوخوپكامنىڭ ئاستى بىلەن ئۈستى بىرلا ۋاقىتتا قىزىمايدۇ، شۇڭا مەن ئاستىنى 220 گرادۇستا قىزىتىپ پىشۇرىمەن. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا قانچىلىك ۋاقىتتا، قانداق تېمپىراتۇرىدا پىشىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن، شۇڭا گرادۇسنى مەن دېگەندەك ياكى باشقا تورداشلار دېگەندەك قىلىپ تەڭشەپ، ۋاقىتنى ئاز-ئازدىن تەڭشەپ، ھەرقېتىمدا ناننى يۈزى قانداقراق، قىزاردىمۇ، ئىچى قانداقراق تەكشۈرۈپ بېقىپ، پىشىپتۇ دېگەندە ئالساق، كېيىن شۇنى ئۆلچەم قىلىۋالساق بولىدۇ.
نان ئاچچىق بولسا خېمىرتۇرۇچ جىق كەتكەن ۋە بەك بولۇپ ئۆتۈپ كەتكەن، تېشى پىششىق، ئىچى خامراق بولسا ئوتى يۇقىرى كەتكەن، بەكرەك قاتتىق پىشىپ قالسا ئوت تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بولۇپ قالغان بولىدۇ.

 قورۇمىغا كەلسەك مەن شۇ ھەممىلا قورۇمىغا زەيتۇن مېيى ئىشلىتىمەن. نورمالدا ئۈچ لىتىرلىقى 20 دوللاردىن كەم ئەمەس. لېكىن ئاندا-ساندا باھا چۈشۈرۈپ قالغاندا شۇنداق ئەرزان بولۇپ قالىدۇ. زەيتۇن مېيى پولونى ئەڭ ئوخشىتامدىكىن دەيمەن، مايلىق بوپتۇ، مايسىز بوپتۇ دېمەيدىكەنسىز. ئاندىن سالاتلارغا قۇيۇۋېتىڭ، تەمى پېچەت بولۇپ كېتىدۇ، راستلا. دەسلەپتە زەيتۇن مېيىنى تاماققا ئىشلەتسەم قانداق بولۇپ قالار دەپ بىر لىتىرلىقنى ئېلىپ سالاتقىلا ئىشلەتكەن. بىر كۈنى ئۆيدە ئۆسۈملۈك مېيى تۈگەپ قېلىپ زەيتۇن مېيى ئىشلىتىپ پولو ئەتسەم شۇنداق ئوخشاپتۇ، شۇنىڭ ياقى زەيتۇن مېيى بولۇپ كەتتۇق.

قۇچقاچنىڭ ئىنكاسى:

 

 

 

مەن زەيتۇن يېغىدا پەقەتلا سەي قورىمايمەن. چۈنكى تۈرك غىزا مۇتەخەسسىلىرىدىن"زەيتۇن يېغىنى قىزىتسا بولمايدۇ. بەدەنگە پايدىلىق تەكىپلەر، نازۇك ۋېتامىنلەر تىزلا كۆيۈپ، ئۆلۈپ قالىدۇ، زەيتۇن يېغىنى خام يېيىش پايدىلىق. ئەڭ ياخشىسى خام سەي، سالاتاغا ئىشلەتكەن تۈزۈك" دېگەننى تۇلا ئاڭلاپ، سەي قورۇشتىن قورقۇپ قاپتىمەن. پەقەت خام سەيگىلا ئىشلىتىمەن.

 يەنە cake تورت قىلغاندا، ھەرخىل پېچىنە-پىرەنىك سالغاندا، نان ياققاندا زەيتۇن يېغىنى خېمىرغا ئارلاشتۇرىمەن. يەنە تۈركچە تاماقلاردىن قاپاق لازا دولمىسى تال يۇپۇرمىقى سارمىسى، ياڭيۇ، پېتىنگان (پاتلىجان) دولمىسى قاتارلىقلارنى پىشۇرغاندا قىيمىسىغا (گۆشسىز قىيمىغا) زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرىمەن.

 

سەي قورىغاندا فىندىق findik يېغى ئىشلىتىمەن. لېكىن ئۆزىمىز يېگەندە تاماق بەك ئوخشىمىسىمۇ مەيلى دەپ، ياغنى بەك قىزىتمايمەن. مېھمان كەلگەندە ياغنى مۇۋاپىق قىزىتىپ، تەم خورۇچلىرىنى تازا تەڭشەپ، تەملىك قىلىشقا تىرىشىمەن.  چۈنكى، بۇ يەردىكى ياغلار ھەممىسى چۈچۈتۈلگەن refine قىلىنغان ياغلار بولغاچقا، بەك قىزىتىش سالامەتلىككە زىيانلىقمىش.  

زەيتۇن ياغدا كەك cake (تۈركچە kek، ئۇيغۇرچە تورت) ئېتىش ئۇسۇلۇم مۇنداق:

تۆت تۇخۇمنى چېقىپ، ئۇنىڭغا ئىككى ئىستاكان ئاق شىكەر قويۇپ قاتتىق ئېلەشتۈرىمەن، شېكەر 70% ئېرىگەندە ئۈستىگە بىر ئىستاكان زەيتۇن يېغى(ئىساتاكاننىڭ بەشتىن تۆتىگەگە لىق كەلگۈدەك ياغ)، لىق بىر ئىستاكان قېتىق قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمەن. ئاندىن ئىككى يېرىم ئىستاكان ئون بىلەن بىر خالتا (20 گرام) قاپارتقۇ تۇزى سېلىپ، تەكشى قوچۇپ ئارىلاشتۇرىمەن. ئاندى يۇمىلاق شەكىل چىقىرىدىغان قېلىپنى ياغلاپ، ئۇنىڭ ئىچىگە بۇ سۇيۇق خېمىرنى تۈكۈپ، 180 گرادۇستا ئىسسىغان دوخوپكىنىڭ ئىچىگە قويۇپ 35~40 مىنۇت پىشۇرىمەن.  بۇ تورت خېمىرىغا بەزىدە مۇۋاپىق مىقداردا چالا سوقۇلغان فىندىق ياكى ياڭاق، قۇرۇق ئۈزۈم ئارىلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ. بەزىدە سەۋزىنى قىرغۇچتا ئىنچىكە قىرىپ، ئارىزاق سوقۇلغان تارچىن بىلەن قوشۇپ ئارىلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ. خوشپۇراق بولسۇن دېسە، ئاپلىسىنغا ئوخشايدىغان بىر مېۋە بار (ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالدىم)، تۈركچە پورتىكال دەيمىز، شۇنىڭ پوستىنى ئازىراق قىرىپ ئارىلاشتۇرىۋەتسە، تۈرتنىڭ رەڭگى تېخىمۇ سېرىق، پۇرىقى خوشبۇي بولىدۇ.

  ياڭاق سېلىنغىنىنىڭ رەڭگى قارىراق چىقىۋالىدۇ.  




[Birzat بۇنى 2011-05-31 05:58 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: خانىملار، سىلەر زەيتۇن يېغىدا قانداق قورۇما-تائاملارنى پۇشۇرىسىلەر؟

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 5 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماgulqehra[2012-03-25 01:04 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،
بەكمۇ ياخشى تىمىلار يوللۇنۇپتۇ،لېكىن بىر نەرسىنى بىلەلمىدىم،ھۆرمەتلىك قۇچقاچ خانىم قاپارتقۇ تۇزى دىگەننى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز،ئۇ قانداق تۇز؟
回复قايتۇرماminglaq[2011-07-01 08:06 PM | del]
تاللا  بازاردىكى زەيتۇن مايلىرىنى بولمايدۇ دەيسىلەر. ئۇنداقتا ئۇنى قەيەردە كىلولاپ ( جىقراق ) ساتىدۇ ؟
回复قايتۇرماizgu[2011-01-07 11:01 AM | del]
ئاسسالمۇ ئەلەيكۇم!
قەدىرلىك خانىملار شۇ سالاتلارنى قانداق قىلىدىغانلىقىڭلارنى بىر تەپسىلى خۇرۇچلىرى،تەرتىپلىرى بىلەن قوشۇپ يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن.
回复قايتۇرماكارتۇن[2010-10-31 07:20 PM | del]
دىمەك زەيتون يېغىنى خام ئسىتىمال قىلسا بولغۇدەككەندە ، قېىنى كۈندە ئەتتىگەنلىك ناشتىدا ،ئىككى قوشۇق زەيتۇن يېغى ئستمال قىلىپ باقاي ...قانداق كارامىتى باركىن ..................
回复قايتۇرماkgriwa[2010-10-31 11:14 AM | del]
ھەجەپ بىر مەنپەئەتلىك تېما بولاپتۇ بۇ. نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگۈنىۋالدىم. كۆپچىلىككە رەھمەت.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.