ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار شۇنچە بايمۇ؟
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-04-01
چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆزىتىشىچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۇلى ۋە باشقا خەج-خىراجەت دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئاساسەن ئۆزى ھەل قىلىدىكەن. ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا جەمئىيەتتىن ئۆزىگە مۇناسىپ خىزمەت ئىزدەپ ئىشلەپ پۇل تاپىدىكەن ياكى ياخشى ئوقۇپ ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى دېگەنلەرگە ئىرىشىدىكەن. تەتىللەردە ئۆيگە قايتماي ئىشلەپ كېيىنكى مەۋسۈمنىڭ پۇلىنى تاپمىسا بولمايدىكەن. ئادەتتە ئامېرىكىدا ئاتا ئانىلار قۇربى يەتسە، ياكى خالىسا بالىسىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ بېرىدىكەن، ياكى قەرز بېرىدىكەن. لېكىن ئوقۇش پۇلىنمۇ، تۇرمۇش پۇلىنىمۇ پۈتۈنلەي ئاتا ئانىسى تۆلەپ بېرىدىغان ئىش ئاساسەن مەۋجۇد ئەمەسكەن. ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارغا ۋە ياكى جۇڭگۇدىكى بارلىق ئاتا-ئانىلارغا ئوخشاش ئالىي ئوقۇللاردىكى بالىلىرىغا نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بىرىش، ئەڭ زور چەكتىكى مىھرىبانلىق، كۆيۈنۈش قاتارلىقلار ئامىرىكا دېگەندەك ئەللەردىكى ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن ئەجەبلىنەرلىك، يوچۇنلا بىر ئىش ھېسابلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىدا كۆيۈنۈش، مىھرىبانلىقمۇ توغرا ئۇسۇلدا بولمىسا بالىلارنىڭ كىلەچىكىگە نىسبەتەن سەلبىي تەسىرى زور بولۇپ يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدىكەن.
دىيارىمىزدىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدىمۇ ئاتا-ئانىسىغا تايانماي ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل پاراسىتى بىلەن ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئۆزىگە مۇناسىپ ئىش تىپىپ قىلىپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان، ھەتتا ئۆزىدىن ئېشىنغىنىنى ئاتا-ئانىسىغا ئەۋەتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرۈپ سۆيۈنۈپ قالغان ئىدىم. لىكىن ھەممىمىزگە ئايانكى دىيارىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۈتۈنلەي ئاتا-ئانىسىغا تايىنىدۇ. مىنىڭ قارىشىمچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇش جەريانىدا مۇستەقىل ياشاش، ئۆزىگە تايىنىشنى ئۈگۈنىۋالغان ياشلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن جەمئىيەتتكى ئورنىنى قىينالمايلا تاپالايدۇ. بىر دوستۇم ئۆيىنى تازىلاتقۇزماقچى بولغان بىرسىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە يۇرتلۇق ئوقۇغۇچى بىر قىزغا 100 يۈئەن بىرىپ ئۆينى تازىلاپ بىرىشنى ئېيتقاندا ئۇ قىزنىڭ خوشياقمىغاندەك ئىنكاستا بولغىنىدىن قاقشاپ ئوقۇغۇچى ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ تاققا چىقىپ قۇرلۇشلاردا ئىشلىگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
مەنمۇ بۇنداق ئىشقا بىر قانچە قېتىم دۇچ كەلدىم . ئادەتتە ئۈرۈمچىدىكى خىرىدارلىرىمىز زاكاس قىلغان ھەسەل ۋە باشقا شەربەت دېگەندەك پوچتىدىن ئەۋەتىش قولايسىز بولغان ماللارنى ئاپتۇبۇستىن ئەۋەتىمىز. شوپۇر ئۈرۈمچىگە بىرىپ ئۈچتاش بىكەت يېنىدىكى <<لوقمان تاللا بازىرى>> نىڭ مال ساقلاش ئورنىغا ئەكىرىپ بىرىدۇ. ئۇلارنىڭ تېلفۇن قىلىشى بىلەن بىزگە مال زاكاس قىلغان خىرىدار ئۇ يەرگە بىرىپ بۇيرۇتمىلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. كىرا ھەققى بىر تال سەرەڭگە قېپىچىلىك نەرسە بولسىمۇ 20 يۈئەن، چوڭراق يەشىك بولسىمۇ 20 يۈئەن. 20-30كىلوگىرام كەلگۈدەك چوڭ يەشىك بولسا 30 يۈئەن ئەتراپىدا بولىدۇ. خىرىدارلارنىڭ ئىھتىياجلىرى ئوخشاش بولمىغاچقا بەزىلەر 5-10 گىرام زەپە، بىرەر بولاق ئالاھىدە چاي بۇيرۇۇتسا، بەزىلەر 5-6 كىلو ھەسەل. گۈلقەنت ۋە باشقا بۇيرۇتمىلارنى بۇيرۇيدۇ. ئەنە شۇ بارماقچىلىك چوڭلۇقتىكى نەرسە ئۈچۈنمۇ ۋە باشقا چوڭراق ھەسەل-گۈلقەنت ئۈچۈنمۇ ساقلاش ھەققى قوشۇلۇپ 25 يۈئەن كىرا تۆلەيدۇ. مەن ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىدىغان 5-6 قېتىملىق ماللارنى يېغىنچاقلاپ ئوقۇغۇچى باللاردىن بىرەرسىگە كىرادىن ۋە ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بىرىدىغان قوشۇمچە مۇلازىمەتتىن پايدا چىقىرىپ بىرەي دەپ ئويلىشىپ بىرسىگە بۇ ئىشنى ئېيتسام دەسلىپىدە خۇش بولدى، كىيىن بىر-ئىككى قېتىم قىلىپ بېقىپ <<خەخنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ بىرىشتىن غەلىتە ھېس قىلىپ قالىدىكەنمەن>> دېگەن باھانە بىلەن بۇ ئىشنى بولدى قىلدى. يەنە بىرسىمۇ بۇ ئىشنى بىر نەرسە كۆتۈرىدىغان <<قارا ئىش >> ئىكەن دەپ باش تارتتى. ئۇندىن كىيىن بىركىم بىلەن بۇ ئىشنى دېيىشمىدۇق. بۇيرۇتمىلارنى ئايرىم ھالدا ئۈچتاش بىكەتكە ئەۋەتىپ تۇردۇق. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىش شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى ھەم بىزنىڭ خىرىدار ئۈچۈن قولاي بىر ئىش ئىدى. بىز بىر قېتىمدا 5 خىرىدارنىڭ بۇيرۇتمىلىرىنى بىر يەشىككە قاچىلاپ ئەۋەتسەك كۆپ بولغاندا 30 يۈئەن كىرا چىقىدۇ. ئوقۇغۇچى بۇنى دەرستىن سىرتقى بوش ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ ئىلىپ ھەر بىر خىرىدار بىلەن تېلفۇندا ئالاقىلىشىپ خىرىدارغا قولاي بولغان جايغا يەتكۈزۈپ بىرىپ كىرا ئۈچۈن 25 يۈئەن، كىيىنكى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بىرىش مۇلازىمىتى ئۈچۈن كىلىشىپ مۇۋاپىق ھەق ئالسا - مەسىلەن ئارىلىقنىڭ يېقىن-يىراقلىقىغا قاراپ 5 يۈئەندىن 10 يۈئەنگىچە مۇلازىمەت ھەققى ئالسا بىر قېتىمدا بەش كىشىدىن ئوتتۇرچە ھېساب بىلەن 30 يۈئەندىن 150 يۈئەن ئالىدۇ. بۇنىڭ 30 يۈئەن قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە بولغان كىراغا كەتسە، 20 يۈئەن تېلفۇن ھەققى، ھەمدە خىرىدارنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئاپىرىپ بەرگەن پارچە كىراسىغا كەتسە ئۆزىگە قالىدىغىنى 100 يۈئەن بولىدۇ. مېنىڭچە بۇنىڭدىن خىرىدارلىرىمىزمۇ رازى بولىدۇ، مال يۈتكۈزۈش مۇلازىمىتى قىلغان ئوقۇغۇچىمۇ مەنپەئەتدار بولىدۇ. بىزمۇ ھەم خىرىدارلىرىمىزمۇ ھەم بىر ئوقۇغۇچىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋاستىلىك قوللىغان بولىمىز. مەن ئاۋۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ بوشاڭلىقىغا قاراپ ئىچىم پۇشتى، بەلكىم ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى خىراجىتىگە يەتكۈدەك پۇللارنى توشاق ئەۋەتىپ تۇرسا كىرەك. شۇ سەۋەب بۇ بالىلارنىڭ پۇلغا ئىھتىياجى يوق بولسا كېرەك دەپمۇ ئويلىدىم. مىنىڭمۇ ئوقۇغۇچى ۋاقىتلىرىم بولۇپ باققان، ئاچ قالغان، گېزىت ساتقان، باققال بولغان، تىل تەربىيلەش كۇرۇسلىرى ئۈچۈن تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقاتقان، ئاشخانىدا ئىشلىگەن، ئىشىك ئالدىغىچە بۇيرۇتقان كىتابلارنى ئاپىرىپ بىرىپ <<كىتاب ئارىيەت بىرىش مۇلازىمىتى >> قىلىپ باققان. مەن مۇشۇلار ئارقىلىق پارچە-پۇرات خىراجەتلىرىمنى مۇستەقىل تېپىپ خەجلىگەن. جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى، ئىشلارنى تونۇپ، چۈشۈنۈپ يېتىشىمگە تۈرتكە بولغان. مېنىڭچە ئوقۇغۇچىلىق ۋاقىتتىكى ئىش تېپىپ ئىشلەش نوقۇل ھالدا ئۇششاق - چۈششەك خىراجەتلەرنى تېپىشلا ئەمەس. بەلكى ئۆزىگە تايىنىش، جەمئىيەتكە ماسلىشىش، پۇرسەت، شارائىتلاردىن تولۇق پايدىلىنىش ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت دەپ قارايمەن. سىتۇدېنتلار، بەخت-ئامەت سىلەرگە يار بولسۇن!
______ بىرزات
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
tel:15026085285
لىكىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ مەيلى كۆرسىڭىز مەن ھەمدەمدە بۇلاي.
مەن بايا سىزنڭ QQ نۇمۇرىڭىزنى قوشۋىلىشقا ئۇچۇر ئەۋەتىپ قويدۇم . قالغىنىنى QQ دا پاراڭلىشايلى !
ئاۋۇ كۈنلۈكى 100 كوي پۇل ئوبدان پۇلكەن . ئالىي مەكتەپتە كۈندە دەرس ئوقىمىغاندىن كېيىن ، دەرستىن سىرت ۋاقىتلاردا قىلىپ ، ئاز تولا پۇل تىپىپ ھىچ بولمىسا قوساقنىڭ چارەك ھاجىتىدىن چىقسىمۇ ھېساپ.
شۇڭا ئوقىۋاتقان ئىنى-سىڭىللىرىمىزنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشايدىغان بىر ئادەتنى يىتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، سىزنىڭ ئۇنۋېرسىتىتتا يىتىلدۈرگەن ئادىتىڭىز سىزنىڭ كىيىنكى تۇرمۇش، خىزمەتلىرىڭىزگە بەك چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مەنمۇ ئۇنۋېرستىتىكى ۋاقتىمدا ئىشلەپ باققان ، ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان ئىشلارنىمۇ قىلىپ باقتىم سىرىتتىمۇ يۈرەتتىم 100 ئۈچۈن قىزىلبايراق كومپىيۇتېر بازىرىدا يېرىم كۈن يۈرەتتىم ئۈچۈن ، 50 يۈەن ئۈچۈن خەقنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كومپىيۇتېر رېمونت قىلاتتىم ، گەرچە سىرىتتا ئىشلەش جاپالىق بولسىمۇ ، كاللا ئارام ئالىدۇ ، مەن سىرىتلارغا چىقىشنى ياقتۇراتتىم .
شۇنداق قىلىپ دەسلەپتە ئايدا 400~500 يۈەنگە ئىشلەپ قالاتتىم ، كېيىنچە بەزى ئىشلار ياخشى ئايدا 1000~1500 يۈەن ئەتىراپىدا كىرىم قىلالىغان ئىدىم ، گەرچە بۇ پۇللار بىلەن مەن چوڭ ئىشلارنى قىلالمىساممۇ ، باي باياشات ياشاپ ، ئېسىل يەپ يۈردىم ياخشى يېرىم مەن كەيىپ ساپادا يۇق ، ئويۇن تاماشىغا قىزىقمىغان بولغاچقا ئۇ پۇللارغا كىنو كورۈپ ، ئوبدان تاماقلارنى يەپ ، كىيىم ئ.ېلىپ تۈگىتەتتىم ، ھازىر ئويلىسام شۇ ۋاقىتلاردا پۇل ئىقتىساد قىلممىغان بولساممۇ ، پۇل تېپىشنىڭ تەمىنى تېتىپ كۈنلىرىمنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈپتىكەنمەن
ئون كۈن تازلاپ 150 كوي ئالغان ..بۇ پۇل بىر ئايلىق تاماق پۇلۇم..
لېكىن ھازىرقى كۆپىنچە بالىلار بۇنداق ئىشلارنى قىلالمايدۇ .
ئەسلى پۇل تېپىش دىگەن خجىل بولغىدەك ئىش ئەمەس.