راك كېسىلىنىڭ يۆتكىلىشى ھەققىدىكى يېڭى بايقاش
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-10-21
ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ چاشقان ئۈستىدە ئىشلىگەن تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، راك كېسىلى يۆتكىلىشنىڭ كېسەل جەريانىدىكى باشلىنىش ۋاقتى ئىلگىرى كىشىلەر ئويلىغىنىدىن كۆپ بالدۇر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. راك كېسىلى پەيدا بولغاندىن كېيىن، كېسەلنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، راك ھۈجەيرىلىرى بەدەننىڭ باشقا جايلىرىغا تەدرىجى تارقىلىدىكەن. شۇڭا، كۆپىنچە راك كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە راك كېسىلىنىڭ يۆتكىلىشى ئاخىرقى سەۋەب بولۇپ قالىدىكەن. بۇ يېڭى تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئورگانىزىمدىكى بىر قىسىم نورمال ھۈجەيرىلەر خېلى بالدۇرلار باشقا جايلارغا يۆتكىلىپ، يۆتكەلگەن يېرىدە "ئۇيقۇ" ھالىتىدە تۇرىدىكەن. كېسەل تەرەققى قىلىپ بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەندە، راك پەيدا قىلىدىغان گېن ھەرىكەتلەنگەندىن كېيىن، بۇ يوشۇرۇنغان ھۈجەيرىلەر جانلىنىپ كېتىدىكەن. بۇ قاراش نېمە ئۈچۈن بەزى سۈت بېزى راكى بولغانلاردا داۋالانغان بولسىمۇ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ئاتالمىش "راك ھۈجەيرىسىنىڭ تارقىلىشى" كۆرۈلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئاللىقاچان باشقا جايغا يوشۇرۇنۇۋالغان ھۈجەيرىلەردە راك ئۆزگىرىشى بولغانلىقىدىن بولىدىكەن.
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: راك
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
دادام مۇشۇ كىسەل بىلەن ئوپراتسىيە قىلغان ،خىمىيىلىك داۋالاشمۇ قىلغان،4يىل بولدى .