ھازىر ياشبالىلار 30 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا بىر چىرايلىق قورساق سىلىپ ئولتۇرۇپ قوپقىچە پۇشۇلدايدىغان، چوڭلار بىلەن بىر داستخاندا ئولتۇرۇپ قالسا پۇتى قولىشىپ قىمىرلاپ بىر ئىزىدا ئولتۇرالمايدىغان، دوختۇردا تەكشۈرتسە قان قويۇق، جىگەرنى ماي قاپلىغان دەپ دىئاگنۇس قويۇلغان. ھازىرقى ياش باللا پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتقا ئوخشاش نازۇك، ئاجىز دەپ قاقشاپ قويىدۇ چوڭ ئاقساقاللار. دېمىسىمۇ توقچىلىق بولىۋاتقان زامانىمىزدا ئوبدان يەپ، ئوبدان ئۇخلاپ بەدىنىمىزگە زىيادە ماي توپلاۋاتىمىز. دۇكىنىمغا مۇشۇ سېمىزلىكتىن، قان قويۇقلۇقتىن قاقشاپ كىرگەن ياشلارنى بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىشنى تەۋسىيە قىلىپ زىرىكمەيمەن. لىكىن مۇشۇ بەدەن چىنىقتۇرۇشنىڭ ئىلمى ئۇسۇلى ھەققىدە تۈزۈك ساۋادىم يوق. ئۆزۈمغۇ پىيادە يول يۈرۈپ قويىمەن. لىكىن پىيادە يول مىڭىش ياشلاردىن بەكرەك ياشانغانلارغا ماس كىلىدىغان ئۇسۇل. قارىسام ئۆزۈمنىڭمۇ بەدەن ئېغىرلىقىم ئۆلچەمدىن سەل ئىشىپ كەتتى.  بىر يۈرۈش تەنتەربىيە سايمانلىرى، بىرەر قۇر داڭلىق ماركىلىق تەنتەربىيە كىيىملىرىنى ئىلىپ ئىككى كۈن باغچىغا چىقىپ تىلىم ساڭگىلاپ كەتكۈچە پەي توپ ئويناپتىمەن. 3-كۈنى مۇسكۇللىرىم ئاغرىپ بىر كۈن چىقماي قويدۇم،

" /> سىلەر قانداق بەدەن چىنىقتۇرسىلەر؟ - 80 خالتا بلوگى

سىلەر قانداق بەدەن چىنىقتۇرسىلەر؟


ئاجايىپ سېمىرىپ كەتكەن بىر ئادەم دوختۇرغا ئۆزىنىڭ ئۇخلىغاندا كۆزى ئىچىلىپ قالىدىغانلىقىدىن قاقشاپ دەرت ئىېيتىپتۇ، دوختۇر بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي بىردەم تۇرۇپ كېتىپ، ھە تاپتىم، كېچىسى كۆزىڭىزنى يۇمۇشقا تېرىڭىز يېتىشمەيدىكەن دەپتۇ. ھىلىقى سېمىز كىشىمۇ راس شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ بېشىنى لىڭىشتىپ ئولتۇرۇپ قانداق قىلغاندا ئەڭ بىخەتەر ئورۇقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى سورىغان ئىكەن، دوختۇر ئۇنىڭغا تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ بىرىشنى ئېيتىپ ئۇنى يولغا ساپتۇ. بىر قانچە ئايلاردىن كىيىن ئۇ سېمىز كىشى ئەۋۋالقىدىنمۇ بەك سېمىرىپ كەتكەن، قەدەملىرىنى تەستە ئىلىپ دوختۇر ئىشخانىسىغا كىرىپ ھال ئېيتىپتۇ.

- مەن كۈنلەپ تەنتەربىيە ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرساممۇ يەنە شۇنداق سېمىرىپ كەتتىم. ئەمدى قانداق قىلارمەن؟!!

 دوختۇر: - سىز قانداق تەرنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان؟

سېمىز: - شاھمات ئوينىغان....

ھازىر 30 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا بىر چىرايلىق قورساق سىلىپ ئولتۇرۇپ قوپقىچە پۇشۇلدايدىغان، چوڭلار بىلەن بىر داستخاندا ئولتۇرۇپ قالسا پۇتى قولىشىپ قىمىرلاپ بىر ئىزىدا ئولتۇرالمايدىغان، دوختۇردا تەكشۈرتسە قان قويۇق، جىگەرنى ماي قاپلىغان دەپ دىئاگنۇس قويۇلغان. ھازىرقى ياش باللا پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتقا ئوخشاش نازۇك، ئاجىز دەپ قاقشاپ قويىدۇ چوڭ ئاقساقاللار. دېمىسىمۇ توقچىلىق بولىۋاتقان زامانىمىزدا ئوبدان يەپ، ئوبدان ئۇخلاپ بەدىنىمىزگە زىيادە ماي توپلاۋاتىمىز. دۇكىنىمغا مۇشۇ سېمىزلىكتىن، قان قويۇقلۇقتىن قاقشاپ كىرگەن ياشلارنى بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىشنى تەۋسىيە قىلىپ زىرىكمەيمەن. لىكىن مۇشۇ بەدەن چىنىقتۇرۇشنىڭ ئىلمى ئۇسۇلى ھەققىدە تۈزۈك ساۋادىم يوق. ئۆزۈمغۇ پىيادە يول يۈرۈپ قويىمەن. لىكىن پىيادە يول مىڭىش ياشلاردىن بەكرەك ياشانغانلارغا ماس كىلىدىغان ئۇسۇل. قارىسام ئۆزۈمنىڭمۇ بەدەن ئېغىرلىقىم ئۆلچەمدىن سەل ئىشىپ كەتتى.  بىر يۈرۈش تەنتەربىيە سايمانلىرى، بىرەر قۇر داڭلىق ماركىلىق تەنتەربىيە كىيىملىرىنى ئىلىپ ئىككى كۈن باغچىغا چىقىپ تىلىم ساڭگىلاپ كەتكۈچە پەي توپ ئويناپتىمەن. 3-كۈنى مۇسكۇللىرىم ئاغرىپ بىر كۈن چىقماي قويدۇم، شۇ ھورۇنلۇقتا ئەتتىگىنى بەدەن چىنىقتۇرۇش تاشلىنىپ قالدى. تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرى، بەدەن چىنىقتۇرۇشتا مۇئەييەن تەجىربىسى بار تورداشلارنىڭ ئۈنۈملۈك بەدەن چىنىقتۇرۇش ئۇسۇلى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ بىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. رەھمەت!!!




[Birzat بۇنى 2010-10-20 02:40 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: بەدەن چىنىقتۇرۇش، تەنتەربىيە

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 12 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماO.O[2011-11-22 10:39 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى ، تورداشلار ...

مەنمۇ خېلى بولغان ئىدى ، ئەتىگەندە قەرەرلىك ھالدا بەدەن چىنىقتۇرۇشنى باشلايمىكىن دېگەن ئىدىم ..
مۇۋاپىق بەدەن چىنىقتۇرۇشنىك ئۇسۇللىرى دېمەكچى بولغىنىم يېڭىدىن بەدەن چىقىتۇرۇشنى باشلىغانلار
ئادەتتە قانداق چىنىقىش ئۇسۇللىرىنى قوللانسا بولىدۇ دېمەكچى ...! ئاندىن بەدەن مۇسكۇللىرىنى گۈزەللەشتۇرۇش  ئۈچۈن قانداق مەشىقلەرنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ ، مېنىڭ بەكمۇ 三打  跑酷  مەشىق قىلغۇم بار ئىدى ، بۇلار ئۈچۈن قانداق دەسلەپكى مەشىقلەرنى قىلىش كېرەك دېگەنلەردىن سورىماقچى ئىدىم .
تەنتەربىيەدىن خەۋىرى بار تورداشلارنىڭ مەسلىھەت بەرسىكەن دېگەن ئۈمۈدتىمەن ...
شۇلاردىن كەڭ دائىرىدە بىلىملەرگە ئىگە بولالايدىغان تور بەت ئادرىسلىرى بولسا يوللاپ قويساڭلار تېخىمۇ ياخشى بولاتتى !
回复قايتۇرماaikut[2010-11-25 06:29 PM | del]
ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندى ياخشىمۇسىز؟ مەن تور ئارىلاۋېتىپ بالىلارنىڭ قەۋزىيىتىنى پۇتتىن داۋالايدىغان بىر رېتسىپنى كۆرۈپ قالدىم. . رەۋەندىدىن10- 5 گرام ئېلىپ يۇمشاق يانجىغاندىن كېيىن، ئاچچىقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئوماچ ھالىتىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن ھۆللىكتىن ئاغرىشنى توختىتىش مەلھىمىنىڭ ئوتتۇرسىغا قويۇپ، ئىككى تاپىنىنىڭ ئوتتۇرسىغا چاپلاپ15-10سائەتتىن كېيىن ئېلىۋەتسە بولىدۇ. ئادەتتە بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا بىر قېتىمدىلا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ . دەپتۇ مەن ئۇنى بالامغا سىناپ باقماقچى، لېكىن ئۇنىڭدا <ھۆللىكتىن ئاغرىشنى توختىتىش مەلھىمى > دېگەن دورىنى تاپالمىدىم. بۇقانداق دورا؟ خەنزۇچە ئىسمى بارمۇ؟ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ماڭا بۇ دورىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز.
回复قايتۇرماgulbostan[2010-11-25 10:50 AM | del]
ئەسسالەمۇ ئەلەيكۇم بىر زات سىزدىن بىر سوئال سوراي ، مالال كۆرمەي جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز
مېنىڭ بىر سىڭلىم بار ،ئۇنىڭ قولتۇقى تەرلەيدۇ  ۋە ئىنتايىن سېسىق پۇرايدۇ، ئۇ بىچارە سىڭلىمنىڭ قىلمىغان ئىشى قالمىدى ، بۇنىڭغا سىزنىڭ بىرەر رېتسىپىڭىز بارمىدۇ.
ئوغلۇم بۇ يىل 21 ياشقا كىردى ئۆزى سەر سېمىزرەك، يېقىندىن بۇيان بەك خورەك تارتىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ ، ياتىقىدىكى بالىلەر باشقا ياتاقلەرگە چىقىپ كېتىپتۇ. ئۆزى لەنجۇدا ئوقۇيدۇ ، بۇنىڭ سەۋەبى بارمىدۇ؟
回复قايتۇرماesil[2010-11-01 04:25 AM | del]
ئۈرۈمچىدە يوگا  ئۈگىتىدىغان يەر  بارمىدۇ ؟
回复قايتۇرماBirzat[2010-10-21 09:58 AM | del]
espresso نىڭ ئىنكاسى:

DJ ،قىزلارنىڭ دۈمبە مۇسكۇلنى چېنىقتۇرۇشنى قانداق قىلىدۇ.

DJ مەرداننىڭ ئىنكاسى:

دۈمبە ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ھەرىكەت تورنىك تارتىش. ئەگەر ئىمكانىيىتىڭىز بولسا تورنىك تارتىپ بېرىڭ.
ئەگەر چېنىقىش زالىدا چېنىقىدىغان بولسىڭىز ئۇمۇ ئاسان. Lat Pulldown دىگەن ھەرىكەتنىڭ ئۈستىدىن ۋە ئالدىدىن تارتىشىنى يېنىك كىلو بىلەن تارتىپ بېرىسىز. تۆۋەندىكى ھەرىكەت شۇ:


ئەگەر ئۆيدە بولسىڭىز 3-5 كىلولۇق گانتېل بىلەن تۆۋەندىكى ھەرىكەتنى قىلىپ بېرىڭ. 4x12 ھالىتىدە قىلسىڭىز بۇلىدۇ:

باشتا دېگىنىمدەك ئامال بار تورنىك تارتىشقا تىرىشىڭ.

回复قايتۇرماBirzat[2010-10-21 09:54 AM | del]
شارفنىڭ ئىنكاسى:
گانتىل،شىتانكا مەشق قىلغاندا ھەر بىر تۈرنى 5-6گۇرۇپ، ھەر بىر گۇرۇپتا قېتىم سانى 10-12ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك،ئارىلىقتا بىر مىنۇت دەم ئالسا بولىدۇ. بۇ جيەنمېي ھەرىكىتىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. د.ج.مەردان يامان ئەمەس چېنىققاندەك قىلىدۇ. قانات مۇسكۇللىرى تەرەققى قىلىۋېتىپتۇ. بولسا جيەنمېينى توختۇتۇڭ، كېيىن بەك كالامپايلىشىپ كېتىسىز. ئەڭ ياخشىسى ئەمدى ئوكسېگىنلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بەدەن ھالىتىڭىزنى ساقلىسىڭىز ياخشى. بوكسيۇر، چامباشچىلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن.

يۇگا گۇمپىسىنىڭ خەتىرى چوڭ. كېيىن ئادەمنى پالەچ قىلىپمۇ قويىدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ بەزىبىر ھەرىكەتلىرى ھەرىكەت قانۇنىيىتىگە خىلاپ.

بىرزاتنىڭ ئىنكاسى:
ئۇ ماقالىدە يۇگا ھەركىتى ھەققىدە مۇنداق ئۇچۇرلار بار ئىكەن:

«يوگا »قەدىمىي سانسكىرت تىلىدىن كەلگەن بۇلۇپ ،«ئىلاھ ۋە ئىنساننىڭ بىرلىكى »دىگەن مەنىدە .ھىندى دىنى مەدىنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ ھساپلىنىدۇ.يوگا ھەركىتىنىڭ نەزىرىيىلىك ئاساسى بىراخمان دىنىنىڭ «ئۇپاندىشاد»ۋە «يوگا گىمنى »دىن ئىبارەت ئىككى ساماۋى كىتابى بۇلۇپ ،كىيىن ھىندى دىنى مۇرىتلىرىنىڭ تەن ۋە روھنى تۈزەشتىكى تاكتىكىسىغا ئايلانغان .يوگا مەشق قىلغۇچى ،ئادەم ۋە تەبىئەتنىڭ بىرلىشىش ئارقىلىق ،تىنىق تەڭشەش ۋە خىيال قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ «بۇددا بىلەن بىرلىشىش» باسقۇچىغا بارىدۇ ،ئەڭ ئاخىرقى قوغلىشىش مۇددىئاسى بۇددا پەرىشتىلىرىگە ئايلىنىشتىن ئىبارەت .يوگا ھەركىتى بەدەن ،قەلب ،ئەقىل ،ھىسيات .ئىرادەدىن ئىبارەت 5 قىسىمدىن تەركىب تاپقان ،مەشق قىلغۇچىنىڭ دەرىجىسى بارا-بارا ئۆسۈپ،تەبىئەتتىن ھالقىغان «سىھىر»گە ئىگە بۇلىدۇ .ئەڭ دەسلەپتە بەدەننىڭ نەپەس ھەركىتى مەشق قىلىنىدۇ .دىننىڭ نۇرغۇنلىغان مەزھىپى بۇلۇپ ،مەشق قىلغۇچى چۇقۇم ئۇستازغا ئەگىشىپ بىر مەزھەپكە قاتنىشىشى كېرەك ،قالايمىقان مەزھەپكە قاتنىشىشقا بولمايدۇ .ھەر خىل يوگا ھەركەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزئالدىغا ئىسمى بۇلۇپ ،بۇ ھەركەتلەر «ئىلاھ بىلەن بىرلىشىپ »ھاياتنى «خۇشال ئۆتكۈزۈشنىڭ بىردىنبىر يولى» دەپ قارالغان .ھازىرقى يوگا ھەركىتى بەدەن چېنىقتۇرۇش نامى بىلەن تارالغان ، دورا ئىشلەتمەستىن كىسەل داۋالاش ،ئىلاھ بىلەن بىر گەۋدە بۇلۇش ۋە شەخسى مەنپەئەتكە ئېرىشىش قاتارلىق سەپ - سەتىلەر بىلەن نۇرغۇن مۇسۇلمان قېرىنداشاشلارنى جەلپ قىلماقتا .

ماۋۇ ئاڭلاپ باقمىغان يېڭى گەپلەركەن. مەن بۇنى پەقەتلا بەدەن چىنىقتۇرۇشتىكى بىر ھەركەت ئۇسۇلى دەپ ئويلاپتىمەن. بۇ ھەرىكەتنىڭ دىنىي ئارقا كۆرۈنىشى ھەققىدە ھېچنىمە بىلمەيدىكەنمە.

DJ_MardaNنىڭ ئىنكاسى:
sharaf:
گانتىل،شىتانكا مەشق قىلغاندا ھەر بىر تۈرنى 5-6گۇرۇپ، ھەر بىر گۇرۇپتا قېتىم سانى 10-12ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك،ئارىلىقتا بىر مىنۇت دەم ئالسا بولىدۇ. بۇ جيەنمېي ھەرىكىتىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. د.ج.مەردان يامان ئەمەس چېنىققاندەك قىلىدۇ. قانات مۇسكۇللىرى تەرەققى قىلىۋېتىپتۇ. بولسا جيەنمېينى توختۇتۇڭ، كېيىن بەك كالامپايلىشىپ كېتىسىز. ئەڭ ياخشىسى ئەمدى ئوكسېگىنلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بەدەن ھالىتىڭىزنى ساقلىسىڭىز ياخشى. بوكسيۇر، چامباشچىلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن.

يۇگا گۇمپىسىنىڭ خەتىرى چوڭ. كېيىن ئادەمنى پالەچ قىلىپمۇ قويىدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ بەزىبىر ھەرىكەتلىرى ھەرىكەت قانۇنىيىتىگە خىلاپ.


مەن ئۇكۇل ئۇرمىغاندىكىن ئۇنچىۋالا يوغىناپ كەتمەيمەن. ئۇكۇل ئۇرماي تۇرۇپ بەدەن نەگىچە يوغىنىسا شۇنىڭغىچە داۋام قىلىمەن خۇدايىم بۇيرۇسا. ھەم مۇسكۇل يوغىنىسىلا كالامپاي بۇلىدىغان ئىش يوق. مەن نى نى كاماندودەك گۇيلارنى كۆردۈم، بەزىلىرى شۇنداق چاققان، چەبدەس كېلىدىكەن. ھازىرچە مۇسكۇل تەرەققى قىلىۋاتقاندا ئارتۇق كالورىيە سەرپ قىلىدىغان بوكس، چامباشچىلىق دىگەندەك ھەرىكەتلەرنى قىلمايمەن. باشتا نىشانىم بولغان 80-85 كىلوغا چىققاندىن كېيىن ئېغىر چېنىقىشنى توختىتىپ، شۇ ھالەتنى ساقلاپ مېڭىش ئۈچۈن يېنىك چېنىقاي دەيمەن. بوكىس بىلەن كۈرەشكە شۇ چاغدا بارىمەن خۇدايىم بۇيرۇسا.

ئاشۇ يوگانىڭ ئورنىغا راۋۇرۇس تەييارلىنىپ پۈتۈن قەلبىمىز بىلەن ئاللاھقا يۆنىلىپ 2 رەكەت ناماز قىلساق شۇ ياخشىمىكىن دەيمەن. ھەم جىسمانى ھەم مەنىۋى ھەرىكەت قىلغان بۇلىمىز.
回复قايتۇرماBirzat[2010-10-21 09:46 AM | del]
DJ_MardaN نىڭ ئىنكاسى:

نەقىل مەنبەسى Birzat نەقىل مەنبەسى Birzat
خانىم-قىزلار، مۇسكۇلدىن قورقماڭلار

ئېغىرلىق كۆتۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىگە قارىتا خانىم-قىزلاردا" مۇسكۇللىرىم يوغىناپ ئەر كىشىدەك كۆرۈنۈپ قالىمەن" دەيدىغان بىر خىل قۇرقۇش بار. ھالبۇكى يېنىك ئېغىرلىقتىكى گانتىللار بىلەن چېنىقىشنىڭ مۇسكۇللارنى يوغىناتمايدىغانلىقى ئىلمى جەھەتتىن ئىسپاتلانغاندۇر. تەرتىپلىك ۋە ئىلمى ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ خانىملارغا تۆۋەندىكى جەھەتلەردىن پايدىسى بار:

1. بەدەن شەكلىڭىزنى چىرايلىقلاشتۇرىدۇ
مۇسكۇللار، بەدىنىڭىزنى ئىنىچكە زىلۋا كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مۇسكۇللار بەدەندىكى ياغلاردىن ئاز يەر قاپلايدۇ. ئېغىرلىقى سىز بىلەن ئوخشاش لېكىن مۇسكۇل قۇرۇلمىسى دىگەندەك تەرەققى قىلمىغان باشقا بىر خانىمغا قارىغاندا سىز 2 رازمېر كىچىك كىيىم كىيەلەيسىز. ۋە يېنىدا تۇرغاندا ئۇنىڭدىن تېخىمۇ زىلۋا كۆرۈنىسىز.

2. تېخىمۇ جىق نەرسە يىيەلەيسىز. بەدىنىڭىزنى ئاسانلىقچە ياغ قاپلاتقۇزمايدۇ
مۇسكۇللار تېخىمۇ جىق نەرسە يېيەلىشىڭىزگە ياردەم قىلىدۇ. چۈنكى مۇسكۇللار بەدەننىڭ كېچى-كۈندۈز ئاكتىپ ھالەتتە تۇرىدىغان بىردىن-بىر قىسىمى بولۇپ، 24 سائەت ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ. توختىماي تىترىشىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ جىق كالورىيە كۆيدۈرۈشىڭىزگە سەۋەپچى بۇلىدۇ. يەنى بەدەننىڭ مۇسكۇلى تەرەققى قىلغاندا نورمال ئادەمگە قارىغاندا سائەتتە 20-30 كالورىيە جىق كۆيدۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ كۈندە نەچچە يۈز كالورىيە جىق نەرسە يىيەلەيسىز. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان يوغان مۇسكۇللۇق ئەركەك ۋە خانىملارنىڭ بەدەنلىرى نورمال ئادەمگە قارىغاندا بىر سائەتتە تەخمىنەن 100 كالورىيە جىق كۆيدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ تاماقنى جىق يېيىشىنىڭ بىر سەۋەبى بۇ. قىسقىسى مۇسكۇللار تېخىمۇ جىق تاماق يىيەلىشىڭىزگە ياردەمچى بۇلىدۇ. ئەرلەرنى مىسالغا ئالساق، ئەرلەر قانچە جىق يېسىمۇ ئاياللاردەك ئىتتىك ۋە جىق سەمىرىپ كەتمەيدۇ. ئەمما بەزى ئاياللار ئازراقلا جىق يەپ قويسا سەمىرىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى مۇسكۇل مىقتارى ئاياللاردىن جىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ جىق گورمون بار ۋە بۇ بەدەندىكى ياغلارنى تېخىمۇ جىق كۆيدۈرىدۇ.

3. قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، ياش كۆرسىتىدۇ
يېشىڭىز چوڭايغانسىرى مۇسكۇللىرىڭىزنىڭ سىزنى ياش كۆرستىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ 30 ياشتىن كېيىن بەدىنىڭىزدىكى مۇسكۇللار ئازراقتىن كىچىكلەپ ماڭىدۇ. 5 يىلدا مۇسكۇل  %4 كىچىكلەپ كېتىدۇ. ئەگەر بۇ تەبىئى مۇسكۇل كىچىكلەشكە قارشى بىر ئىش قىلمىسىڭىز 40 ياشقا بارغاندا بەدەن شەكلىڭىزدە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىش بۇلىدۇ.

ئاياللاردىكى مۇسكۇل ئازىيىش ئەرلەردىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە جىق بۇلىدۇ. چۈنكى ئاياللارنىڭ مۇسكۇل مىقتارى ئەلەردىن ئاز ۋە ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئىتتىك سەمىرىيدۇ. دائىم ئورۇقلاشنىلا ئويلايدۇ مۇسكۇلنى ئۇنتۇيدۇ. ئاياللار ياغ بىلەنلا قالىدىغانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم بولغان مۇسكۇللىرىنىڭ ئېرىشكە باشلىغىنىدىن خەۋىرىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى جىقايغان ياغلار ئورۇقلىغان مۇسكۇللارنىڭ ئۈستىنى قاپلايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئاياللار بەدىنىدىكى زىيادە ياغلاردىن ئاران تەستە قۇتۇلۇپ ئەينەككە قارىغان چېغىدا ئون يىل بۇرۇنقى چىرايلىق بەدىنى يېرىگە تېرىلىرى ساڭگىلاپ، ئورۇقلاپ غەلىتىلا بولۇپ قالغان بىر بەدەننى كۆرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار ياغ كۆيدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ياغنىڭ ئاستىدىكى مۇسكۇللارنى تولدۇرۇپ، چىڭايتىپ، شەكىل بېرىدىغان ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىمۇ تەڭ قىلىپ بېرىشى كېرەك. بىر ئايال مەيلى ئورۇق بولسۇن مەيلى سېمىز بولسۇن چېنىقىشقا باشلىغاندا مۇسكۇللىرى تەرەققى قىلىپ (قورقۇپ كەتمەڭ، ئەرلەردەك بولۇپ كەتمەيسىز. ئاياللارغا خاس مۇسكۇل قۇرۇلمىڭىز بۇلىدۇ) 30 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنمۇ بەدىنى ياش ھالەتتە تۇرىدۇ.
回复قايتۇرماBirzat[2010-10-21 09:45 AM | del]
4. بەدىنىڭىزنى ساغلام ۋە كۈچلۈك قىلىدۇ
مۇسكۇل سىزگە كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ساغلاملىق ئاتا قىلىدۇ، ۋە ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى كۈچەيتىدۇ. ئەرلەرنىڭ سىزگە ئىچى ئاغرىپ دائىم ئېغىر نەرسە-كېرەكلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىشىدىن، سىزگە دائىم ئاجىز دىيىشىدىن زېرىكمىدىڭىزمۇ؟ بۇنى خاتا چۈشەنمەڭ يەنە. ئەگەر بىرەر ئەر كىشى ئېغىر نەرسە- كېرەكلىرىڭىزنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىمەن دېسە ياق ئۆزەم كۆتۈرىتىم دەپ ئېشىۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ. چىرايلىقچە رەخمەت دەپ ماقۇل بۇلىسىز. لېكىن ھىچ كىم يوق يەردە، ياكى بىر خانىم ئېغىر نەرسە كېرەكلەرنى ئۆزى يالغۇز سۆرۈشتۈرۈپ يۈرسىمۇ ياردەم قىلماي ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرىدىغان ئەر كىشىلەر بار يەرلەردە قىلچە قىينالمايسىز. يېشىڭىز چوڭايسىمۇ بەدىنىڭىز ساغلام تۇرىدۇ.

5. مۇسكۇل سىزنى سېكسى كۆرسىتىدۇ
مۇسكۇل سېكسىدۇر. ئىنتايىن سېكسىدۇر. مۇسكۇللار ئۆزىڭىزنى سېكسى ھىس قىلىشىڭىزنى، شۇنداق بۇلىشىڭىزنى ۋە بەدىنىڭىزنىڭ مۇكەممەل بىر سىممېترىكىلىق شەكىلگە كىرىشىگە سەۋەپچى بۇلىدۇ. بەدىنىڭىزنىڭ يۇمىلاق يەرلىرى دەل يۇمىلاق، تۈز يەرلىرى دەل تۈز تۇرىدۇ. خاتا چۈشەنمەڭلار، چىڭ، زىلۋا ۋە تولغان بەدەننى تۇتۇش يۇمشاق بەدەننى تۇتقاندىن ياخشى. بىر خانىمنىڭ مۇسكۇلسىز چىڭ ۋە تولغان بەدەنگە ئىگە بۇلىشى مۈمكىن ئەمەس. تولغان، چىڭ بەدىنى بار خانىملارغا دېققەت قىلساق مۇسكۇل قۇرۇلمىسىنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا تەرەققى قىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.  

6. ئۇستىخانلىرىڭىزنى قوغدايدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ
30 ياشتىن يۇقىرى خوتۇنلارنىڭ ئۇستىخان قۇرۇلمىسى خەتەرلىك دەرىجىدە ئاجىزلاشقا باشلايدۇ. ئەگەر بەدەن چېنىقتۇرۇپ بەرگەندە سۆڭەك ئېرىش خەۋپى ئازىيدۇ. تەرتىپلىك ھالدا بەدەن چېنىقتۇرۇپ بەرگەندە سۆڭەك ئېرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولمايسىز. چۈنكى ئېغىرلىق بىلەن چېنىققاندا مۇسكۇللىرىڭىزلا ئەمەس، ئۇستىخانلىرىڭىزمۇ بېسىمغا ئۇچرايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارمۇ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ، چىدامچانلىقى ئاشىدۇ. تەرەققى قىلغان ۋە چىڭايغان مۇسكۇللار بولسا ئۇستىخانلىرىڭىزنى پۇختا بىر ساۋۇتقا ئوخشاش يۆگەپ قوغدايدۇ.

خانىملار ئېغىرلىق بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭلار
ئەگەر چېنىقىش پروگراممىڭىزغا ئېغىرلىق بىلەن چېنىقىشنىمۇ قوشسىڭىز ساغلام مۇسكۇل قۇرۇلمىڭىز، كۈچلۈك ئۇستىخانلىرىڭىز، چىرايلىق بەدىنىڭىز بۇلۇشىدىن سىرت، ئېغىر ئىش قىلغاندا، باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرى بىلەن شۇغۇللانغاندا ئوڭايلىقچە زەخمىلەنمەيسىز. چۈنكى بەدەن چېنىقتۇرۇش بوغۇملىرىڭىزنىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئەگەر بەل، بويۇن، مۈرە ئاغرىقىڭىز بولسا بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇنىڭ بىرىنچى دورىسى. چۈنكى بەدەندىكى بارلىق چوڭ مۇسكۇللار گۇرۇپپىلىرىنى چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق توغرا، تۈز ۋە تەڭپۇڭ تۇردىغان بۇلىسىز ۋە بۇ ئاغرىقلارمۇ يوقىلىدۇ. بولۇپمۇ قۇساق مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇشنىڭ بەلگە پايدىسى بۇلىدۇ. چۈنكى قۇساق مۇسكۇللىرى بەلنى تۇتۇشتا ياردەمچى رول ئوينايدۇ.
回复قايتۇرماBirzat[2010-10-21 09:38 AM | del]
بىخلاننىڭ ئىنكاسى:
بىرزات ئەپەندىم پۇلنى چىڭ سىقىمداپ تېپىۋەرمەي ئازراق خەجلەپ قويۇڭلا، قەشقەر پىيادىلەر سودا كوچىسىنىڭ كەينىدىكى قاشتېشى كوچىسىدا بىر چېنىقىش زالى بار، پۇلى ئەرزانراق (يىللىقى 760 كوي)، لېكىن ئانچە بەك يېتەكلەپ كەتمەيدۇ، ئەگەر رەسمىي مۇنتىزىم چېنىقىمەن دېسەڭلا قەشقەر پەن-تېخنىكا مەيدانى (喀什科技广场) دا يەنە بىر چېنىقىش زالى بار، مەن شۇ يەردە چېنىقىۋاتىمەن، ئەمما يىللىقى 1280 يۈەنمىكىن، ھازىر ئۆسۈپ كېتىپتۇ، مەن كىرگەن ۋاقىتتا 860 يۈەن ئىدى. ئەمما بۇ يەرنىڭ ئورنى كىچىكرەك، ئەمما كەسپىي چېنىقىدىغانلار كۆپرەك.

مەنمۇ دەسلەپتە 6-7 كىلوگرام ئورۇقلاپتىكەنمەن، كېيىن رامىزاندا بىر ئاي بارالمىدىم، شۇندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە سىجىل بارالمايۋاتىمەن، يەنە 4 كىلو ئېشىپ كېتىپتىمەن، قىشتا كىيىم ئالماشتۇرۇش سەل ئاۋارىچىلىق بولغاچقا بەزى خۇشياقمايدىكەن، ئۆي سېتىۋالالىغان بولساققۇ ئۆيگىلا يۈگۈرۈش ماشىنىسىنى بىرنى ئېلىپ قوياتتىم.

بىرزاتنىڭ ئىنكاسى:
ما باللا نىمانداق قىززىق گەپ قىلىۋەتكەندۇ... چىنىقىش سارىيىغا بىرىشقۇ تەس ئەمەس. ئەمما پۇل كەتمەيدىغان ھەم ۋاقىتنى تېجىۋالغىلى بولىدىغان بەلەن ئۇسۇللار بولسا تونۇشۇپ قويايلى دېسەم مېنى پىخسىقلىقتا ئەيىپلىگىلى تۇرمىغانسىلەر ھە
5-قەۋەتكە كۈندە نەچچە قېتىم چىقىپ چۈشۈپ خىلى چىنىققاندەك ھېس قىلىمەن. لىكىن دۇكانغا شۇنچە ئالدىراپ پەسكە چۈشۈپ تېلفۇن ياكى شۇنىڭدەك بىرەر موھىم نەرسىڭىزنى ئۈستىدە ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭىزنى بىلگىنىڭىزدە بۇ 5-قەۋەتكە چىقىش شۇنداق ئېغىر كىلىدۇ.
تېخى قايسى كۈنى شۇنداق ئېغىر كىلىپ ئۇزۇن بىر ئارغامچا بىلەن سېۋەت تەييار قىلىپ قوياي دېسەم خوتۇنجان كۈلۈپ كەتتى. چىنىقىمەن دەيلا، 5-قەۋەتكە چىقىپ چۈشۈشتىن ھورۇنلۇق قىلىپ سېۋەت، ئارغامچا ئالىمەن دېگىلى تۇرلا دەپ


espressoنىڭ ئىنكاسى:
ما گەپ بەك قىزىپتۇ بىرزاتكا،لېكىن سىۋەتكە ئادەم قانداق باتىدۇ؟

باغرىمخاننىڭ ئىنكاسى:
سېۋىتىڭىزنى ئارغامچا بىلەن كىم تارتىپ قويىدۇ ؟

ما گەپنى كۆرۈڭ ئەمدى. سېۋەتكە مەن چىقمايمەن. ئۈستىدە ئۇنتۇپ قالغان نەرسىلەرنى سېۋەتكە سىلىپ چۈشۈرۈپ بەرسە، دۇكانغا باراردا بازاردىن گۆش، سەي سىتىۋېلىپ ئىلىپ كەلسەم سېۋەتتە تارتىپ ئىلىۋالسا دەپ سېۋەت بىلەن ئارغامچا ئالاي دەپتىكەنمەن. سېۋەتكە بىرزات چىقىدىغان بوپتۇ دەپ خەۋەر تارقىلىپ كېتىپتۇ ما ئىزدىنىشتا ، تۆۋبە


espressoنىڭ ئىنكاسى:
مەن تېخى قانداق چوڭ سىۋەتتۇ ئۇ دەپ بىراز ئويلىنىپ كېتىپتىمەن...ئەمدى چۈشەندىم .
回复قايتۇرماBirzat[2010-10-21 09:33 AM | del]
بىرزاتنىڭ ئىنكاسى:
مۇشۇ يۆگا ھەركىتىنى ئاياللارغا بەك پايدىلىق دەپ ئاڭلىدىم. مۇشۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بەرمەمسىز espresso خانقىز!!

مەستۇرەنىڭ ئىنكاسى:
يوگا دەرسىگە قاتناشمىساممۇ روھىي كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان يوگا مەشىقىنى ئۆيدە قىلغىلى بولامدۇ؟ قايسى خىلدىكىلىرىنى قىلسام ياخشى. قاتتىق يوگا مەشىق قىلىمەن دەپ يوگا پالىزىدىن بىرنى ئەكەپ قويغان. دادىسى كۆرۈپ مەن بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنىڭ ئۈستىدە ئۇخلايمەن دەپ تۇرۇۋېلىپ، ھازىر ئۇنىڭ ئۈستىدە قىزىم دومىلاپ ئويناۋاتىدۇ.  

espresso خانىمنىڭ ئىنكاسى:
يوگانى تۇنجى قېتىم قىلىشقا باشلىغاندىمۇ مۇشۇ دوستۇمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن باغانتۇق، يوگا قىلسا جىددىلىشىش، بەدەن ھارغىنلىقى قاتارلىقلارنى ئوڭشايدىكەن دەپ. بۇ دوستۇمنىڭ تۇرمۇش بېسىمى بىر قەدەر جىقتى ئۇ چاغدا، ئامېرىكىقلارنى بەك غەمسىز دەيدۇ جىقلار،ئەمىليەتتە ئۇلار تېخى بەك غەم قىلىدىغانلاردىن،لېكىن دىمەيدۇ ئانچە. شۇنىڭ بىلەن بىز باشلىغان تۇنجى ھەپتىسىدىلا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتۇق، مالىم بەدىنى بەك بەك چىرايلىق بىر ھىندىنوزىيەلىك قىزكەنتۇق، ھازىر يېقىن دوس. يوگانىڭ يەنە بىر رولى ئاياللارنىڭ بەدىنىنى شۇنداق چىرايلىق قىلىدۇ، ئۇيغۇر قىز ئاياللار ناھايىتى چىرايلىق قاش كۆزلۈك دىگەندەك،لېكىن رەسمى ئۆلچەملىك بەدەنلىك قىزلار ئاز ئۇچرايدۇ،ھەتتا ئۇسۇلچى قىزلارنىڭمۇ ئورۇق بولغان بىلەن ئۆلچەمگە چۈشمەيدىغان يەرلىرى بار مەسىلەن بويۇنلاردا قورۇق، بىلەكلەر سەل ساڭگىلاپ قالغان دىگەندەك،ئۇزۇن مەزگىل قىلىپ بەرسە يوگانى،ئادەمنىڭ ھەممە يەرلىرى ئاستا ئاستا ئۆلچەملىشىشكە باشلايدىكەن، ئورۇق يەر ئورۇق، تولغان يەر تولغان، يوتا ۋە بىلەكلەرمۇ چىڭ، تۈز دىگەندەك،قانداقلا ياسانسىمۇ ياراشقان...يۈرۈش تۇرۇش،مېڭىش دىگەنلەرمۇ بىر خىل تەبىئىلا سىپتالىشىپ قالىدىكەن بەدەننىڭ ئىلاستىكىلىقى ئېشىپ. پۇت قولللار ھەر تەرەپكە ئەركىن سوزۇلالايدىغان بولغاندىكىن نەپەس ئېلىش، ئىچى راۋانلىشىش قاتارلىقلار ئۆزلۈگىدىن ھەل بولىدىكەن ۋە شۇ ئارقىلىق يۈز ۋە تېرىنىڭ گۈزەللىگىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدىكەن.

يەنە بېسىم ئازىيىدىكەن، جىلى خورلۇق ئازلاپ قالىدىكەن(مۇشۇ گەپنى بىزنىڭ ئەدەم كۆرۈۋالسا كۈلىۋېتىدىغۇ دەيمەن يالغانكەن دەپ)، ئۇندىن باشقا كېسەللەرنىڭ ئالدىنىمۇ ئالامدىكىن دەيمەن،مەن ئىشقىلىپ ئۆزەمنى خېلى ساغلام ھىساپلايمەن....مۇشۇلاردىن قارىغاندا يوگا ئورۇقلىتىپلا قالماي نۇرغۇن پايدا ئەپ كېلىدۇ بىزگە،ھورۇنلۇق قىلماي سىناپ باقايلى ئىزدىنىشلىقلار، ھازىر ھەر ھەر داڭلىقلار مۇشۇنى قىلىدۇ،ئاڭلىسام سوۋخۇ جاڭ چاۋ ياڭمۇ مەشىق قىلغىلى 10 يىلدەك بوپتۇ، ئۇنىڭ نىشانى 150 يىل ياشاشكەن.


بىكارچىنىڭ ئىنكاسى:
مەن كۈندە 5000 مېتىرغا يۈگۈرىمەن..........................چۈشۈمدە...

回复قايتۇرماBirzat[2010-10-21 09:28 AM | del]
بۇ تېمىنى ئىزدىنىشقىمۇ يوللاپ قويغان ئىدىم، تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە قىممەتلىك ئىنكاسلىرى چۈشۈپتۇ، تاللاپ يوللاپ قويدۇم:
تورداش espresso نىڭ ئىنكاسى:
1) ئەڭ مۇھىمى توغرا بولغان غىزالىنىش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش، ئەتىگەندە قانداق نەرسە يېيىش،چۈشتە قانداق يېيىش،كەچتە قانداق يىيىش،قانداق ۋاقىتتا يېيىش دىگەنلەر .. بولۇپمۇ 30 ياشتىن ئاشقاندا قاتتىق دىققەت قىلىدىغان ئىشلار...

2) ئامال بار ھەركەت قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش، چوقۇم چېنىقىش زالىغا بېرىش شەرت ئەمەس ئەگەر ئەتراپىڭىزدا بولمىسا، بولسا تېخى ياخشى، ئالدى بىلەن بىر يىللىق خەتلىنىسىز، ئاندىن مۇئەللىم بىلەن كېلىشىپ ئاز دىگەندە 10 سائەتلىك ئايرىم ھەق تۆلىسىڭىز ، سىزگە ھاۋالىق ھەركەت 有氧运动لەرنى قانداق قىلسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى، ئوغۇل بالا بولسىڭىز بېلەك،مۇسكۇللارنى قانداق ئەسۋاپتا قانداق قىلسا مۇۋاپىقلىقىنى ناھايىتى ئوبدان ئۈگىتىپ قويىدۇ،10 سائەتكىچە بۇنى سەللىمازا بىلىۋالالايسىزدە ئاندىن ھەر قېتىم چېنىققىلى باغاندا شۇ بويىچە چېنىقىپ بەرسىڭىز ئاز ئۆتمەيلا تىرىشقاننىڭ پايدىسىنى كۆرىسىز. ئەرلەر ئۈچۈن بەدەن بىناكارلىقى دىگەن ئاياللاردەكلا مۇھىم.

3) ئادەتتە چېنىقىش زاللىرىدا ھەر خىل تۈرلەر بولىدۇ،مەسىلەن گىمناستىكا،يوگا،ئۇسۇل، بوكىس، بەدەن تەڭشەش، ۋەلسىپىت مىنىش دىگەندەك،بولۇپمۇ ۋەلسىپىت مىنىش بەك پايدىلىق ،ھەپتىدە 1-2 قېتىمغىچە قىلسا ئەڭ قىسقا مۇددەتتە ئورۇقلىغىلى بولىدۇ،ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسىمۇ بولمايدۇ، بولسا ھەپتىدە بىر كۈن سۇ چۆمۈلۈشمۇ ناھايىتى پايدىلىق ھەركەت.

4) ئەگەر ئەتراپىڭىزدا چېنىقىش زالى بولمىسا ئاخشىمى يۈگرەڭ، ئاستا لېكىن توختىماي يۈگرەڭ، 40 مىنۇتتىن ئارتۇق شۇنداق قىلسىڭىز تەر بەك ئوبدان چىقىدۇ، پۇت مۇسكۇللىرىمۇ قاتىدۇ، بىرىنچى ھەپتىسى بەك ئېغىر بولۇشى مۈمكىن لېكىن كۆنۈپ قالسىڭىز ۋە ئەڭ مۇھىمى بۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرىۋالسىڭىز بۇ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.مېنىڭ دادام 4 يىل بۇرۇن دىيابىت كېسىلى بولغانلىقى بايقالغان كۈنى ئۇزۇن يىل چەككەن تاماكىدىن بىراقلا توختىدى، ھەم شۇ چاغدىن باشلاپ ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى مېڭىشنى باشلىغانتى، بەزىدە ياز كەچلىرى ئاپام ھەمرا بولىدۇ لېكىن ئاساسەن ئۆزى. مانا نەچچە يىل بولدى،سالامەتلىكى شۇنداق ياخشى، كەينىدىن قارىسىڭىز ياش يىگىتلەردەك بەدەن تۇرقى، بەك تېتىك روھلۇق، بەك قايىل مەن دادامنىڭ مۇشۇ روھىغا.ئەتراپىدىكى يوغان قوساقلىق ئادەملەرنىڭ يېنىدا تېخى بىزە كۆڭلى يېرىم بولىدىكەن قوسىقىم بولسا دەپ.

5) ئاخشىمى دى ۋى دىدا يېتىۋېلىپ ياكى تۇرىۋېلىپ قىلىدىغان مەشىقلارنى كۆرۈپ دوراپ باققانمۇ ياخشى،مەن ھازىر يوگاخانىغا ئانچە بېرىپ كەتمەيمەن ئاساسەن ئۆيدىلا قىلىپ،ئۈزۈلدۈرمەي يوگا قىلىپ بېرىشمۇ بىرىنچى قەدەم بەدەن سالامەتلىگى ۋە گۈزەللىكىگە....

باچكىنىڭ ئىنكاسى:
مەنچە، قىزلار ئاشخانا ئۆيدە جابدۇقلارنى، ئۆيدە دېرىزە- ئىشىكلەرنى دائىم سۈرتۈپ بەرسىلا زىلۋا بەدەندىن ئايرىلمايدۇ!

بەدەن چىنىقتۇرۇش ئۈچۈن، ھەم ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم بىر ياخشى كۆرىدىغان تەنتەربىيە ھەركىتىگە ئىگە بولۇشىڭىز كېرەك، بولۇپمۇ كۈچەپ ئىشلەيدىغان، بەدەننىڭ پۈتۈن مۇسكۇللىرىغا تەسىر قىلىدىغان ھەركەتلەرنى..ئاندىن سۇ ۋە يىمەكلىكنى جەزمەن كۆپەيتىش لازىم، ئاخىرقى مەقسەت سېمىز بولمىغان ئورۇق بەدەنگە ئېرىشىش ئەمەس، سېمىز بولمىغان تولغان، بەردەم بەدەنگە ئېرىشىش..

مېنىڭ ياقتۇرىدىغىنىم بوكىس ۋە ئەركىن چامباشچىلىق.

قولغا پەلەي كىيىپ ياكى لۆڭگىنى قېلىن ئوراپ، باشقا پوسمىنى چۆكۈرۈپ كېيىپ قاتتىق تۈۋرۈك بولامدۇ، خالتا بولامدۇ، مۇشتلاپ تېېپىشنىڭ يەنە بىر قوشۇمچە ياردىمى شۇكى، كۆز مۇسكۇللىرىڭىزنى چىڭىتىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش- كۈچەيتىشكە ياردىمى بار.
ئۆيدە تورنىك تارتىش، خالتا مۇشتلاپ تېپىش، قۇرساق قاتلاش، ئولتۇرۇپ قوپۇش، بىلەكتە بەدەن تىرەش (پوسۇڭ دىگەن گەپنىڭ سەللىمازا ئۇيغۇرچە دىيىلىشىنى بىر دەڭلار بالىلار..)، شىتانكا كۆتىرش، بەدەننى تەتۈر تىكلەپ تامغا يۆلىنىپ تۇرۇش... بۇنىڭ بەدەن گۈزەللىكى ۋە ئىرادە چىنىقتۇرۇشقا، ساغلام بەدەن، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە بەك پايدىسى بار..

چوقۇم كۈندە 5 لېتىر سۇ ئېچىشنى ھەمراھ قىلىش لازىم، سۇ پۈتۈن بەدەندىكى ئېقىمنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەخلەتلەرنى ۋاقتىدا تازىلاپ، بەدەننىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالەتتە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. لېكىن، كۆپ مىقداردا سۇ ئېچىشنىڭ ئورنىغا قېنىق چاي، قەھۋە، پىۋا قاتارلىقلارنى ئالماشتۇرۇش ئەكىس تەسىر ئوينايدۇ.

ھاراق- تاماكا بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈرنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە قانداق يۇمۇرىستىك مۇنازىرىلەرنىڭ بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، چېنىقىدىغان كىشىگە سىغىمى يوقىرى، ئىقتىدارى ياخشى پاكىز ئۆپكە كېرەك بولىدۇ..

بورۋاينىڭ ئىنكاسى:
مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى چېنىقىش ئۇسۇلى - سۇ ئۈزۈش ، بېسىم ھېس قىلىپ قالمەيدىكەن ، روھىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بوپقالىدىكەن ، ئا ھېلىقى مانخاتتان دېگەندەك يەرلەرگە بېرىش دەسلەپتە قىزىقىپ بارىدكەن كىشى ، كېيىنچەرەك خۇشياقمەيدىغان بوپقالىدىكەن ... شۇڭا يۈگرەپ بىرنەرسە كۆتىرەپ چېنىقىشقا < ۋاقتى > چىقمايۋاتقانلار سۇ ئۈزۈپ چېنىقىشنى سىناپ بېقىڭلار
回复قايتۇرماadil830[2010-10-20 10:33 PM | del]
بۇ تىما بەك ياخشى يوللىنىپتۇ. مەنمۇبۇ بىلوگنىڭ دائىملىق كۆرۈرمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئازراق سۆزلەپ قوياي. يۇرتۇم غۇلجىدا بەدەن گۈزەللىكىنى ئاساسى تەربىيلەش نىشانى قىلغان چېنىقىش كۇلۇپلىرى خېلى كۆپ، بۇلتۇردىن باشلاپ مەنمۇ قىزىقىپ چېنىقىشنى باشلىغانتىم .بىر يىل جاپالىق تىرىشىپ بۇلتۇرقى ئورۇق،جانسىز ھالىتىم پۈتۈنلەي ئۆزگەردى، بىزبىلەن بىللە ئورۇقلاش ئۈچۈن چېنىقىدىغانلار ئېرىشكەن ئۈنۈم ھەقىقەتەن ياخشى .پەقەت سىز كۈندە بىر-ئىككى سائەت جاپاغا چىدىسىڭىز. ئارزۇيىڭىزدىكى بەدەن قۇرلۇش ۋە سالامەتلىىككە ئېرىشەلەيسىز.   <چېنىقىش جەريانىدا ئويلىغانلىرىم>.
http://b47.photo.store.qq.com/http_imgload.cgi?/rurl4_b=77b70ae108381c1b5eb0d876afa9ab613968a2b278f759418ef47b61494d26e78747e25d97eded0a36c0cd204756ec3ac514bf6a1b403fadafde1f34b7d82d8294a7afa0fb5824915333215527922cf3ab122dfb&a=42&b=47
قىزىقىشىمىز ئوخشاش تورداشلارنىڭ ئۆز ئارا پىكىرلىشىشىنى ئۈمۇت قىلىمەن.<چ چ 249877609>.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.