گازىرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-11-02
گازىر ئاپتاپپەرەسنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، ئۇنى پارچە-پۇرات يېمەكلىك قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پىچىنە -پىرەنىكنىڭ خام ئەشياسى قىلغىلىمۇ بولىدۇ. گازىر تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ياغ بولغاچقا، ئۇ يەنە مۇھىم ياغ تارتىش خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بويان گازىر يېغى ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن ئالىي دەرىجىلىك ساغلاملىق يېغى بولۇپ قالدى.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
گازىر تەركىبىدە مول ۋىتامىنEبار بولۇپ، كۈنىگە بىر سىقىم گازىر چاقسا، بىر ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك ۋىتامىن Eغا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. گازىر تەركىبىدە يەنە باشقا ۋىتامىنلار، تۆمۈر .سېنىك، كالىي، ماگنىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.
گازىر ئادەمنىڭ قېنى تەركىبىدىكى خولېستېرول سەۋيىسىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا ئۇ يۈرەك قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقنى قوغداشقا پايدىلىق.
گازىر كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش، ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشنى توسۇش، قان ئازلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىنى توسۇش، چوڭلار كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
گازىر ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە، راك كېسىلى، ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى، يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا نىسبەتەن مۇئەييەن ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىگە.
گازىر ئىچ سۈرۈش، يىرىڭلىق قاپارتقۇ قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالايدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشنى تەڭشەپ، قان بېسىمىنىڭ تۇراقلىقنى ساقلايدۇ ۋە قاندىكى خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىدۇ، يەنە تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىپ يېرىلىشى، ناماز شام قارىغۇسى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
گازىرنى بىر قىتىمدا بەك كۆپ چاقماسلىك كىرەك، گازىرنى كۆپ چاقسا شۆلگەينى ئېغىر دەرىجىدە خورىتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھەزىم قىلىش فۇنكسيىسىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئىشتىھانى تۇتىدۇ، ھەتتا تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
دائىم گازىرنى ئېغىزغا سىلىپ چاققاندا، ئاسانلا تىل ۋە جاۋىغاينى چىرتىدۇ، يەنە شاكىلنى تۈكۈرگەندە كۆپ مىقداردىكى خىلىت بىللە چىقىپ كىتىپ، تەم سېزىمىنى گاللاشتۇرىدۇ، گازىرنى بەك كۆپ چاققاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ، ئېغىز، تىلغا چىيقان چىقىدۇ.
جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ئەڭ ياخشىسى گازىر چاقماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئۇ جىگەرنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، جىگەر قىتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
-گال ئاغرىشقا گازىر زىيان قىلامدۇ؟مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز؟؟؟؟
مەندە Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى بار چاقسام جىگەرگە زىيان قىلدىكەن ،چاقماي دىسەم مەن گازىرغا بەكلا ئامراق ئىدىم. سىنىڭچە مەن قانداق قىلاي؟...........يەنە كىلىپ ئوزۇقلۇق تەركىبى شۇنچە يۇقۇرى يۇقۇرى تۇرسا