ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمىزغا خۇش كەپسىز، قۇتلۇق قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا!
بۇ بالىنى ئۆيلەپ قويسا پايدىسى بولارمۇ؟
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2011-02-17
بىمار بالا 21 ياشقا كىردى، شاڭخەيدىكى تۇلۇق ئوتتۇرىغا ئېۋەتكەن، يىللىق مەۋسۇملۇق ئىمتاھان مەيدانىدىن چىقىپ كەتكەنچە، ئاشۇ يات يەردە يۈرۈپ، شۇ يەردە بىر ئۇيغۇر قېرىدىشىمىزغا غەلىتە ھالەتتە ئۇچراپتىكەن، ئۇ ئادەم ئاران تەستە دادىسىنىڭ تېلىفون نومۇرى سوراپ بىلىپ تېلىفون قىلغاندىن كېيىن، مەكتەپكە خەۋەر قىلىپ بالىنى مەكتەپكە ئەكەلدۇرۈپ، بالىنىڭ ئالدىغا چىقىپ يۇرتىمىزغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەن، تۆت يىلدىن بويان 4-دوختۇرخانىدا بىرنەچچە قېتىم داۋالاتتى، باشقا سەۋەپلەرنىمۇ قىلدى، ھازىر ئەھۋالى يامان ئەمەس، دورىسىنى يەپ، ئۇزۇن ئۇخلاپ يۈرىيدۇ، ئادەم بىلەن ئارىلاشقىلى ئۇنىمايدۇ، ئەھۋالى ياخشىلانغاندا مەكتەپكە بېرىپ باقتۇق، بىر ماۋسۇم تولۇق ئۇقۇيالمىدى، ھەر ھالدا شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئوقۇپ ئالدى، بىر ئىش قىلسا بەك ئەستايىدىل، ئەمما ئادەتتە ئىش قىلمايدۇ، ئاچچىغىنى كەلتۈرمىسە ئادەمگە ھۇجۇم قىلمايدۇ،ھۇجۇم قىلغاندىمۇ يات ئادەمگە ھۇجۇم قىلمايدۇ، ئاتا-ئانىسى، تۇققانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ قويىدۇ، ھازىرقى ئەڭ يامان ئادىتى تور ۋە ئۇيۇنغا كىرىشىپ قالغان، تاماق، دورا، ئۇخلاشتىن باشقا قىلىدىغان ئىشى شۇ، يات جىنىسقا قىزىقىشى قاتتىقراق، ئەمما قىزلار بىلەن ئارىلىشالمايدۇ.
بالىنى نىكاھلاپ تويىنى قىپ قويساق پايدىسى بولارمۇ؟
نېرۋا كېسىلى ، نېرۋا بۇزۇلۇش كېسىلى ۋە روھى كېسەل (سەۋدايىلىق) نىڭ پەر
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2011-02-16
ئارىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر نېرۋا كېسەل بىلەن روھى كېسەلنىڭ پەرقىنى بىلمەيدۇ، ھەتتا بۇ ئىككىسىنى بىر دەپ قارايدۇ، مەيلى نېرۋا كېسەل بولسۇن ياكى روھى كېسەل بولسۇن بىزدە ئورتاق "ساراڭ" دەپ بىرخىللا ئاتاش بىر قەدەر ئومۇملاشقان. توختىماي تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ زاماندا خىزمەت بېسىمى، ئۆگىنىش بېسىمى دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەتراپىمىزدىكى بەزى كىشىلەر ياكى ئۆزىمىز پىسخىكىلىق مەسىلىلەرگە ئۇچراپ تۇرىۋاتىمىز، پىسخىكىلىق بىلىملەرگە مۇھتاج بولىۋاتىمىز، ئۆزۈم كۆرگەن ماتىرىياللارغا ئاساسەن، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن كېسەللىكلەرنىڭ پەرقى توغرىسىدا كۆپچىلىككە ئازراق بىرنەرسە دېگۈم كېلىپ قالدى. تېمىنىڭ داۋامىدا روھىي كېسەل بىمارلىرىنى ئائىلىدە قانداق كۈتۈش ھەققىدە تەپسىلات بايان قىلىنىدۇ.