ئاچچىقسۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-03-26
ئاچچىقسۇ جۇڭگۇدا ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلىنىش تارىخىغا ئىگە. ئۇنىڭ تەمى چۈچۈمەل ھەم كۈچلۈك، پۇرىقى مەززىلىك ھەم يېقىشلىق بولۇپ، تەم تەڭشەشتە كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل تەم تەڭشەش ماتىريالىدۇر.
ئۇنىڭ تۈرلىرى ئاساسلىقى گۈرۈچ ئاچچىقسۇ،سۈرلەنگەن ئاچچىقسۇ، شېكەر ئاچچىقسۇ، ھاراق ئاچچىقسۇ، ئاق ئاچچىقسۇ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.ئاچچىقسۇنىڭ چۈچۈمەل تەمىنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقى ئاساسلىقى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سىركە كىسلاتاسى مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ئاچچىقسۇ تەركىبىدە ۋىتامىنB2،كالتىسىي،فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلار بار.
ئاچچىقسۇ قورۇمىنىڭ يېڭى، تاتلىق، مەززىلىك قاتارلىق تەمىلىرىنى ئاشۇرۇىدۇ، غەيرىي پۇرىقىنى تۈگىتىدۇ، خام ماتىريال تەركىبىدىكى ۋىتامىنCنىڭ زىيانغا ئۇچرىشنى ئازايتىدۇ،توخۇ سۆڭىكى، بېلىق قىلتىرقىنى يۇمشىتىدۇ، خام ماتېرىيال تەركىبىدىكى كالتىسىي،تۆمۈر،فوسفورنىڭ ئېرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقنىڭ ئاجرىتپ چىقىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاماق سىڭدۇرىدۇ.
ئاچچىقسۇنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك باكتېرىيە تىزگىنلەش رولى بار بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا يىرڭلاتقۇچى ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرەلەيدۇ، تولغاق قاتارلىق ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى، كېزىك، تارقىلىشچان زوكام ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.
ئاچچىقسۇ چارچاشنى تۈگتىپ، ئادەمنى زىھىن قۇۋۋىتى تولۇپ تاشقان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ،جىگەرنى ئاسراشتىمۇ ياخشى رولى بار.
ئاچچىقسۇنىڭ چىراينى، چاچنى گۈزەللشتۈرۈش رولى بار بولۇپ، تېرىنى يۇمران، ئاق ، يۇمشاق قىلىدۇ،جوڭيى تىبابىتى ئەزەلدىن ئۇنى چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ،چاچ ئۆستۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئاچچىقسۇنىڭ ئادەمنى ئورۇقلىتىش رولى بار ھەم ئاپتۇموبىلدا، كېمىدە باش قېيىش ئالامىتىنى يەڭگىللىتىدۇ.
ئاچچىقسۇ قان تومۇرلارنى ئۈنۈملۈك ھالدا يۇمشىتىدۇ،خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇڭا ئۇ يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ بىرخىل ئۈنۈملۈك رىستىپى ھېسابلىنىدۇ.
ئاچچىقسۇ يەنە ئاشقازان-ئۈچەي ۋە قاندىكى ئىسپىرىتنىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، مەستلىكنى يېشىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئىستېمال قىلشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ئېغىردەرىجىدىكى ئاشقازان يارىسى. ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى ۋە زىققا كېسىلى بارلار ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىدىغانلار، قان بېسىمى تۆۋەنلەر، ئاشقازان يارىسى بارلار ۋە ئاشقازان كىسلاتاسى كۆپىيىپ كەتكەنلەر كېسەللىك قوزغىلىپ قېلىش ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاچچىقسۇنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.
ئاچچىقسۇنى بىۋاستە ئىچكەندە، ئۇنىڭ قۇيۇقلۇقى بەك يۇقىرى، مىقدارى بەك كۆپ بولغاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق تەڭپۇڭلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە ھەزىم قىلىش يولىنى كۆيدۈرۈپ زەخمىلەندۈرىدۇ، بەلكى زىيادە كۆپ مىقداردا ئىچكەندە، بەدەندىكى كالتىسىينىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئاچچىقسۇنى سۇيۇلدۇرغاندىن كېيىن ئاز مىقداردا، ئارىلاپ ئىچسە بولىدۇ.
ئاچچىقسۇنى ئىمكان بار ھىم ئېتىلىدىغان ئەينەك قاچىغا قاچىلاپ. سالقىن جايغا قويۇپ ساقلاش لازىم.
پايدىلانغان ماتېريال: ۋېتامىن ۋە مىنىرال ماددىلار
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئاچچىقسۇ
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
كۈندۇرنىڭ شىپالىق رولى توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز، كۈندۇرنىڭ كۆيۈكنى داۋالاش رولىمۇ بارمۇ قانداق؟ رەھمەت.
خەير . بۆگۈنچە سۇئال سوراپ ئاۋرە قىلماي تۇراي ، ئامان بولساق ئەتىگىچە سورارمەن . ئامان بولۇڭ.
خەير . بۆگۈنچە سۇئال سوراپ ئاۋرە قىلماي تۇراي ، ئامان بولساق ئەتىگىچە سورارمەن . ئامان بولۇڭ.