قاپاق تارتىش شۇملۇقتىنمۇ؟
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-04-03
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات) ئەپەندى ئالدى بىلەن سىزگە ئوتلۇق سالام يوللايمەن.ئاللاھ ھەممىزنى سالامەت قلىسۇن!....
ئادەتتە قاپىغى تارتىيدىغان ئش كۆپلىگەن كىشلەردە كۆرۇلدۇ، جۇملىدىن مەندىمۇ شۇنداق ئەھۋال بار. بەزى چاغلاردا ئون كۇنلەپ توختىمايدۇ، مېنىڭچە بۇ ئانچە نورمال ئەمەستەك ، بۇخىل ئەھۋالغا ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدە قانداق شەرھىلەرنى بەرگەن؟!. بۇمۇ كېسەللىك ھىساپلىنامدۇ؟ تەپسىلى مەسلىھەت بەرگەن بولىسىڭز.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئۇيغۇر تېبابىتىدە قاپاق تارتىشنى بىر خىل كېسەللىك دەپ قارىمايدۇ. ئۇخلىغاندا دۈم ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نامۇۋاپىق شەكىللەردە يېتىش سەۋەپلىك نېرىپلار بىسىلىپ قىلىش، زىيادە چارچاش ، جىددىيچىلىك، ۋە ئوي-خىيالنىڭ كۆپ بولىشى قاتارلىق كەيپىياتقا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار سەۋەبلىكمۇ قاپاق تارتىشى مومكىن.
«يۈز مىڭلىغان نىمە ئۈچۈن» دېگەن كىتابتىن بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىدەك بايانلارنى كۆرگەن ئىدىم. كۆرۈپ باققايسىز!
كىشلەرنىڭ قاپىقى بەزىدە سەۋەبىسزلا تويۇقسىز قاتتىق تارتىپ كېتىپ ،كىشىنى ناھايىتى بىئارام قىلىدۇ. بەزىلەر «سول قاپاق تارتسا ياخشىلىقتىن ،ئوڭ قاپاق تارتىسا يامانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ قارايدۇ ،ئەمەلىيەتتە بۇ پۈتۈنلەي بىر خىل خۇراپىي قاراشتۇر .
قاپاق كۆزنىڭ ئىشىكى بۇلۇپ، ئۇ كۆزنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. ئىنسانلارنىڭ قاپىقىدا بىر تال ئىنتايىن نىپىز مۇسكۇل بولۇپ، ئۇ « ئايلانما مۇسكۇل» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل مۇسكۇل تالالىرى كۆزنى ئوراپ ئايلانما شەكىلدە ئۆسىدۇ، ئۇ ئۆز مەيلىچە ھەرىكەتلىنىدۇ ،ئۇ قىسقارغاندا قاپاق يۇمۇلىدۇ. ئەگەر ئايلانما مۇسكۇل تالالىرىنىڭ مەلۇم قىسمى مەلۇم تەسىرگە ئۇچىرىسا ،ئۇنىڭ تەكرار قىسقىرىشىنى ئۇشتۇمتۇت پەيدا قىلىدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن «قاپاق تارتىش» ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ،تىببى پەندە بۇ «قاپاق تىتىرەش » دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇنداقتا ئايلانما مۇسكۇل تالالىرى نىمە ئۈچۈن تەكرار قىسقىراپ،قاپاق تارتىشنى پەيدا قىلىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسەن ئىككى خىل بولىدۇ : بىر خىلى ئويقۇسىزلىق ياكى يىتەرلىك ئۇخلىماسلىق تۈپەيلىدىن كۆز بەك چارچىغاندا ياكى قان ئازلىق يۈز بەرگەندە ،ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە،تاماكىنى كۆپ چەككەندە ئايلانما مۇسكۇل تالالىرى ئارتۇقچە قىسقىراپ ۋە كېڭىيىپ نورمالسىزلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن قاپاق تارتىش پەيدا بولىدۇ ؛ يەنە بىر خىلى ،يىراقنى كۆرەلمەسىلىك ،يېقىننى كۆرەلمەسىلىك ،نۇر يىغالماسلىق،بىرىكتۇرگۇچى پەردە ياللۇغى ۋە مۇڭگۇز پەردە ياللۇغى قاتارلىق بىر قىسىم كېسەللىكلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ،قاپاق تاساددىبىي تارتىپ قالسا كېسەللىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ ،مۇۋاپىق ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىنسىلا تېزلا توختاپ قالىدۇ. ئەگەر قاپاق داۋاملىق توختىماي تارتىپ تۇرسا دوختۇرغا تەكشۈرتۈپ ، داۋالىنىش لازىم.
تامام
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: قاپاق تارتىش شۇملۇق
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
دادام بىلەن ئاكام قازا قىلغاندىن كىيىن ، ئانام بۇ ئىشلارنى كۆپ ئويلاپ ئۆزىگە كىسەل تىپىۋالدى .ھازىر ئانامىنڭ ئەھۋالى كىچىچە ئۇيقۇ يوق ،كۈندىزى تىخى ئويقۇ يوق ، ئۇيقۇ دەردىنى تارتقىلى 3 ئايدەك بولدى، بىر مەزگىل دارىمۇ ئىچىپ باقتى ،.لىكىن يەنىلا ئۈنىمى بولمىدى ،كىچىچە ئۇيقۇ بولمىغانلىقتىن كۈندىزى تىخى قولى ئىشقا بارمايدۇ ،بەزىدە گەپ قىلسامۇ تازا ئاڭقىرالمايدۇ ،، ھازىر بەك ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلمەس بوپ قالدى ،ھەم بۇرۇنقىدەك تىتىك ئەمەس ، كۈندىزمۇ ئۆيدىن بىر يەرگە ئۆيدە ئولتۇرىدۇ ، بەزى قوشنىلار خوتەنگە ئاپىرىپ تەكشۈرتىپ بىقىشمنى تەۋسسىيە قىلدى
بەلكىم بۇ مۇنبەردە دوختۇرلۇق خىزمىتىدە ، ۋە ئويغۇر تىبابەت ئورۇنلىدا خىزمەت قىلۋاتقان ئەزالار بولىشى مۇمكىن ،. تورداشلارنىڭ مەسلەت بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن