قەدىمىكى مىللەتلەرنىڭ داخان، باخشى، كاھىنلىرى ئادەتتىكى كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى ياساپ كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا بۆسۈپ كىرىپ نېرۋىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، ياكى نېرىپلارنى چۈچۈتۈش ئارقىلىق روھىي كېسەللەرنى داۋالاش قاتارلىق <<ھۈنەر>> لىرى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن. خەلقىمىز ئارىسىسدا <<پىرە ئويناپ كېسەل داۋالاش>> ئۇزاق تارىخى كۆرۈنۈشكە ئىگە بولۇپ بۇنىڭ ئاساسلىق ماھىيتى نېرۋا كېسەل ياكى جىن چاپلاشقان كىشىلەرنى روھىي دۇنياسىغا سېڭىپ كىرىپ نېرىپلاردا پىسخىكىلىق داۋالاش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ بىزدە خوراپىيلىق ئاتىلىپ يامان كۆرۈلگەن ئىشلار بولسىمۇ تەرەققى قىلغان ئەللەردە بۇ خىل نېرۋىنى ئىگەللەش، كونتۇرۇل قىلىش <<ھۈنەر>>نى تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ گىپنۇزلۇق hypnosisنامى بىلەن پىسخولوگىيە ئىلمىدا قىززىق نۇقتا بولۇپ قالدى.
تۆۋەندە 80خالتا بلوگىنىڭ بالدۇرقى نەشىرىدە يوللانغان <<پىرە ئويناپ كېسەل داۋالاش>> ھەققىدىكى تېما دىققىتىڭىزدە بولىدۇ.

" /> << پىرە ئويناپ داۋالاش >> نىڭ سىرى - 80 خالتا بلوگى

<< پىرە ئويناپ داۋالاش >> نىڭ سىرى


قەدىمىكى مىللەتلەرنىڭ داخان، باخشى، كاھىنلىرى ئادەتتىكى كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى ياساپ كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا بۆسۈپ كىرىپ نېرۋىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، ياكى نېرىپلارنى چۈچۈتۈش ئارقىلىق روھىي كېسەللەرنى داۋالاش قاتارلىق <<ھۈنەر>> لىرى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن. خەلقىمىز ئارىسىسدا <<پىرە ئويناپ كېسەل داۋالاش>> ئۇزاق تارىخى كۆرۈنۈشكە ئىگە بولۇپ بۇنىڭ ئاساسلىق ماھىيتى نېرۋا كېسەل ياكى جىن چاپلاشقان كىشىلەرنى روھىي دۇنياسىغا سېڭىپ كىرىپ نېرىپلاردا پىسخىكىلىق داۋالاش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ بىزدە خوراپىيلىق ئاتىلىپ يامان كۆرۈلگەن ئىشلار بولسىمۇ تەرەققى قىلغان ئەللەردە بۇ خىل نېرۋىنى ئىگەللەش، كونتۇرۇل قىلىش <<ھۈنەر>>نى تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ گىپنۇزلۇق hypnosisنامى بىلەن پىسخولوگىيە ئىلمىدا قىززىق نۇقتا بولۇپ قالدى.
تۆۋەندە 80خالتا بلوگىنىڭ بالدۇرقى نەشىرىدە يوللانغان <<پىرە ئويناپ كېسەل داۋالاش>> ھەققىدىكى تېما دىققىتىڭىزدە بولىدۇ.

 ئىلىم-پەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، بەلكىم مۇنداق بىر ئىش كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن چىقىپ كەتمىگەندۇر ياكى مۇشۇ خىلدىكى ساختىپەزلىك تۇرمۇشنىڭ قىسمەن تەرەپلىردە ھېلىمۇ مەۋجۇتتۇر . ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقىي سىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ كۆرگەنلەر ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك . ئۇنداقتا ، بۇ ئىش زادى قايسى ؟ ئۇنىڭ سىرى نىمە ؟ ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش لازىم ؟ بۇ ماقالىدە مەن دەل مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىشىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن .
1. ئەسلى ئىشنىڭ جەريانى
مەلۇم ۋاسا تۇرۇشلۇق ئۆينىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا بىر تال قۇزۇق قېقىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭغا باغلانغان ئاغامچىنىڭ يەنە بىر ئۇچى تۈڭلۈك شادىسىغا چىگىلگەن ، ئاغامچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر تال كۆك ئامۇت ئېسىپ قويۇلغان ، يەرگە سېلىنغان كىگىز ئۈستىگە جىن چىراق ، بىر پارچە ئەينەك ، بىر قاچا ياغ ، بىر كەتمەن چوغ ، بىر قاچا سۇ قويۇلغان ، چوغ ئۈستىگە كۆك ئامۇتنىڭ پوستى ، ئادراسمان سېلىنىپ دۈت ( ئىس ) چىقىرىلغان . تۇغ ( ئاغامچا ) نىڭ يېنىدا باش باخشى ( داخان ) ۋە ئۇنىڭ جەللىۋاز ( داپچى ) شاگىرتلىرى قاتار ئولتۇرۇشقان ، ئەتراپتا كېسەل كىشى ۋە ئۇنىڭ تۇققانلىرى مۇكىدەك تەلمۇرۇپ تۇرۇشقان ئىدى . باش باخشى قاچىدىكى ياغقا پىلتە كىرگۈزۈپ ، چىراق ياققاندىن كىيىن ، يەنە بىر قاچىدىكى سۇغا ئايەت ئوقۇپ ، دېمىدە قىلدى ۋە كېسەل كىشىگە پۈركىدى ، ئاندىن قولىغا شاراقلاپ تۇرىدىغان قۇرغاق داپنى ئېلىپ :
ئەزەمتەنى ئوقۇيمەن ،
جىنغا توقۇم توقۇيمەن .
جىن سەكرسىئە سەكرىسۇن ،
مەن سەكرىمەي ئوقۇيمەن ...
 دىگەندەك قوشاقلارنى داپ ئاھاڭىغا كەلتۈرۈپ ئوقۇشقا باشلىدى ، قىزىق يىرى شۇكى ، ئاغرىق دەردىدىن نىمجان بولۇپ قالغان كېسەل كىشى ئاۋال سوغۇق تىترەپ ، كىيىن قايسىبىر « ئىلاھى » كۈچنىڭ تەسىرىدە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى-دە تۇرۇسقا تارتىلغان تۇغنى ئايلىنىپ چۆگىلەشكە باشلىدى ، باش باخشى قولىدىكى داپنى شاگىرتلىرىغا بەرگەندىن كىيىن ، يالاڭ ئاياق پۇتى بىلەن كەتمەدىكى چوغقا دەسسەپ ، كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى ، ئارقىدىنلا قولىغا خەنجەر ئېلىپ ، كېسەلنى قوغلاشقا باشلىدى ، شاگىرىت باخشىلار بولسا چوقان سېلىشىپ ، « ئۇيۇن » نى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتەردى ، كېسەل كىشى داپ رېتىمىنىڭ ئىتتىكلەپ بېرىشىغا ئەگىشىپ چۆگىلەۋەرگەچكە ، تەرلەپ-پىشىپ كەتتى-يۇ ، نىمە ئۈچۈندۈر ، ھىچبىر توختىغۇسى كەلمەي ، ئۆزىنى ئەرشكە چىقىپ كىتىۋاتقاندەك سىزىشكە باشلىدى .
شۇ كېچىسى بۇ ئۆيدە نۇرغۇن « ئويۇن » لار ئوينالدى . كېسەل كىشىنىڭ روھلىنىپ كىتىۋاتقانلىغىنى كۆرگەن خالايىق باخشىلارنىڭ كارامەتلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇشتى ، دىگەندەك ھېلىقى كېسەلمۇ ئەتىسى سەللىمازا ساقىيىپ كەتتى . ئەمما ھىچكىممۇ بۇ ئۆيدىكى « سېھىرىگەرلىك » نىڭ سىرى ھەققىدە ئويلانمىدى .
2. ئۇزاق تارىختىن ئەڭ
ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئېتقاتىدا شامان دىنىدىن ئىبارەت ئۇرۇقداشلىق دەۋرىگە مەنسۇپ بىر خىل مۇپەسسەل دىننىڭ مەۋجۇت بولغانلىغى نۇرغۇنلىغان تارىخىي كىتاپلاردا قەيىت قىلىنغان . گەرچە ئۇ خىل دىننىڭ قاچاندىن باشلاپ ۋە نىمە ۋەجىدىن پەيدا بولغانلىقى توغرىلىق ئېنىق مەلۇمات بولمىسىمۇ ، ئۇيغۇر قاتارلىق قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ ئۇ دىننىڭ ساقىندىلىرىنى بۈگۈنكى كۈنگىچە ساقلاپ كەلگىنى بىر پاكىت .
پىرە ئويناش ، ئىسرىق سېلىش ، نوكچا قاداش ، ھورداش ، ئەملەش ، ئوت ئۈچۈرۈش ، قان چىكىش ، تېرىگە ئېلىش ، ئۇچۇغلاش ( تەرلىتىش ) ، قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ، ئىگىز چوققىلارنى « ئىلاھى ماكان » ، يالغۇز دەرەخ ، ئەسكى خارابىلىقلارنى « جىن-شاياتونلارنىڭ ئوردىسى » دەپ قارايدىغان ئادەتلەر ۋە ئۇنىڭ ھامىلىرى بولمىش باخشىلار ( داخان-پىرىخونلار) تۇرمۇشىمىزدا ھېلىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ .
شامان دىنى پۈتۈن ئالەمنى ئەرش (ئاسمان) ، زىمىن ( يەر) ، تەكتسىرا ( يەر ئاستى ) دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ ، بۇ ئۈچ قىسىمىدا پەرىشتىلەر ، ئىنسانلار ، جىن-شاياتۇنلاردىن ئىبارەت ئۈچ خىل قەۋىم ياشايدۇ دەپ قارايدۇ . باخشىلار ئىنسانلار بىلەن جىن-شاياتونلار ئوتتۇرىسىدا يۈرۈپ ، پەرىشتىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئالدىنقىسىنى يۆلەپ ، كىينكىسىنى يوقىتىدىغان ساخاۋەت ئەلچىسى دىيىلىدۇ . ئۇلار قەدىمكى كىشىلەرنىڭ كېسەل بولۇپ قالغاندا جىن چاپلاشتى دەپ قارايدىغان ئاددىي ئېڭىدىن پايدىلىنىپ ، ئەرۋاھلارنى قارغاپ ، نۇرانە پەرشىتىلەرنى مەدھىيىلەپ ۋە ياردەمگە چاقىرىپ ، ئەپسۇن ئارقىلىق ئوت چېچىپ ، سېھرىگەرلىك قىلىدۇ . ئۇسۇل ئويناپ ، كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقلىرىنى سۆزلەيدۇ . چۈشكە تەبىر بېرىدۇ ، رەمباللىق-مۇنەججەمملىك قىلىدۇ . گىپى راسىت چىقسا ، كارامىتىنى كۆككە كۆتىرىدۇ ، يالغان چىقسا « كېسەل كىشىنىڭ ئالۋاستىسى جاھىلكەن ياكى گېپىمگە شەك كەلتۈرگىنىڭلار ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ » دەۋالىدۇ . ئەمما ئۇلارنىڭ كېسەل ساقايتىش ھۈنەرلىرى بەزىدە نەتىجىگىمۇ ئېرىشىپ قالىدۇ .
ئاتەشپەرەسلىك ( زورۇ ئاستىر) دىندىنمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولغان يۇقۇرقى شامان دىنى كىيىنكى بۇددا ۋە مانى دىنى مەزگىلىدە ، جۈملىدىن ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇمۇملاشقان ۋاقىتلاردا شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ ، بارا-بارا تارىخىي رولىنى يوقاتتى ياكى ئىسلام دىنىڭ بەزى ئادەتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ نىقاپلىنىۋالدى .
3. خوراپاتلىق پەلسەپەسى
شامان دىنى تەرغىپ قىلغان جىن-شاياتونلار ئەزەلدىن مەۋجۇت بولمىغان ، ئەمما كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ خىيالىي سىئېزىمى ئارقىلىق ئويدۇرۇپ چىقارغان بىر خىل كۆلەڭگۈ بولۇپ ، ئەقلى-ھۇشى نورمال ئادەملەرگە تېخى ئۇچراپ باققىنى يوق . ھالبوكى ، ئىپتىدائىي جەمئىيەت مەزگىلىدىن باشلاپ ھەر خىل تۇتېمىلارغا ئىتقاد قىلغان ( ئۇچار قاناتلارغا ، تاغۇ-دەريالارغا ، ئۆسۈملۈكلەرگە ، ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنغان ) ئەجدادلىرىمىز شۇ دەۋىرلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ چەكلىمىسىدە ئاجايىپ-غارايىپ ھادىسىلەنرىڭ تېگىگە يىتەلمەيتتى . ئۇلار چاقماق چېقىشنى ئاسماننىڭ غەزىپى ، يەر تەۋرەشنى ئىلاھنىڭ سىلكىنىشى دەپ قاراپ ، قورققىنىدىن ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالمايتتى . دەل مۇشۇ چاغدا ئۆزىنى تۇتىۋالغانلار ھەمدە بىر قەدەر ئەقلىنى تاپقانلار ياغ پۇرىتىپ ، ئەپسۇن-دۈرۈتلەرنى ئوقۇيتتى . تەبىئەت ھادىسىلىرى پەسەيگەنسىرى ، ئۆزلىرىنىڭ كارامەتلىرىنى پەش قىلاتتى . باشقا كىشىلەر شۇ ھامان ئىشىنەتتى-دە ، ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلاتتى . باخشىلار مانا شۇنداق پەيدا بولغانىدى ......
 باخشىلار توقۇپ چىققان جىن-شاياتونلار ھەققىدىكى ھىكايىلەر كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر ئېڭىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، ئۇلارنى دەككە-دۈككە ئىچىدە ياشاشقا كۆندۈرۈپ قويغانىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە باخشىلار مەلۇم داۋالاش تېخنىكىسىغا ئىگە بولغاچقا ، ھاجەتمەنلىرى ئىنتايىن كۆپ بولاتتى . ئۇلار « شەپقەت » يەتكۈزۈش نىقابى ئاستىدا قاقتى-سوقتى قىلىپ بېيىيتى . بۈگۈنكى كۈنلەردىمۇ قىسمەن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا تۇرۇپ قالغان « ھەممە ئادەمنىڭ بىردىن ئالۋاستىسى بولىدۇ » دەيدىغان بىمەنە پەلسەپە ئەنە شۇنىڭ مەھسۇلى ئىدى .
4. « داۋالاش » نىڭ ئىلمىي تەرىپى
دىئالىككىلىق نۇقتىئەنەزەر بويىچە ئېيىتقاندا ، ھامان ھەر قانداق شەيئىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ . پىرە ئۇسۇلى قەدىمكى زامان كىشىلىرىنىڭ مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ئادىتى ۋە ئەڭ بۇرۇنقى ئۇسسۇل سەنئىتىنى ئىپادىلىسە ، پىرە ئويناپ داۋالاشتىكى بەزى « ھۈنەر » لەر يەنىلا ئىلمىي قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن كىلىدۇ . چۈنكى ھازىرقى زامان تىبابەتچىلىك ئىلىمى كېسەل كىشى ھەرىكەت قىلسا ، كېسەل باكتىرىيىلىرىنىڭ ئۆلىدىغانلىغىنى ، ئادراسمان پۇرىقىنىڭ شىپالىق رولى بارلىقىنى تۇلۇق ئىسپاتلىدى . پىسخولوگىيە جەھەتتە ، پىرە ئويناشنىڭ ئۆزى ھاياجانلىنىش جەريانى بولۇپ ، سالامەتلىككە پايدىلىق . ھايۋان تېرىسىگە ئېلىش ، ئۆتكە تېڭىش ، قۇستۇرۇش ، مايلاش ، قاخلاش ، قان قىلىش ، كۆيدۈرۈش .....قاتارلىق ئۇسۇللار قارىماققا ئىپتىدائىدەك كۆرۈنسىمۇ ، يەنىلا تىبابەتچىلىك ئۇسۇللىرى قاتارىغا كىرىدۇ . يەنە كىلىپ ، باخشىلاردا ئۆسۈملۈك دورىلار ، تۇز ۋە ئارشاڭ سۇلىرىدىن پايدىلىنىش ئارتۇقچىلىقى ، جۈملىدىن خەنجەر ، داپ ، چوماق ، ئۇچلۇق ھاسا ، ئوت قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ۋەھىمە پەيدا قىلىش ، قەسىدە ( قوشاق ) ئوقۇش ئارقىلىق خىيالى مەنزىرە ھاسىل قىلىش ، كېسەلنىڭ نىمجان ھىسياتىنى ئۆركەشلىتىپ ، نىرۋىلىرىنى غىدىقلاپ ، بەدەننى قېقىلدۇرۇش ( چۆچۈتىش ) ئالاھىدىلىكى بولىدۇ . بۇ خىل ئۇسۇللار فىزىلوگىيە جەھەتتىن ئۈنۈم بېرىپلا قالماستىن ، يەنە پىسخولوگىيە جەھەتتىمۇ ئۈمۈت ۋە ئىشەنچ ، خوشاللىق بېغشىلايدۇ ، سەنئەت بىلەن تىبابەتچىلىك ، خوراپاتلىق بىلەن ئىلمىيلىك ئارىلىشىپ كەتكەن « پىرە ئويناش » نى دەل مۇشۇ جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ .
5. « داۋالاش » نىڭ سەلبى تەرىپى
داخانلار ( باخشىلار) نىڭ « پىرە ئويناپ داۋالاش » ئۇسۇلى مۇتلەق ئىلمىي بولغان ئىش ئەمەس ، شۇنداقلا سەلبىيلىك بىلەن ئىلمىيلىكنى تەڭ بۆلەك قىلغان ئىشمۇ ئەمەس . بەلكى ئۇ پەن ئىلمىي يۇقۇرى سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلۋاتقان بۈگۈنكى زاماندا بىر خىل ئاچچىق تىراگىيىدىن ئىبارەت . تۆۋەندىكى مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى .
مىسال : «1» : ت ناھىيىسىدىكى مەلۇم يېزىدا 19 ياشلىق بىر يىگىت بولۇپ ، بىر قىز بىلەن تويلاشماقچى بولغان ، ئەپسۇسكى توي تەييارلىقىنى قىلىۋاتقاندا يىگىتكە ئىسسىق ئۆتۈپ ، ئاغرىپ قالغان . ئۇنىڭ ساۋاتسىز ئاتا-ئانىسى ( ئەسلىدە ئۇ يىگىتمۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىغىچە ئوقىغان ئىكەن ) قاتتىق تىت-تىت بولۇپ ، يېقىن ئەتراپتىكى داخاننى ياردەمگە چاقىرغان . داخان دەرھال قارا قوي ئۆلتۈرگۈزۈپ ، قان قىلغاندىن كىيىن پىرە ئويناتقان . ئاخىرىدا يوتقانغا چۆمكەپ « دۈملىگەن » ئەتىسى سەھەردە يىگىت ئۆلۈپ كەتكەن ( گېزىت خەۋىرى ) .
مىسال «2» : چ ناھىيىسىدىكى بىر نەپەر ھامىلدار ئايال ئوغۇل تۇغۇش ۋە تۇغۇتنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئۈچ نەپەر داخاننى ئۆزىگە بىر كېچە ئوقۇپ قويۇشقا تەكلىپ قىلغان . داخانلار ئۇنىڭ نۇرغۇن پۇلنى ئالغاندىن سىرىت بىر قوي ، ئىككى تۇخۇ ، ئۈچ كەپتەر بۇغۇزلاتقان ۋە كەپتەرلەرنىڭ قېنىنى ھامىلدارنىڭ تېقىمىغا ئېقىتقان . نەتىجىدە ، ئەسلىدىنلا ئىسسىقجان بولغان ھامىلدار ئايال ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن . ( گېزىت خەۋىرى ) .
 مىسال «3»: م ناھىيىسىدىكى مەلۇم يېزا ئاقساقىلىنىڭ ئۆيىدە مۇنداق ئۇيۇن ئوينالغان : بىر نەپەر داخان يىگىرمە-ئوتتۇز ئادەمنى قارىتىپ قويۇپ ، لىق بىر ئىدىش سۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا چوكا تاياقچىنى سانجىپ تىك تۇرغۇزغان ، بىر نەچچە دانە ياڭاقنى داق يەرگە قويۇپ ، ئايەت بىلەن ماڭدۇرغان ھەم گۇگۇم قاراڭغۇلىغىدىن پايدىلىنىپ ئېغىزىدىن ئوت پۈركىگەن . نەق مەيداندا تۇرغان كىشىلەر ياقىلىرىنى تۇتۇشۇپ كەتكەن ۋە ئۇشبۇ « ئەۋلىيا » غا بىردەمنىڭ ئىچىدە 3200 يۈئەن نەق پۇل ، 12 قۇر كىيىم-كېچەك ، يەتتە تۇخۇ سوۋغا تەقدىم قىلغان . ئارىدا بىرەيلەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر ئوغلىنى 5 تۇياق قوي بىلەن « ئەۋلىيا» غا شاگىرتلىققا تۇتقان . ( جەمئىيەت خەۋىرى)
 بۇنداق پاجىئەلەرنى يەنە تىزىشقا تاقىتىم تامام !
 6. ئاخىرقى مۇھاكىمە
چوكا تاياقچىنىڭ بىر ئۇچىغا مىق كىرگۈزۋېتىپ سۇغا پاتۇرسا ، ئۇ سۇ يۈزىدە تىك تۇرىدۇ . ياڭاقنىڭ مېغىزىنى ئېلىۋىتىپ ، قوڭغۇز قاچىلىغاندىن كىيىن ، ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدۇ . ئېغىز بوشلۇقىغا ماي تولغۇزۇپ ، بىر تال چوغقا ئۇدۇللاپ پۈركىگەندە ، ئوت چاچرايدۇ ( لاۋۇلدايدۇ ) . پۇتنىڭ ئالقىنىغا تۇزلۇق مەلھەم سۈركىۋېلىپ ، قىززىتىلىغان كەتمەنگە دەسسىسە ، پۇت كۆيگىچە كەتمەندە ئىز قالدۇرۇپ بولغىلى بولىدۇ . .....ۋاھاكازالار .
ھەركىمنىڭ ئۆز قارىشى بولىدۇ . نىمىگە ئىشىنىش ، نىمىگە ئىشەنمەسلىك ئىختىيارلىقى يەنە ھەر كىمنىڭ ئۆز قولىدا . پەن دىننى چەتكەن قاقمايدۇ . پەقەت ئۇ شۇ خىل دىنىي ھادىسىلەرنىڭ ھەققانىيەتكە ( ئەمەلىيەتكە ) ئۇيغۇن كىلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىغا قارايدۇ . دىنىي ئەقىدە ۋە ئادەتلەرنىڭ ساپلىقىغا قارايدۇ . بىز ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلىۋاتقان مىللەت . شۇڭا تارىختىكى كونا دىنلارنىڭ ھەم ئۇ دىنلارنىڭ ئىسلام دىنى ئادەتلىرىگە ئارىلىشىپ نىقاپلىنىۋالغان قالاق ئادەتلىرىنىڭ ( ئايەتلىرى ئىسلامنىڭ ، ئادەتلىرى باشقىنىڭ بولغان ساختىپەزلىك ئۇيۇنلىرىنىڭ ) ماھىيىتىنى ئېنىق بىلىۋېلىشىمىز كېرەك . ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلارنى بىزنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىمىز ، تېخنىكا ساپايىمىز ، تەپەككۇر قىلىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىمىز بەلگىلىسۇن!
 
1996-يىل 5-ئاي

ئاپتۇرى:مۇختار قادىر ھونزادە
 بۇ ماقالە ئەسلىدە <<ﭘﻪﻥ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ>>،<<ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﻛﯩﻜﺎ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ>> ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.

 
ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى ھەزرەتنىڭ بۇ تېمىغا قايتۇرغان ئىنكاسى:
 
ﯪﻟﻼﻫ ﯪﺩﻩﻣﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯚﺯ ﯪﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻫﯧﻜﻤﯩﺘﻰ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮﻻ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻗﺎﺭﯨﯟﺍﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﯩﯔ ﻣﯘﻫﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺑﯩﺰﻟﻪﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﯪﺩﻩﺕ ﺋﯧﻐﯩﺮﻛﻰ، ﻧﺎﻣﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺩﺍﻧﺎ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﯮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺴﺎ، ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻗﻮﻱ ﮔﯚﺷﻰ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯪﺩﻩﻣﺪﻩﻙ ﺗﻪﯕﻼ ﯬﮔﯩﺸﯩﭗ ﺷﯘﯪﺭ ﺗﻮﯞﯨﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻫﯩﭻ ﻗﺎﻳﺴﯩﻤﯩﺰ ﯲﺯ ﯪﻟﯩﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ، ﯮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯘﻗﺘﯩﻼﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﭖ ﺑﺎﻗﻤﺎﻳﻤﯩﺰ، ﺷﯘﯕﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎ ﯮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﯬﭼﻜﯜ ﻫﺎﯕﻐﺎ ﺳﻪﻛﺮﯨﺴﻪ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﯬﮔﯩﺸﯩﭗ ﺳﻪﻛﺮﻩﯞﯦﺮﯨﻤﯩﺰ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺑﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻚ، ﺳﺎﺩﺩﺍ، ﻧﺎﺩﺍﻧﻼﺭﭼﻪ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﯰﺳﯘﻟﯩﻤﯩﺰ.
ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﺪﻩ ﻫﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﯮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻧﻪﺯﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻗﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻣﻪﺳﺘﯩﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻕ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ!
 

ﭼﻪﺗﯭﻟﺪﻩ ﺑﯘﺧﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﯰﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮔﯩﭙﻨﻮﺯﻟﯘﻕ ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﯪﻟﺪﻯ، ﺑﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﻫﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺳﻮﻝ ﻛﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﺎﻟﭙﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﻳﺪﯛﺭﯨﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﯬﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰ ﭼﯜﺷﯜﻧﯜﭖ ﺗﻪﻛﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﯰﺳﯘﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﻤﯩﺰ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﻛﯚﺯ ﻗﺎﭘﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﯩﯖﻨﺎﺳﻘﯘ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺑﺎﺵ ﻛﯧﻴﯩﻤﯩﮕﻪ ﻳﯧﯖﻨﻪ ﺋﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﭼﺎﯞﺍﺭ ﺗﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺴﻼﭖ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﯰﺳﯘﻟﻼﺭ.
ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﯲﺯﻩﻡ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﻡ ﻫﯧﭽﻨﯩﻤﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﯩﻢ، ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻤﻐﯩﻼ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ، ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ، ﻣﯘﻳﺴﯩﭙﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﯪﻻﺗﺘﯩﻢ. ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻣﻮﻳﺴﯩﭙﯩﺖ ﺗﯘﻗﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﻥ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯴﭼﯜﻥ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﯲﻳﯩﺪﻩ ﻳﻪﭖ ﯮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﭼﺎ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﻏﺰﯨﻐﺎ ﯰﺭﻏﯩﻨﯩﻢ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ. 30 ﻳﯩﻞ ﯲﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﯰ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﯲﺯﯨﮕﻪ ﭼﯜﺷﻠﯘﻕ ﯪﺳﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻐﺎ- ﯬﺩﻩﺑﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻤﻐﺎ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﯰ ﻣﯘﻳﺴﯩﭙﯩﺖ ﯪﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﯪﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﯲﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﯰﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﺳﻮﺭﺍﺷﻘﺎ ﯪﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﯴﭼﯜﻥ ﯲﻛﯜﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ.
 
مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرىگە لاچىن تەرپىدىن يوللانغان.




[Birzat بۇنى 2011-04-09 10:55 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: پىرە ، گىپنوز

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماsopun[2013-04-16 03:24 PM | del]
مەن بۇ يىل 29 ياشقا كىردىم ،مىنڭ زەكىرىم بەك كىچك ،مەن توي قىلغلى5ئاي بولىدى .ئايالىم مەندىن رازى بولمايىدۇ.مەن زادى قانىداق قىلسام بۇلىدۇ .جىنسى مۇناسۋەت قىلىدىغان تەلەپ بۇلسمۇ،لېكىن زەكىرىم چىڭ قاتمايىدۇ .ھەم جىنسى مۇناسۋەت  قىلىپ بولغۇچە زەكىرىم بۇشاپ كېتىدۇ يەنە مەنىى بالدۇر كېتىدۇ .ماڭا ياردەم قلسلا مەن كۆپ مىنەتدار بولغا ن بۇلاتتم .
回复قايتۇرماakpar111[2011-12-23 10:12 PM | del]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم! بىرزات دوختۇر، ئۇلۇغ ئاللاھدىن بارلىق ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت، تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن .مەن سىزدىن قىسقىچىلام بىر سوئال سورىسام مومكىن بولسا جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز ، مىنىڭ ئالدىمدىن ئاق سۇيۇقلۇق چىقىدىغان بۇلۇپ قالغىلى 6ئاي دەك بۇلۇپ قالدى ، بۇ ئىش پەقەت مىنىڭ كاللامغا قالايمىقان خىيال كىرىپ قالغاندا داۋاملىشىدۇ، باشقا ۋاقىتتا ئۇنداق ئەمەس، مىنىڭ بۇكېسىلىم ساقىيامۇ؟ مەن نىمىلەرگە دېھقەت قىلسام بۇلۇدۇ؟ ماڭا ياردەم قىلغان بولسىىڭىز؟؟
回复قايتۇرماBirzat[2011-04-01 04:47 PM | del]
<<دۇمباق چېلىپ جىن قوغلاش >> توغرىسىدا

            شەۋكەت ھامۇت  

جىرا -ئېقىنلار مەلۇم بىر مەنبەنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگىنىدەك،بۈگۈنكى تارىخى مەدىنيەت ھادىسلىرىمۇ،ئۆتكەن زاماننى،مەلۇم بىر دەۋىرنىڭ ئالاھىدىلگىنى سۈرەتلەپ بىرىدۇ.بىز دەل پىسخولوگىيە ئىلمى نۇختىسىدىن خەلقىمىزنىڭ تارىخى مەدىنيەت ئەنئەنىسىگە نەزەر سالساق<<روھ چاقىرىش>>،<<بەخت تىلەش>>،<<يۇلتۇز كۆتىرىش>>،<<پىرە ئوينۇتۇش>>،<<جىن قوغلاش >> قاتارلىق ئەقلى سەمەرىلەرنىڭ ئۆتكەن ھەر قايسى دەۋىرگە خاس روھى داۋالاشنىڭ نادىر ئۈلگىسى سۈپىتىدە ،دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كەلگەنلىگىنى كۆرەلەيمىز.شۇڭا بىز يوقۇرقى مەزكۇر تېمىنى كۆزدە تۇتۇپ<<پىرە ئوينۇتۇش>>،<<جىن قوغلاش >> قاتارلىق ئىككى ئۆرنەك ئۈستىدە تەھلىلدە بولىمىز.

تەبىئىكى، <<پىرە ئوينۇتۇش>>،<< جىن قوغلاش>> قاتارلىق ئىككى ئۆرنەك يۇرتىمىز قومۇلدا ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ساقلىنىپ،تاۋلىنىپ كەلگەن ھىلى ھەم ئۆز تەسىرىنى يوقاتماي،روھى داۋالاش ئۆرنىكى بولۇۋاتىدۇ.ئۇنداق بولسا،بۇ ئۆرنەكلەرنى كىم،قاچان،قانداق ئىجات قىلغان؟بۇ ئۆرنەكلەرنىڭ تارىخى زادى قانچىلىك؟ بۇ ئۆرنەكلەرنىڭ پىسخولوگىيەلىك ئىلمى ئاساسى نىمە؟ دىگەن مەسلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ؟

بۇ ئەمىليەتتە،ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخولوگىيە ئىلمى بىلەن بولغان تارىخى مۇناسىۋىتىنى ھەم ئەينى دەۋىردىكى ئىلمى سەۋىيىسىنى باھالاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.شۇڭا بىز ئالدى بىلەن << پىرە ئوينۇتۇش>>،<<جىن قوغلاش>> قاتارلىق ئىككى ئۆرنەكنىڭ سىيۇژىت لىنيىسىنى ۋە ئۇنىڭ شەكلىنى كۈزەتكىنىمىزدە دەل <<چاستانى ئىلىگ بەگ>> داستانىنىڭ بىر پۈتۈن سىيۇژىت لىنيىسى كۆز ئالدىمىزغا كىلىدۇ.بۇ ھەقتە :<< قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما>> دىگەن كىتاپتا ::<<(چاستانى ئىلىگ بەگ) داستانىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىغىدىكى پارچىلىرىنى گىرمانىيىنىڭ  3-قېتىملىق تۇرپان ئارخولوگىيە ئەتىرتى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، ھازىر بېرلىندا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ ھىكايە قەدىمكى كۇچا تىلىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ يادىكارلىقنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر تىل - يېزىغىدىكى نۇسخىسى  ئىدىقۇت ئۇيغۇر پادىشاھلىقى (9-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە)دەرىدە تەرجىمە قىلىنغانلىقى مەلۇم >>دەپ مەلۇمات بېرىلگەن.

ھەممىمىزگە مەلۇم،قەدىمقى كۇچا تىلى مىلادىدىن بۇرۇن كۈسەندە ياشىغان يەرلىك خەلىقنىڭ تىلى.بۇ نۇختا بىزگە بۇ ئۆرنەكلەرنىڭ تارىخىنى ھەم ئىتنىك  ھالىتىنى كۆرسۈتۈپ بىرىشتىكى مۇھىم ئاساستۇر.يەنە بىر جەھەتتە ،بۇ ئۆرنەكلەرنىڭ شەكلىدىن قارىغاندا،قەدىمكى  ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپ شەكلى بىلەن جەڭگاھ شەكلى ئەكىس ئەتكەن. بۇ خىل ئالاھىدىلىك ،بۇ ئۆرنەكلەرنى روشەن مىللى خاسلىققا ھەم سىيۇژىتلىق داۋالاش( قىلمىشىزىملىق داۋالاش) خوسوسىيىتىگە ئىگە قىلغان. مەزمونىدىن قارىغاندا جىن قوغلاش ۋاستە،روھنى ئۇرغۇتۇش، جاسارەت بېغىشلاش،ئىشەنچ تۇرغۇزۇش،بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرىش مەخسەتتۇر.دىمەك ، قەدىمكى ئۇيغۇر پىسخولوگلىرى خەلىقنىڭ جەڭگىۋار تارىخى ھاياتى ئەكىس ئەتكەن ،خەلق ئىپوسلىرى،قەھرىمانلق داستانلىرىدىن ئوبراز كۆچۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە،يوقۇرقىدەك روھى داۋالاش ئۆرنەكلىرىنى ماھىرلىق بىلەن بارلىققا كەلتۈرگەن ھەم نۇرغۇن ئەسىرلەر مابەينىدە ئەۋلاتلارنىڭ روھى پەرۋىش خىزمىتىنى قىلغان.

ئەندى <<پىرە ئوينۇتۇش>>،<<جىن قوغلاش>> قاتارلىق بۇخىل روھى داۋالاش ئۆرنەكلىرىنىڭ ئىلمى ئاساسىغا كەلسەك،بۇ ئۆرنەكلەردە ھازىرقى زاماننىڭ بىھۇشلاپ داۋالاش،ئەركىن ئەسلىتىش،بىشارەتلەش،ئوبراز كۆچۈرۈش،قىلمىش ئارقىلىق داۋالاش،مۇزىكىلىق داۋالاش،ئۆزلۈكنى تونۇتۇش،بىلىش قۇرۇلمىسىنى،ئېتىقاتنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق پىسخىىكىلىق يىتەكلەش،ئەيلىسنىڭ ئا،ب،س نەزىريىسى قاتارلىق مەسلىلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ.

دىمەك ،<<پىرە ئوينۇتۇش>>،<<جىن قوغلاش >>ناملىق بۇ ئۆرنەكلەر مىلادىدىن بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن.ھازىر 2000يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ،ئەينى تارىخىى دەۋىرلەردە ئۇيغۇر پىسخولوگلىرى تەرىپىدىن يارىتىلغان ئۆڭمەس ئەقلى مىراسلاردۇر.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.