ﺑﯘ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﮔﯜﻟﻠﯜﻛﻠﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﺎﻣﺎﻥ ﻏﻮﻟﻠﯘﻕ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ، ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ( ﮔﺎﺯﯨﺮ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ)، ﻳﯘﭘﯘﺭﻣﯩﻘﻰ، ﻳﯧﻠﺘﯩﺰﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﮔﯜﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ : ﮬﯚﻝ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ
ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ:

" /> ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﭙﻪﺭﻩﺱ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ - 80 خالتا بلوگى

ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﭙﻪﺭﻩﺱ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ


ﺑﯘ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﮔﯜﻟﻠﯜﻛﻠﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﺎﻣﺎﻥ ﻏﻮﻟﻠﯘﻕ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ، ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ( ﮔﺎﺯﯨﺮ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ)، ﻳﯘﭘﯘﺭﻣﯩﻘﻰ، ﻳﯧﻠﺘﯩﺰﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﮔﯜﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ : ﮬﯚﻝ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ
ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ: ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ، ﻣﯧﯖﻪ ﯞﻩ ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﺶ، ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﮬﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﮬﺎﻣﯩﻠﻪ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ، ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ...
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ: ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ، ﺑﺎﺵ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﭼﯩﺶ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ، ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﮬﻪﻳﺰ ﻛﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﻳﺎﻧﭙﺎﺵ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﻳﻪﺭﻗﺎﻥ ( ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﯜﺷﯜﺵ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ)، ﺑﻮﯞﺍﺳﯩﺮ (ﮔﯧﻤﯩﺮﻭﻱ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.

ئاپتەپپەرەس چېچىكى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىلسە مېڭە ۋە جىگەردىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ ۋە ئەقلىي قابىلىيەتنى ئاشۇرىدۇ؛ ئېزىپ خېمىر قىلىنىپ رېماتىزىم خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلسە، ئاغرىق پەسىيدۇ؛ بەلگە سۈركەلسە جىنسىي ئەزا قۇۋۋەتلىنىدۇ. ئاپتەپپەرەسنىڭ مېغىزى تىبابەتتە سىلىقلاشتۇرغۇچ ۋە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرغۇچ دورا ھېساپلىنىدۇ. ئۇ خام پېتى ئىستىمال قىلىنسا، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىپلا قالماي، قىيىن تۇغۇتنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، بالا ھەمرىيى ئاسان چۈشىدۇ، ھامىلدارلىق دەۋرىدىكى سۇلۇق ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، سۈتنى كۆپەيتىپ ۋە راۋانلاشتۇرۇپ، سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بوۋاقلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ؛ ئادەم بەدىنىگە چىققان ھەرخىل جاراھەتلەر ئېغىز ئالماي تۇرۇۋالغاندا، ئاپتەپپەرەس مېغىزى سۇ بىلەن قوشۇپ يېيىلسە، جاراھەتنىڭ ئېغىز ئېلىشى تېزلىشىدۇ. ئاپتەپپەرەسنىڭ يىلتىزى قاينىتىلغان سۇدا ئېغىزنى چايقىغاندا، چىش ئاغرىقى پەسىيدۇ. قاينىتىلغان يىلتىز سۈيىدىن ئۈچ گرام ئەتراپىدا ئىچىلسە، سوغۇق مىجەز كىشىلەرنىڭ بۆرىكى قۇۋۋەتلىنىدۇ. يېمەك- ئىچمەك بىلەن زەھەرلىنىپ قالغاندا ئاپتەپپەرەس يوپۇرمىقىنىڭ 10-12 گرام سۈيى قىزىق چايغا ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىچىلسە، ئادەمنى دەرھال قۇستۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ؛ ئاپتەپپەرەسنىڭ يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىدىن 20-30 مىللىگرام ئىچكەندە، توختاپ قالغان ھەيز راۋانلىشىدۇ.


ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرما不买热木[2010-12-08 06:01 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟ بىرزات ئەپەندى .
سىلىدىن بىر مەسلىھەت سوراي دېگەن . ئېغىر كۆرمەي مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا ، مىنىڭ يېشىم 25ياش توي قىلغىلى 4يىل بولدى . ئىگىزلىكىم 1.58 كېلىدۇ. ئېغىرلىقىم 85كىلوگىرام كېلىدۇ. بىر يىلنىڭ ئالدىدا ساپ ساق ئىدىم . بىر يىلنىڭ ئالدىدا قولۇمغا بىر نەرسە چىقىپ قېلىپ ياللۇغ قايتۇرىدىغان ئۇكۇل سالدۇرغان بىرىنچى كۈنى ياخشى چۈشكەن، ئىككىنچى كۈنى قانداق بولدى . بىر پىڭزىسى چۈشۈپ بۇلۇپ ئىككىنچىسىنىڭ يېرىمىگە كېلىشى بىلەن يۈرۈكۈمنىڭ سوقۇشى تىزلىشىپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇكۇلنى ئالدۇرۋىتىپ يېرىم سائەت ئولتۇرۇپ باقتىم ھېچ ئوڭشىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . مەن ئىككىنچى دوختۇرخانىغا باردىم . ئۇلار يۈرۈكنى تىزلەشتۈرىدىغان دورا ئارلاشتۇرۇپ ساپتۇ دىدى . ھەم ئۇكۇل سېلىپ كىچە سائەت 2بىلەن ئوڭشالدىم . ئەتىسى ئۆيگە كەتتۇق لېكىن ھەر ئىككى كۈندە بىر ئىككىنچى دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بارىدىغان بولۇپ قالدىم . ھەر كۈنى ئەنسىرەيدىغان كەچ بۇلىشىغىلا بىر ئىش بۇلىدىغاندەك جىددىيلىشىپ قالىمەن . ھېچ ئىش خوش ياقمايدۇ . بەدىنىم شۇنداق ئېغىر تا ھازىرغىچە ھەر كۈنى كەچ  بولسىلا بىرئىش بۇلىدىغاندەك . يۈرۈكۈم يېغىلىپ قالىدۇ .ئۈچ -تۆت ئاي بولدى . ئوڭ كۆكسۈمنىڭ ئۈستى ئىككى ئۈچ ھەپتە ئاغرىدى ئاندىن مەيدەمنىڭ ئوتتۇرسى ئاغرىدى. ئاندىن بىر ئاي بولدى سول كۆكسۈمنىڭ ئۈستى ئاغرىيدىغان بولدى .بەزى  ئەمدى ھازىر سېلىنىپ ئولتۇرۇپ چوڭراق تىنسام ھەر بىر تىنسام ئوڭ مەيدەم ئاغرىيدۇ. بىر ھەپتە بولدى كېلىمدە بىر نەرسە باردەك نەپىسىم قىستايدۇ بەزى كۈنلىرى ئىككى ئۈچ قېتىم بەزى كۈنلىرى 5-6قېتىم  قىستايدىغان بۇلۇپ قالدى . يەنە تاماق يىسەم مەيدەمدىلا تۇرۋالىدۇ . كەچتە تاماق يىمەي ياتسام ئۈستى قورسىقىمدا بىر نەرسە باردەك ئولغىماشلىنىپ ئاشقازىنىم مىدىرلىغاندەك شۇنداق قورسىقىم ئاچقاندەك سېزىم بولۇپ كېتىدۇ.  ئىككىنچى دوختۇرخانىدا تەكشۈرتسەم ساق چىقتى . بىر قانننىڭ يېپىشقاقلىقى يۇقىرى چىقتى . ئاندىن 24سائەتلىك يۈرەك تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسىدە بىر كۈندە ئىككى قېتىم زاۋ بۇ چىقتى . ئاندىن ئوڭ يۈرەك ۋىنا قان تۇمۇرىغا قان يىتىشمەپتۇ دەپ چىقتى  . خاپا بولماي مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا  ! نىمە سەۋەپتىن يۈرۈكۈم ئەنسىز ، بىر نەرسىدىن قورققاندەك بۇلۇپ قالىدىغاندۇ.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.