بلوگ (شەخسىي تور خاتىرە) يېزىش ئىزچىللىق تەلەپ قىلىدىغان ، جاپاسى كۆپرەك ئىش ئىكەن. ئۇيەر-بۇيەردىن تىرىپ-تۆشەپ كۆچۈرۈپ كىلىپلا بلوگ قۇردۇم، بلوگ يېزىۋاتىمەن دەپ تۇرۇۋالسىمۇ ھە دەپ قويىدىكەنسىز. لىكىن تەجىربىلىك بلوگگىرلارنىڭ بايانىغا قارىغاندا بلوگنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ھاياتى كۈچكە ئىگە بولۇشىدا ئوقۇرمەنلەرنى جەلىپ قىلالىغۇدەك ئىجادىيلىق، خاسلىق يارىتىش ئىنتايىن موھىم ئىكەن. پېقىر مانا شۇ ئىجادكار بلوگگىر بولۇپ خاسلىق بەرپا ئېتىمەن دەپ كەڭ بلوگگىر دوستلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرشىپ-تىرمىشىپ يۈرگىلى 4 يىلچە بولۇپ قاپتۇ. بۇ جەرياندا تورداشلارنىڭ ئۆتكۈر نەزىرىدە گاھ ئۆرلەپ، گاھ چۈشۈپ دىگۈدەك بۈگۈنگە ئۇلاشتىم. ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك دېگەندەك قىلغان تىرىشچانلىقىمىز، ئىجاتچانلىقىمىز ئەلنىڭ كۆزىدىن ساقىت بولماي 2008-يىللىق ئۇيغۇردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيتىدە تورداشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى، ئىشەنچ نەزىرىدە كۆككە كۆتۈرىشى بىلەن80خالتا بلوگىمىز 10 چوڭ بلوگنىڭ ئەڭ چوققىسى بولۇشتەك كاتتا شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇپ بىزگە زور ئىلھام ئاتا قىلغان ئىدى.

" /> 80خالتا بلوگى 2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيتىگە قاتنىشىدۇ - 80 خالتا بلوگى

80خالتا بلوگى 2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيتىگە قاتنىشىدۇ


بلوگ (شەخسىي تور خاتىرە) يېزىش ئىزچىللىق تەلەپ قىلىدىغان ، جاپاسى كۆپرەك ئىش ئىكەن. ئۇيەر-بۇيەردىن تىرىپ-تۆشەپ كۆچۈرۈپ كىلىپلا بلوگ قۇردۇم، بلوگ يېزىۋاتىمەن دەپ تۇرۇۋالسىمۇ ھە دەپ قويىدىكەنسىز. لىكىن تەجىربىلىك بلوگگىرلارنىڭ بايانىغا قارىغاندا بلوگنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ھاياتى كۈچكە ئىگە بولۇشىدا ئوقۇرمەنلەرنى جەلىپ قىلالىغۇدەك ئىجادىيلىق، خاسلىق يارىتىش ئىنتايىن موھىم ئىكەن. پېقىر مانا شۇ ئىجادكار بلوگگىر بولۇپ خاسلىق بەرپا ئېتىمەن دەپ كەڭ بلوگگىر دوستلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرشىپ-تىرمىشىپ يۈرگىلى 4 يىلچە بولۇپ قاپتۇ. بۇ جەرياندا تورداشلارنىڭ ئۆتكۈر نەزىرىدە گاھ ئۆرلەپ، گاھ چۈشۈپ دىگۈدەك بۈگۈنگە ئۇلاشتىم. ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك دېگەندەك قىلغان تىرىشچانلىقىمىز، ئىجاتچانلىقىمىز ئەلنىڭ كۆزىدىن ساقىت بولماي 2008-يىللىق ئۇيغۇردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيتىدە تورداشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى، ئىشەنچ نەزىرىدە كۆككە كۆتۈرىشى بىلەن80خالتا بلوگىمىز 10 چوڭ بلوگنىڭ ئەڭ چوققىسى بولۇشتەك كاتتا شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇپ بىزگە زور ئىلھام ئاتا قىلغان ئىدى. مانا 2010-يىلىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا يېقىنلىشىپ يۈكسەل بلوگى 2010-يىللىق ئۇيغۇردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇپ كەڭ بلوگ ھەۋەسكارلىرىغا ئەركىن رىقابەت سورۇنى ھازىرلاپتۇ. (بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى يۇكسەل بلوگىدىكى مۇناسىۋەتلىك سەھىپىدىن كۆرۈڭ) ھازىر مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللەپ ئۇيۇشتۇرغان يۇكسېل بلوگىدا ئۇيغۇردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيتى تورداشلاردىن بلوگلارنى نامزاتلىققا كۆرسۈتۈش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ 80خالتا بلوگى بۇ يىلمۇ مەزكۇر پائالىيەتكە نامزاتلىققا تىزىملىتىشنى قارار قىلدى. 10چوڭ بلوگقا بىلەت تاشلاش رەسمىي ھالدا 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن يىل ئاخىرىغىچە بىر ئاي داۋام قىلىدىغان بولۇپ ئوقۇرمەن تورداشلىرىمىزنىڭ يىقىندىن ھەمدەم بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۆزىڭىز ياقتۇرغان بلوگنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسقا كىرىڭ:
www.yuksel.me/1011.html




[Birzat بۇنى 2010-11-02 02:13 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: 80خالتا

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماYuksel[2010-11-02 03:31 PM | del]
بىرزات ھەكىمنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىشنى قارار قىلغانلىقىغا مۇبارەك بولغاي ! قارىغاندا بۇ يىلمۇ 2008 - يىلىدىكىدەك ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنىڭ ئەڭ چوڭى بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ 80 خالتا بلوگى ...
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.