جاھىل خاراكتېرلىك تەڭگە تەمرەتكە يۇقامدۇ؟
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-03-26
جاھىل خارەكتىرلىك تەڭگە تەمرەتكە يۇقامدۇ ؟
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! مۆھتىرەم مۇھەممەد تۇرسۇن ئەپەندى . سىزنىڭ مۇشۇنداق بىر تور مەنزىلىنى قۇرۇپ بىزلەرنى بەزى تىببىي مەسىلىلەر توغرىسىدا بەلگىلىك مەلۇماتقا ئىرىشتۈرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت !
سۇئالىم : جاھىل خارەكتىرلىك تەڭگە تەمرەتكە يۇقامدۇ ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
جاھىل خارەكتىرلىك تەڭگە تەمرەتكىسىنىڭ يېرىڭلىق تېپىدىكىسى يۇقىدۇ. شۇڭا تازىلىققا ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك.
بەزەنلەرنىڭ بۇ كېسەل ساقىيامدۇ دەپ سورىغان سۇئاللىرى ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن جاۋابسىز قالغان ئىدى. بۇ يەردە قىسقىچە بايان قىلىۋىتەي!
ئىسمىدىنلا بۇنىڭ ئاسان ساقايمايدىغان، جاھىل كېسەللىك ئىكەنلىكى چىقىپ تۇردۇ. تەڭگە تەمرەتكە تېرە كېسەللىكلىرى ئىلمى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دكلەتلەردە مەخسۇس مۇشۇ تۈردە تېببى تەتقىقات ئورۇنلىرى قۇرۇلۇپ خىلى زور ئادەم كۈچى ۋە مەبلەغ ئاجرىتىلىپ ئىنچىكە تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ ھازىرغا قەدەر بۇ خىل كېسەللىككە دىئاگنۇز قويۇش جەھەتتە تونۇش ئىنىق بولمايۋاتىدۇ.
بۇ بۇ كېسەلنى ساقايمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئۇيغۇر تېبابىتىدە تەڭگە تەمرەتكە ( كالا تېرىسىمان تەمرەتكىمۇ دېيىلىدۇ) نى داۋالاشنىڭ ئۆزىگە خاس داۋالاش ئۇسسۇللىرى بار.
ئالدى بىلەن كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبكە قارىتا مۇنزىق بىرىلىپ كېسەللىك ماددسى پۇشۇرىلىدۇ، ئاندىن مۇناسىپ سۈرگۈچى دورا بىلەن بەدەن تازىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن قان ئايلىنىشنى ياخشىلىغۇچى، قاتتىقلىقنى يۇمشاتقۇچى، تېرىنى سىلىقلاشتۇرغۇچى ، كېسەللىك مىكروپلىرىنى يوقاتقۇچى دورىلارنى بېرىش؛ سېرتىدىن زەمبۇرغقا قارىشى ۋە تېرە توقۇلمىلىرىنى ياخشىلىغۇچى دورىلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلىدۇ. مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا داۋالاش بىلەن يېمەك-ئىچمەك پەرھىزلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلغاندا بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ساقىيىش نېسبىتى يۇقۇرى بولىدۇ. مۇشۇ ساھەدە تەجىربىسى بار تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە سىستېمىلىق داۋالانسا ساقىيىپ كېتىدۇ.
ئاچچىق-چۈچۈك، يەللىك نەرسىلەردىن، كالا، ئۆچكە گۆشى، ھاراق-تاماكا ۋە ھەر خىل سوغۇق ئىچىملىكلەردىن پەرھىز تۇتىلىدۇ.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
باش ئاغىرقىمۇ سەل قۇيۇپ بېرىپتۇ،
يەنە، بۇيۇن سۈڭەك ئۆسمىسى بۇلۇپ، بىر باسقۇچ دوختۇرخانىد ئۇۋلىتىپ داۋالانغان.
شۇڭا مەن سىزدىن مۇشۇ جەھەتتىكى كېسەللەرگە ئۈنۈملۈك بىر دورا بارمىدۇ؟ دەپ سىزنىڭ مەسلىھىتىڭىزنى ئالغۇم كەلدى، بولسا بىر جاۋاپ قايتۇرغان بولسىڭىز؟
دىمەكچى،ئەگەر ئۇزۇن داۋالىنىپ ساقىيالمىغان ،داۋالاشقا قولايلىك بولۇش ئۈچۈن ئايال بىمار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشسا ياردىمىم تىگىپ قالارمۇ دىگەن ئۇمۇتتىمەن.مەندىكى داۋالاش ئۇسۇلى ھەقىقەتەن ئۈنۈملىك بولسا ئىسراپ بولۇپ كەتمىسە دىگەن ئۈمۈتتىمەن. تېلفۇن:0994-6565660
ئايالىم بالا ئىمتۋاتقان.