ياشانغانلار دائىم ھەسەل ئىستېمال قىلىپ بەرسە...
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-10-08
گەرچە ھەسەلنىڭ تەركىبىدە قەنت مىقدارى بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ يەنىلا ياشانغانلار ئۈچۈن ياخشى يېمەكلىكتۇر. چۈنكى ھەسەل تەركىبىدىكى قەنتنىڭ %80ى ئاسان ھەزىم بولىدىغان گلۇكوزا بىلەن فروكتوزىدىن ئىبارەت بولۇپ ، ئۇنىڭ مىقدارى مۇۋاپىق ھەم بەدەن بىۋاستە قوبۇل قىلالايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ، ھەسەل تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار مول بولۇپ ، ئۇ بەدەننىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ ، ياشانغانلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ.
ھەسەل يەنە ناھايىتى كۈچلۈك مىكروب يوقىتىش رولىغا ئىگە . ياشانغانلارنىڭ تېنى ئاجىز بولغاچقا ، كېسەللىك باكتېرىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ . ياشانغانلار دائىم ھەسەل ئستېمال قىلغاندا كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى ، يەنە يۆتەل ، ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ، ئاشقازان ، ئۈچەي يارىسى ، قەۋزىيەت ۋە تولغاق قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ھەر خىل چېچەك ھەسەل تۈرلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكى ئادرىسقا مەرھەمەت قىلىڭ!: ./asp_174.html
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ھەسەل
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار: