سەتراچخانىدا ساقال ئالدۇرۇپ ئۆزۈمگە كېسەل تاپتىم


ئادەتتە، ساقالنى ئۆيدە ئالاتتىم. بىرسى سەتراچنىڭ بىخەستلىكىدىن بىرەر يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ يۇقۇپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلسام يەنە بىر جەھەتتىن سەتراچخانىدا ساقال ئالدۇرۇش ۋاقىت ئىسراپچىلىقى دەپ قارايتتىم. ئىككى كۈندە بىر ئىلىپ تۇرمىسام ساقال قويىۋالغاندەكلا ئۆسۈپ كىتىدۇ. بەزىدە ۋايساپ قويساممۇ كوسا ئادەملەرگە قاراپ شۈكۈرى ئاللا دەيمەن. بۇ قېتىم سەتراچخانىدا چاچنى قىردۇرغاچ ساقالنىمۇ قوشۇپلا ئىلىۋەتسۇن دەپ ساپتىكەنمەن. مەن ئەنسىرەپ يۈرگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى. ئىلگىرى چېچىمنىمۇ ئۆيدە ئىلىپ باققان- يا بىسمىللا ، تەۋەككۇل دەپلا قاراملىق بىلەن بېشىمنىڭ ئالدى، يان تەرەپلىرىنى بىر چىرايلىق ئالدىم، لىكىن كەينى تەرەپكە نۆۋەت كەلگەندە قولۇم پەقەتلا قولاشماي، بېشىمنى ھېلىلا كېسىۋېتىدىغاندەك تېترەپ تۇرۇپ چالا-پۇچۇق بولسىمۇ بەك تەستە ئىلىپ تۈگەتكەن ئىدىم.

جۈمەگە بېرىشنىڭ ئالدىدا شەھىرىمىزدىكى خىلى داڭلىق دەپ قارالغان سەتراچخانىلارنىڭ بىرسىگە كىرىپ چاچ - ساقالنى ئالدۇرۇپ جۈمەدىن كىلىپ دۇكاندا ئولتۇرسام يۈزۈم چىم-چىم قىلىپ ئانچە-مۇنچە قىچىشقىلى تۇردى. بۇ قانداق ئىش بولۇپ كەتكىلى تۇردى ئەمدى دەپ ئەينەككە قارىسام قېزىرىپ، ئۇششاق نەرسىلەر ئۆرلىگىلى تۇرۇپتۇ. تۈنۈگۈن يەپ سالغان لەڭپۇڭ زىيان قىلدىمۇ نېمە دەپ كارىم بولماي ئىشىمنى قىلىۋېرىپتىمەن. كەچكە يېقىن ئوڭ يۈزۈم، ئېڭەك ئاستى سەل ئىششىپ، ئۇششاق مۇدۇرلار توقۇمدەك يامراپ بوپتۇ. شۇ ۋاقىتتىلا سەتراچخانىدىن گۇمان قىلىپ << ئاپلا >> دېدىم. ۋېروسقا قارشى، يەل ھەيدەپ مىكروب ئۆلتۈرىدىغان دورىلاردىن بىر ئىككى خىلنى ئىچىۋېتىپ ئۆيگە كەتتىم. كېچىچە يۈزۈم ئاغرىپ، تۇرۇپلا چىدىغۇسىز قىچىشىپ بىئارام قىلىپ پەقەتلا ئاراملىق بەرمىدى. تېرە بۆلىمىدە ئاكا دېمەتلىك بىر ئاغىنەم بار ئىدى. كېچىچە شۇنىلا چۈشەپ چىقىپتىمەن. ئەتتىگىنى تۇرۇپ ئەينەككە قارىسام بىر يۈزۈم گەزنىدەكلا ئىششىپ يېرىڭلىق ئۇششاق مۇدۇرلار يۈزۈمنى بىر ئاپتۇ. << ئو ما ئىشنى كۆرۈڭ ، بۈگۈن دۇكاننى نەخ ئىچىپ بوپتىمەن ، دە >> دەپ ئىچىم پۇشۇپ نېمىلا بولمىسۇن ئۇيغۇر شىپاخانىغا بىرىپ ئىسپات ئىلىپ قوياي دەپ تېرە بۆلىمىگە كىردىم. ھىلىقى بۇرادىرىم كۆرۈپلا سەتراچنى بىر ھازا غايىۋانە تىللاپ كەتتى. ئاندىن، بولسا سەھىيە ئىدارىسىغا بىرىپ بۇ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىشنى ئاندىن داۋالىنىشنى ئېيتتى. مەن ئۇنى ئىزدەپ كىلىشتىكى مەقسىتىمنى ئېيتىپ پەقەت ئىسپات ساقلاپ قويۇش ئۈچۈنلا دىئاگنۇس قويۇپ كېتەرلىك دورا يېزىپ بىرىشنى ئېيتتىم. ئۇ ئاداش بىر مۇنچە تېبابەت دورىسى، غەرىپچە دورا-ئوكۇل دېگەندەك بىر تاغار بىر نېمە يېزىۋېتىپتۇ. سىلى چاخچاق قىلماڭلا، خەق مۇشۇنداق بولۇپ، چاقا بولۇپ بىر يېرىم ئايدا ئاران ساقايغان. 6-7 كۈن ئوكۇل ئاستۇرۇڭلا، ئۆزۈڭلارمۇ دورا قاينىتىپ ئىچىپ ، سېرتىدىن يۇيۇپ بېرىڭلار دەپ يولغا سالدى. سەھىيە ئىدارىسىغا بىرىپ يۈرمەي ئۇدۇللا ھىلىقى سەتراچخانىغا بىرىپ ئەھۋالنى دەپ دوختۇرنىڭ << ساقال تەمرەتكىسى، تېرە ئېغىر ياللۇقلانغان >> دېگەن دىئاگنۇس ئىسپاتىنى كۆرسىتىپ ، ئەتە ئەتىگەندە چوڭ قان تەكشۈرتىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ قويۇپ قايتىپ كەلدىم. كىيىن سەتراچنىڭ چوڭ ئۇستىسى بىلەن تېلفۇنلاشتۇق. ئۇ كىشى ماڭا خاتىرجەم داۋالىنىشنى، قانداق داۋالىنش خىراجىتى بولسا كۆتۈردىغانلىقى، بۇندىن كىيىن تازىلىققا قاتتىق دېققەت قىلىدىغانلىقى دېگەندەك بىر تالاي چىرايلىق گەپلەرنى قىلىپ گەپنى تۈگەتتى. شۇنىڭ بىلەن دۇكانغا كىلىپ ئۆزۈمگە دورا قىلىپ << قۇرسى ئىتتىرپىل شاھتەررە >>، << سۇپۇپى ئىتتىرپىل >>، << ھەببى كىبرىت >> دېگەن دورىلاردىن ئىچىپ، كەچتە ئۆيگە قايتقاندا 5% لىك مامرانچىنى سۇيۇقلىقى تەييارلاپ پاكىز داكىنى دورا سۈيىگە چىلاپ يۈزۈمگە قويۇپ بەردىم. بۈگۈن يۈزۈمدىكى ئىششىق سەل يانغاندەك ، قىچىشىشمۇ تۈنۈگۈنكىدىن سەل پەسلەپ قالغان ئىدى. خۇداغا شۈكۈرى دەپ دۇكان ئىچىۋەردىم. يۈزۈمدىكى ئەھۋالنى كۆرۈپ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قارىغان ئادەمگە ئەھۋالنى بىرەر قۇر چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم. بەزىلەر چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلىماي تۇرۇپلا، تېۋىپمۇ كېسەل بولامدا، تېۋىپ تۇرۇپمۇ يۈزۈڭلىنى ئىششىتىپ ئولتۇرۇپسىلەر؟!! ئۆزۈڭلىنى داۋالىماي تۇرۇپ ..... قانداق تېۋىپ سىلە ....دېگەندەك تۇقۇملارنى توقۇۋەتتى ماڭا. راس ئەمەسمۇ ؟!! يۈزۈمنىڭ بۇنداق بولۇپ قىلىشى بەك سەت ئىش بولدى. بىردە سەتراشقا ئاچچىقىم كەلسە بىردە ساقالنى ئۆيدە ئۆزۈم ئالمىغىنىمغا ئۆزۈمگە كايىپ ئولتۇردۇم. شۇنداق قىلىپ 2-3 كۈن ئىچىدە يۈزۈمدىكى ئىششىقلار سەللىمازا يىنىپ ساقىيىپ كەتتى. سەتراچنىڭ يىنىغا بىرىپ ئەھۋالنى ئېيتىپ بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىشىنى، مەندىن باشقا ئادەم بولسا سەھىيە ئورۇنلىرىغا بىرىپ ئەرز قىلىشتىن يانمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قايتىپ كەلدىم.
2009-5-24
 




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: سەتراچخانىدا ساقال ئالدۇرۇپ ئۆزۈمگە كېسەل تاپتىم

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماbanu[2010-11-08 03:33 PM | del]
قايسى ساتىراشتۇ ئەبلەخ!ئۇنداقلارنى پاش قىلايلى.بىزدەك كىچىك بالىلىرى بارلار قانداق قىلارمىز
回复قايتۇرماۋۇلقان[2010-11-05 03:57 PM | del]
مەنمۇ مۇشۇنداق ئىشقا ئۇچىراپ باققان، ئامال بار ساتىراچخانىدا ساقال ئالدۇرمىغان ياخشى.
回复قايتۇرماmavhum[2010-11-03 10:44 PM | del]
مەنمۇ بەكلا قورقىمەن ، لىكىن بەزى چاغدا ئامال يوق . ئۇلارنىڭ ئوت قويۇپ دىزىنفىكسىيە قىلغىنىنىڭ ئۈنىمى بارمۇ ؟
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.