بۇ بالىنى ئۆيلەپ قويسا پايدىسى بولارمۇ؟
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-02-17
بىمار بالا 21 ياشقا كىردى، شاڭخەيدىكى تۇلۇق ئوتتۇرىغا ئېۋەتكەن، يىللىق مەۋسۇملۇق ئىمتاھان مەيدانىدىن چىقىپ كەتكەنچە، ئاشۇ يات يەردە يۈرۈپ، شۇ يەردە بىر ئۇيغۇر قېرىدىشىمىزغا غەلىتە ھالەتتە ئۇچراپتىكەن، ئۇ ئادەم ئاران تەستە دادىسىنىڭ تېلىفون نومۇرى سوراپ بىلىپ تېلىفون قىلغاندىن كېيىن، مەكتەپكە خەۋەر قىلىپ بالىنى مەكتەپكە ئەكەلدۇرۈپ، بالىنىڭ ئالدىغا چىقىپ يۇرتىمىزغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەن، تۆت يىلدىن بويان 4-دوختۇرخانىدا بىرنەچچە قېتىم داۋالاتتى، باشقا سەۋەپلەرنىمۇ قىلدى، ھازىر ئەھۋالى يامان ئەمەس، دورىسىنى يەپ، ئۇزۇن ئۇخلاپ يۈرىيدۇ، ئادەم بىلەن ئارىلاشقىلى ئۇنىمايدۇ، ئەھۋالى ياخشىلانغاندا مەكتەپكە بېرىپ باقتۇق، بىر ماۋسۇم تولۇق ئۇقۇيالمىدى، ھەر ھالدا شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئوقۇپ ئالدى، بىر ئىش قىلسا بەك ئەستايىدىل، ئەمما ئادەتتە ئىش قىلمايدۇ، ئاچچىغىنى كەلتۈرمىسە ئادەمگە ھۇجۇم قىلمايدۇ،ھۇجۇم قىلغاندىمۇ يات ئادەمگە ھۇجۇم قىلمايدۇ، ئاتا-ئانىسى، تۇققانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ قويىدۇ، ھازىرقى ئەڭ يامان ئادىتى تور ۋە ئۇيۇنغا كىرىشىپ قالغان، تاماق، دورا، ئۇخلاشتىن باشقا قىلىدىغان ئىشى شۇ، يات جىنىسقا قىزىقىشى يۇقۇرىراق، ئەمما قىزلار بىلەن ئارىلىشالمايدۇ.
بالىنى نىكاھلاپ تويىنى قىلپ قويساق پايدىسى بولارمۇ؟
سۇئالغا جاۋاب بەرگۈچى: 80خالتا بلوگ <<پىسخىكا يېتەكچىسى>> سەھىپىسىنىڭ تەكلىپلىك ھەمكارچىسى - ukar-as خانىم.
تور بىلەن ئويۇنغا قىزىقىپ قالغىنى تازا ياخشى بولماپتۇ، چۈنكى بۇلار نورمال بولسا ئادەمگە پايدا ئېلىپ كەلگەن بىلەن ئادەتتىن تاشقىرى كىرىشىپ قېلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىرخىل پىسخىك نورمالسىزلىق، مېنىڭ بىر نەۋرە ئېنىم 4 ياش ۋاقتىدا بالىلارنىڭ تور ئويۇنلىرىغا كىرىشىپ قالغان، ئۇنى بىز "كومپىيۇتىرغا خۇمار بولۇپ قالدى" دېيىشكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر يىلى يازدا ئاتا - ئانىسى 2 ئاي كومپىيۇتىر دېگەن نەرسىگە يېقىن يولاتماي باشقا يۇرتلاردىكى تۇغقانلارنىڭ ئۆيلىرىدە ئايلاندۇرۇپ يۈردى، دەسلەپكى ۋاقىتلار تۇرۇپ - تۇرۇپلا رەسمىي خۇمارى تۇتقان ئادەمدەك كومپىيۇتىرنىڭ غەلۋىسىنى قىلىپ، كۆرگەنلا ئادەم بىلەن سوقۇشۇپ، تېرىكىپ، بىر نەرسىلەرنى ئۇرۇپ - چېقىپ دېگەندەك خېلى خاپا قىلدى، ئۇنى ئەڭ چىرايلىق يەرلەرگە(غۇلجىنىڭ تاغلىرىغا)، ئۆي ھايۋانلىرىنى كۆپ باققان تۇغقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ، تەبىئەت بىلەن كۆپ ئۇچراشتۇرۇپ يۈرۈپ ئاخىرى ياخشى بولۇپ قالدى، ھازىر 9 ياشقا كىردى، شۇنداق نورمال، كومپىيۇتىرنى بىر كۈندە ئېشىپ كەتسە 1 سائەت ئوينايدۇ، تېخى ئاتا - ئانىسى رۇخسەت قىلمىسا يېقىنمۇ كەلمەيدۇ.
ئەمدى ئۆيلەپ قويۇشقا كەلسەك، ئەگەر ئۇنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن قىزى بولسا، ئويلىشىپ باقساڭلار بولىدۇ، بىراق چوقۇم قارشى تەرەپنىڭمۇ پىكىرىنى ئېلىشىڭلار، كېلىن قىلماقچى بولغان قىزغا يىگىتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېنىق ئېيتىشىڭلار كېرەك، چۈنكى، مەن يەنە مۇنداق بىر گەپنىمۇ ئاڭلىغان، مېنىڭ بىر خىزمەتدېشىمنىڭ جىيەنى شۇنداق سەل نورمالسىزتىكەن، ئۇلار ھېچنېمىنى ئۇقتۇرمايلا بىر قىز بىلەن تويىنى قىلىپ ئۇلارمۇ خۇددىي سىلەردەك "توي قىلسا ئوڭشىلىپ قالارمۇ" دېگەن خىيال بىلەن ئۇنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇپتۇ، بىراق ھېچقانچە ئۆتمەي قىز ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كېتىپ كەلگىلى ئۇنىماپتۇ، مېنىڭ خىزمەتدىشىم ئۇنى ياندۇرۇپ كەلگىلى بارسا :"سىلەر بىلمەيدىغان ئوخشايسىلەر، ئۇ ساق ئەمەس، كەچلىرى شۇنداق قاتتىق ۋارقىرايدۇ، ئۆزىنى ئۇرىدۇ، مەن قورقۇپ كېتىمەن، مەن ئەمدى ئۆي تۇتالمايمەن." دەپ زادىلا ئۇنىماپتۇ، ئۇ توي قىلىشتىن ئىلگىرى كېسىلى ئۇنچە ئېغىر ئەمەستىكەن، توي قىلغاندىن كىيىن نېمە ئۈچۈنكىن تاڭ شۇنداق ئېغىرلىشىپ كېتىپتۇ، ئۇنى دەپ - بۇنى دەپ ئۇلار ئاجىرىشىپ كېتىپتۇ، ھېلىقى يىگىت ئايالىنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىكەن، ئاجىرىشىپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىپتۇ. قىسقىسى، توي قىلىش ئۇنىڭ كېسىلىگە بەك كۆپ پايدىلىق بولماسلىقىمۇ مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەگەر توي قىلغاندىن كىيىنمۇ تازا ياخشى بولالمايدىغان ئىش بولسا، بىر قىزنىڭمۇ بەختىگە ئولتۇرۇپ قويىدىغان ئىش چىقىدۇ، يەنە كېلىپ سىز ئۆزىڭىزمۇ دەپسىز، "ھازىر قىلىدىغان ئىشى تاماق، دورا، ئۇخلاش" دەپ، دېمەك ئۇنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن كىرىم قىلالايدىغان ئىقتىدارى تېخى يوق دېگەن گەپ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنى داۋالىتىۋاتقان ئاتا - ئانىغىمۇ بىر بېسىم كۆپىيىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا ياخشىراق ئويلىشىپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
بالا ياخشى مەكتەپلەرگە بارالىغىدەك بولغاندىن كىيىن ئەسلى كاللىسى ناھايتى ئۆتكۈر ، ئەمما جەمىيەت ئوقۇش بىسىملىرى ئىغىر كەپ قالغان گەپ. شۇڭا كۆپلەپ مۇڭدىشىپ تەبىىي مۇھىتلار بىلەن كۆپرەك ئۇچۇرىشىپ بەرسۇن . ئۆيگە سولىۋالماڭلار.