يېڭى بايقالغان ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق سىرلىرى - بۆرەك تېشى


كالتىسىي ئوكسىالات، چۆپ كىسلاتاسىغا ئوخشاش ماددىلار سۈيدۈك يولى ئىچىدە نۇرمىدىن ئارتۇق توپلۇنۇپ، سۈيدۈك زىيادە تويۇنغان ئېرىتمە ھالغا كىلىپ كىرىستاللاشسا بۇ بۆرەك تېشى پەيدا بولىدۇ. بۇ تاشلار سۈيدۈك يولى بىلەن يا سىىتقا چىقىپ كىتىدۇ ياكى بۆرەك، جۈملىدىن سۈيدۈك يولىنىڭ مۇئەييەن بىر يېرىگە يېپىشىپ تۇرۇپ ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ.

بۆرەك تېشى پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى:

سوغۇق تېگىپ ئەنگىز بولۇپ كەتكەن ۋە سۈيدۈك يولىدا چۆپ كىسلاتاسى بارلارنىڭ بۆرەك تېشى بولۇش ئېھتىماللىقى كۆپ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئاساسىي تەركىبى كالتىسىيلىق چۆپ كىسلاتاسى بولغان تاش، بۆرەكتە پەيدا بولىدىغان تاشلارنىڭ 71%-80% تىنى ئىگەللەيدۇ. ئورىيالىق تاش %5 -%10 تىنى ئىگەللەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئاساسىي تەركىبى كالتىسىي كاربۇناتلىق تاشلارمۇ ئۇچرايدۇ. ئەمما نېمىلا بولسۇن بۆرەك تېشىنىڭ تەركىبى بىرلا خىل بولۇپ كېتەلمەيدۇ. ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا بۆرەك تېشى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار مۇنۇلار:

1.سوزۇلما سۈيدۈك يولى ياللۇقى؛

2.بۆرەكتىكى بۇزۇلمىلار ۋە بۆرەك ساقسىزلىقى(بۆرەك نەيچىلىرىنىڭ كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىشى، خالتىلاشقان بۆرەك ۋاھاكازالار)؛

3.يىمەك ئالاھىدىلىكى؛

4.سوغۇق تېگىش؛

5.زىيادە كالتىسىيلىق سىيىش؛

6.قىسمەن دورىلارنى كۆپ ئىشلىتىش (چىڭمىسۇ، توباۋ دېگەندەك ئانتى ۋىرال دورىلارنى كۆپ ئىشلىتىش...)؛

7.ئەچەي ياللۇقى دېگەندەك بەزى كېسەللەرگە مۇپتىلا بولۇش؛

8.ئىرسىي ئامىللار؛

9.يانداش ئۈچەي ئۇلاش دېگەندەك بەزى ئۈچەي ئوپراتسىيەلىرى؛

10.قالقانبەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش دېگەندەك مىتابولىزىم ساقسىزلىقلىرى.

ئادەتتە بۆرەك تېشى پەيدا قىلىۋاتقان بۇ ئامىللار يوقىتىلمىغاندا بۇرۇن كالتىسيلىق تاش بولغان كىشىنىڭ تەكرار تاش كېسىلىگە مۇپتىلا بولۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى زور بولىدۇ. ھازىرقى سىتاستىكىلاردىن قارىغاندا بەدەندە بىر قېتىم تاش كۆرۈلگەنلەرنىڭ بىر يىلدىن كىيىن تاش كېسىلى بولۇش ئېھتىماللىقى 15% ، 10 يىل ئىچىدە تاش كېسىلى بولۇش ئېھتىماللىقى 80% بولىدۇ. جەريان نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا يۇقارقى 10 ئامىلنىڭ تۈرلۈكچە ماسلىشىشىنىڭ نەتىجىسىدە كالتىسىي دېگەندەك سۈيدۈكتە كىرستاللاشقىلى ئاران تۇرغان ماددىلارنىڭ، يىپىشتۇرغۇچى ئاقسىللارنىڭ كۆپىيىشى، ئاز سىيىش، كىرستاللىشىشقا قارشى ئامىللارنىڭ ئازلىشى، بۆرەكنىڭ سوۋۇشى مۇقەررەركى بۆرەك تېشىنى چىللايدۇ.

بۆرەك تېشىنى چۈشۈرۈشتە يېمەك-ئىچمەك

بكرەكتە تاش پەيدا بولۇشتا يېمەك-ئىچمەكنىڭ رولى خېلى زور. يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى ئىلمىلىك بىلەن بۆرەكتىكى تاشنى چۈشۈرۈشكە ماسلاشماقنىڭ ئەھمىيىتى زور بولىدۇ. شۇڭا:

1. كۆپرەك سۇ ئىچىش (كۈندە 2.5 ل ئەتراپىدا تازىلانغان سۇ) پايدىلىق.

2.كولا، سودا سۈيى دېگەندەك ئاستىتاتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىچمىگەن ياخشى.

3.چاي، قەھۋە ئىستىمالىنى ئازايتماق لازىم.

4.كۈندىلىك ئىستىمالدا سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى، تۇخۇم (چالا پۇشۇرغان تۇخۇم)غا يېقىن تۇرماق لازىم.

5.يۇقۇرى مىقداردا چۆپ كىسلاتاسى بار دادۇر، قارا چاي، شاكىلات، كولا، ئەنجۈر، قارامۇچ، يۇمغاقسۈت، خەشخاش ئۇرۇقى، ئوسۇڭ، بۆلجۈرگەنلەرگە بەك ئۆزىنى ئۇرۇپ يەۋالماسلىقى لازىم.

6.تۇزسىزراق تاماق يىمەك لازىم.

7.پالەك، قوزقەرن، بىلىق، كاللا-پاقالچاق، پىۋا، ھاراق-شاراپتىن پەرىز تۇتماق لازىم.

8.بەدەننى ھالسىرتىۋەتمىگەن ئاساستا تەنھەركەتنى كۆپەيتمەك كېرەك.

9.غەم-ئەندىشە، بىسىملاردىن خالى تۇرماق لازىم.

كۆكنۇر ئۇيغۇر تېبابىتى ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات ۋە تەدبىقات نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلەش ئارقىلىق بۆرەك تېشىنى چۈشۈرۈشتە ئىشەنچلىك يېڭى ئۇچۇرغا ئىرىشتى.

بۆرەك تېشىدىن خالاس بولاي دېسىڭىز، مەسلەھىتىمىزگە قۇلاق سېلىڭ!

ئادرېس: قەشقەر شەھەرلىك <<كۆكنۇر پەن - تېخنىكىسى>>

قەشقەر شەھەر قوناق بازىرى يولى دوقمۇشى ۋالى مەھكىمە بىناسى ئاستىدا

تېلفۇن: 13119981025




[Birzat بۇنى 2010-11-04 01:48 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: بۆرەك تېشى، تاش

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماtudajim[2012-01-30 00:32 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم       جىددى ياردەم
مىنىڭ ئانامنىڭ بۆرىكىدە [u] 25مىللى [/u]تاش بار دەپ خۇكاڭ دختۇر خانىسىدا بەدەن سرتىدىن تاش ئىزدۈرگەن بىراق 1.چى باسقۇشلۇق داۋالاشتا 10كۈندە تازا دىگەندەك ئۈنۈمى بولمىدى
ئانامنىڭ دىيىشىچە ناھايىتى كىچىك 2دانە تاش چۈشۈپتۇ.
دوختۇرلار بىمارنىڭ يىشى سەل چوڭ ۋە بەدىنى ئاجىز 2.باسقۇشلۇق داۋالاشتىن بۇرۇن 15 كۈن ئۆيدە ئارام ئالسۇن دەپ ئۆيگە ياندۇرۇپ ئىلىپ چىققان بىراق ئۆيگە ئىلىپ چىقىپ تۇنج كۈنىلا ئاغرىپ كىتىۋاتىدۇ دەپ بىئارام بولىۋاتىدۇ.
ياخشىراق داۋالاش ئۇسۇلى بارمىدۇ؟
تورداشلار ئارىسىدا يۇقارقىدەك بۆرەكتىكى تاشنى بەدەن سىرتىدىن ئىتىپ چۈشۈرۈپ باققانلار بولسا ياكى مىللى تىبابەتنىڭ دورىسى بىلەن داۋالاپ ساقايىتقانالار بولسا قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر لەرنى ئايىمىغان بولساڭلار چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتتار بولغان بولاتتىم ۋە ئاللامۇ سىلەردىن مەمنۇن بولغان بولاتتى.
رەھمەت
回复قايتۇرماtudajim[2012-01-29 11:38 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم       جىددى ياردەم
ھۆرمەتلىك بىر زات ئەپەندىم ،مىنىڭ ئانامنىڭ بۆرىكىدە [u] 25مىللى [/u]تاش بار دەپ خۇكاڭ دختۇر خانىسىدا بەدەن سرتىدىن تاش ئىزدۈرگەن بىراق 1.چى باسقۇشلۇق داۋالاشتا 10كۈندە تازا دىگەندەك ئۈنۈمى بولمىدى
ئانامنىڭ دىيىشىچە ناھايىتى كىچىك 2دانە تاش چۈشۈپتۇ.
دوختۇرلار بىمارنىڭ يىشى سەل چوڭ ۋە بەدىنى ئاجىز 2.باسقۇشلۇق داۋالاشتىن بۇرۇن 15 كۈن ئۆيدە ئارام ئالسۇن دەپ ئۆيگە ياندۇرۇپ ئىلىپ چىققان بىراق ئۆيگە ئىلىپ چىقىپ تۇنج كۈنىلا ئاغرىپ كىتىۋاتىدۇ دەپ بىئارام بولىۋاتىدۇ.
ياخشىراق داۋالاش ئۇسۇلى بارمىدۇ؟
تورداشلار ئارىسىدا يۇقارقىدەك بۆرەكتىكى تاشنى بەدەن سىرتىدىن ئىتىپ چۈشۈرۈپ باققانلار بولسا ياكى مىللى تىبابەتنىڭ دورىسى بىلەن داۋالاپ ساقايىتقانالار بولسا قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر لەرنى ئايىمىغان بولساڭلار چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتتار بولغان بولاتتىم ۋە ئاللامۇ سىلەردىن مەمنۇن بولغان بولاتتى.
رەھمەت
回复قايتۇرماyulhun124[2012-01-15 03:09 AM | del]
你好!我有肾结石了,左肾有多发结石,最大的约17mm左右,我这吃药能治疗吗?你们有什么好办法?有的话帮我推荐好吗?
回复قايتۇرماabdrxt[2011-07-11 03:02 PM | del]
بۇرەكتېكې8مللې،تاشنې قانداق چۇشېرېمز،قانداق داۋابار.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.