


يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرىنىڭ يېمەك – ئىچمەكتىكى پەرھىزلىرى
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-04-15
ھاراقتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. ھاراق يۈرەك رىتىمىنى تېزلىتىدۇ، قان تومۇرلىرىنى تارايتىپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىدۇ. كالتسىي تۇزلىرى، خولېستېرول قاتارلىقلارنى قان تومۇرى دىۋارىغا چۆكتۈرۈپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنى تېزلىتىدۇ. ئەگەر ئۇزاق مەزگىل زىيادە ھاراق ئىچسە، ئاسانلا ئارتېرىيىنى قاتۇرۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى ئالامىتىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.
پەرھىز تۇتۇش كېرەك. يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرى ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، تۇخۇمدىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك. چۈنكى بۇنداق يېمەكلىكلەر خولېستېرىننى كۆپەيتىپ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىكلەر(گلۇكوزا، ساخاروزا، شاكىلات قاتارلىقلار) ئادەمنى ئاسانلا سەمرىتىدۇ. سېمىزلەردە يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى نورمال بەدەن ئېغىرلىقىدىكىلەردىن يۇقىرى بولىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىگە كۆپىنچە سېمىزلىك قوشۇلۇپ كېلىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئاغرىقلار يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك.
توخۇ گۆشى شورپىسىدىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. توخۇ گۆشى شورپىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ئەمما ئۇنى كۆپ ئىچسە قاندىكى خولېستېرىننى ۋە قان بېسىمىنى ئۆرلىتىدۇ. شۇڭا يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرى توخۇ گۆشى شورپىسىنى ئىچمەسلىكى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى





