بەسەي تەركىبىدە ۋىتامىنB1، ۋىتامىنB2،ۋىتامىنC،ۋىتامىنE،كالتىسىي، فوسفور،تۆمۈر،سىنىك قاتارلىقلار بار.
بەسەي تەركىبىدىكى كالتىسىي ۋە ۋىتامىنC نىڭ مىقدارى نەشپۈت ۋە ئالمىنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى، سىنىكنىڭ مىقدارى كۆكتاتلار ئارسىدا بارماق بىلەن سانىغىدەكلا بولۇپلا قالماي، ھەتتا گۆش ۋە تۇخۇمنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ.
بەسەينىڭ بەدەندىكى زەھەر(توكسىننى تازىلاش)، سۈيدۈكنى ھەيدەپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار بولۇپ،يۆتەل، كىكىردەك ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. خەلق ئارىسىدا: بېلىق ئىسسىق پەيدا قىلىدۇ، گۆش بەلغەم پەيدا قىلىدۇ، بەسەي،دۇفۇ ئادەمنى خاتىرجەم قىلىدۇ دىگەن گەپ بار.
بەسەي سېرىق قوڭۇر داغ، قېرىلىق دېغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ. بەسەي بىئاراملىقنى تۈگىتىپ،..

" /> بەسەينىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى - 80 خالتا بلوگى

بەسەينىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى


بەسەينىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

بەسەي تەركىبىدە ۋىتامىنB1، ۋىتامىنB2،ۋىتامىنC،ۋىتامىنE،كالتىسىي، فوسفور،تۆمۈر،سىنىك قاتارلىقلار بار.
بەسەي تەركىبىدىكى كالتىسىي ۋە ۋىتامىنC نىڭ مىقدارى نەشپۈت ۋە ئالمىنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى، سىنىكنىڭ مىقدارى كۆكتاتلار ئارسىدا بارماق بىلەن سانىغىدەكلا بولۇپلا قالماي، ھەتتا گۆش ۋە تۇخۇمنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ.
بەسەينىڭ بەدەندىكى زەھەر(توكسىننى تازىلاش)، سۈيدۈكنى ھەيدەپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار بولۇپ،يۆتەل، كىكىردەك ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. خەلق ئارىسىدا: بېلىق ئىسسىق پەيدا قىلىدۇ، گۆش بەلغەم پەيدا قىلىدۇ، بەسەي،دۇفۇ ئادەمنى خاتىرجەم قىلىدۇ دىگەن گەپ بار.
بەسەي سېرىق قوڭۇر داغ، قېرىلىق دېغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ. بەسەي بىئاراملىقنى تۈگىتىپ، جىددىيلەشكەن نېرۋىنى تەڭشەيدۇ، شۇڭا ئىمتىھان بېرىش ئالدىدا كۆپرەك بەسەي ئىستېمال قىلىپ بېرىش پايدىلىق. بەسەي ئۈچەينى سىلىقلاپ.زەھەرنى چىقىرىپ تاشلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇ يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ ھايۋانات ئاقسىلىنى شۈمۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بەسەي سۈت بېزى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئانىلىق ھورمۇنىنى پارچىلاشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا ئاياللار ھەركۈنى بەسەي ئىستېمال قىلىپ بەرسە سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك ھورمۇن تەتقىقات ئورنىدىكى ئالىملار، جوڭگۇ ۋە ياپۇنىيە ئاياللىرىنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ غەرىب ئاياللىرىغا قارىغاندا تۆۋەن بولۇشىدىكى سەۋەب. ئۇلارنىڭ ھەمىشە بەسەي ئىستېمال قىلىدىغانلىقدىن ئىبارەت ئىكەنلىكنى بايقىغان.
دائىم بەسەي ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ناھايىتى ياخشى تېرە ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
بەسەي توغرىغاندا، بويىغا توغراش لازىم، مۇشۇنداق قىلغاندا بەسەي ئوڭاي پىشىدۇ.
دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇق زەھىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بەسەينى چۇقۇم پاكىز يۇيۇۋىتىپ ئىستېمال قىلىش لازىم؛تاماق ئېتىشتە بەسەينى دۈملەپ پىشۇرۇش ئۇسۇلى مۇۋاپىق ئەمەس؛ بەسەي قورۇمىسىنى مىس قازان-قومۇچتا قورۇماسلىق ۋە ساقلىماسلىق لازىم.
بەسەينى قورۇغاندا ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۋەتسە،ھەم ۋىتامىنCنى ساقلاپ قالغىلى، ھەم بەسەينىڭ تەمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بەسەيدىن سوغۇق سەي تەييارلاشتا، ئالدى بىلەن بەسەينى قايناق سۇغا بېسىۋىتىپ، ئاندىن ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيسا، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوغداپ قالغىلى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە بەسەيدىكى كېسەللىك باكتېرىيىلەرنىمۇ ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ.
توڭلاپ قالغان بەسەينى ئىسسىق سۇغا چىلاپ يۇيماسلىق، ئۇنى سوغۇق سۇغا بىر سائەت ئەتراپىدا چىلاپ قويۇپ، توڭى ئېرىگەندىن كېيىن ئاندىن پاكىز يۇيۇپ توغراش كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭدىن كۆكتات شورپىسى تەييارلىماقچى بولغاندا، شورپا قاينىغاندا ئاندىن بەسەينى سىلىش كېرەك؛ ئەگەر ئۇنى قورۇپ ئىستېمال قىلماقچى بولغاندا، كۈچلۈك ئوتتا تېز قورۇش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا ۋىتامىنC نىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئازايتىقىلى بولىدۇ. تەمىمۇ ياخشىراق بولىدۇ.
بەسەيدىن جۇۋاۋا، مانتائېتىدىغان چاغدا، بەسەي قىيمىسىنى بەك سىقىۋەتمەسلىك كېرەك، بۇنداق قىلىش ئىلمىي ئەمەس،چۈنكى ۋىتامىن C كۆپىنچە بەسەينىڭ شىرنىسىدا بولىدۇ، بەسەي شىنىسى پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرۋېتىلسە، بەسەينىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يوقىلىپ كېتىدۇ.
سېسىپ قالغان بەسەينى ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. بەسەينى قورۇغاندىن كېيىن شۇئان ئىستېمال قىلىش لازىم؛ پىشۇرۇلغاندىن كېيىن بىركىچە تۇرۇپ قالغان بەسەينى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك؛ تۇزغا چىلانغان بەسەينى ئوبدان پىشقىچە چىلاش، تۇزدىن ئىلىپ پاكىز يۇيۇپ تۇزنى چىقىرۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن قورۇپ ئىستېمال قىلىش لازىم. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، يېڭى بەسەي تەركىبىدە كۆپ مىقداردا باكتېرىيىسىز نىترات كسلاتا تۇزى بولىدۇ، بىر كىچە تۇرۇپ قالغان پىشقان بەسەي ياكى تۇزغا ئوبدان چىلانمىغان بەسەي تەركىبىدىكى نىترات كسلاتا تۇزى باكتېرىيىنىڭ تەسىرىدە ئوكسىدسىزلىنىپ نىترىت كىسلاتا تۇزىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر بەسەي ئىستېمال قىلىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى لازىم، بەسەي ئۈچەينى سىلىقلايدۇ، ئۇنىڭدىن تەييارلانغان سوغۇق سەينى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم،تېنى ئاجىز بەدىنىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەر بەسەينى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.
كومپيۇتېر مەشغۇلاتىدا: بۈۋىخەدىچە ئابدۇلھەكىم




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: بەسەينىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماتارىم[2010-11-03 02:15 PM | del]
ئاۋۇ بەسەي ئەسلى يىسىۋىلىك دىيىلە بولغىيمىتى...
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.