ھامىلدار ئاياللار كومپيۇتېردىن يىراق تۇرۇڭ!!
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-03-23
كومپيۇتېر ئېكرانى ھاسىل قىلغان ئېلېكتىر ماگنىت مەيدانى ھۆجەيرە پەردىسىدىكى سىتوپلازىمىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ماددا ئالماشتۇرۇشقا توسقۇنلىق قىلىپ ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، كومپيۇتېرنى ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەن ھامىلدار ئاياللارنىڭ بويىدىن ئاجىراپ كېتىش نىسبىتى يۇقۇرى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزاق ۋاقىت كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ھامىلدار ئاياللارنىڭ يۈرەك قان سىستېمىسى ھەم نىرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىقىتىدارى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ. داس مۇسكۇلى ۋە مەقئەت مۇسكۇلى بۇزۇلۇپ، تۇغۇتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا خىلى تەسىر يېتىدۇ. شۇڭلاشقا، ھامىلدار ئاياللار كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىشتىن ئىمكان بارساقلىنىش كېرەك.
شاڭخەيدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسىسى ھامىلدار بولغان ئىككى ئايالنى كۆزەتكەن. كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇزاق مۇددەت كومپيۇتېر بىلەن مەشغۇلات قىلغان بۇ ئىككى ئايال ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھېچقانداق قالايمىقان دورا ئىشلىتىپ باقمىغان بولسىمۇ، بالا غەيرى تۇغۇلغان.
بۇلتۇر دۇنيا سودا تەشكىلاتى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا كومپيۇتېر ئېكرانى ئالدىدا مەشغۈلات قىلغاندا بەزى ماددىلار ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشقا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن. يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىللىرىگە قارىغاندا، ھامىلدار ئاياللارنىڭ كومپيۇتېر ئالدىدا مەشغۇلات قىلغان ۋاقتى يىگىرمە سائەتتىن ئېشىپ كەتكەندە بويىدىن ئاجىراپ كېتىش نىسبىتى %80 تىن ئېشىپ كېتىدىكەن، شۇنداقلا بالىنىڭ غەيرى تۇغۇلۇش نىسبىتىمۇ يۇقۇرى بولىدىكەن.
مەنبە: «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژورنىلىنىڭ 2007- يىللىق 2- سانىدىن ئېلىندى.
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ھامىلدار
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
مەنمۇ ھازىر ھامىلدار ئاللا خالىسۇن ئاجىراپ كەتكىلى
مىنىڭ خىزمىتىم بىركۇندە سەككىز سائەت تولۇق كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا ئولۇرمەن