ھەسەل+سۈت=ساغلاملىق، گۈزەللىك ۋاھاكازالار
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-10-08
قۇرئان كەرىم 47-سۈرە <<مۇھەممەد>> دە جەننەتنىڭ سۈپەتلىرى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىنغان بولۇپ ھەسەل بىلەن سۈتكە ئالاھىدە ئورۇن بىرىلگەن: تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلار، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلار، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلار ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، (مۇنداق تەقۋادارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە-پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟ .(15) تۆۋەندە سۈت بىلەن ھەسەلنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى ھەمدە ئاياللارغا ئالاھىدە ماس كىلىدىغان خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە بايان قىلىمىز.
سۈت بىلەن ھەسەلنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل، ئامىنو كىسلاتاسى، كالىتسىي، ۋىتامىنB1، ۋىتامىنB2، ھەمدە تۆمۈر ، مىس، مانگان، كالىي قاتارلىق مىنېرال قاتارلىق ئورگانىك ماددىلار بەدەنگە زۆرۈر ئىھتىياجلىق ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلايدۇ. ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىچكى ئاجرالما بەزلەر خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ. ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان ھەم ئۈچەي خىزمىتى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ھەيز مىقدارى ئازلاش، ئاغرىتىپ كىلىش، قەۋزىيەت قاتارلىقلارنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ. تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ياخشىلاپ ھۆسنىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ. سۈت ياكى ھەسەلنى ئىچىشنى داۋاملىق ئادەت قىلسا تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ جۇلالاندۇرىدۇ. ھەم ئىستىمال قىلىپ ھەم سېرتىدىن يۇيۇپ ياكى چېپىپ بەرسە تېرىنى يۇمران، پارقىراق قىلىدۇ. قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
ئالدىراشلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان ھازىرقى زامان كىشىلىرى ساغلام ھەم گۈزەل بولۇش ئۈچۈن سۈت ھەم ھەسەلدىن ئايرىلالمايدۇ. سۈت ئىچكەندە تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە دىققەت قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ:
بەزىلەر سۈتنى ئەتتىگىنى ئىچكەن ياخشى دەپ قارايدۇ. بۇنداق بولغاندا سۈت ئادەم بەدىنىنى كېرەكلىك ئېنىرگىيە بىلەن تولۇق تەمىنلەپ، كۈچ- قۇۋۋەتنى ئۇرغۇتىدۇ. ئەمما سۈتنى ناشتا قىلماي ئاچ قورساققا ئىچىشكە بولمايدۇ. بۇنداق بولغاندا سۈت ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىۋېتىپ سۈت تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددا بەدەنگە قوبۇل قىلىنماي تۇرۇپلا چوڭ ئۈچەيگە كىرىپ كېتىدۇ. يەنە بەزى كېشىلەرنىڭ قارىشىدا سۈت تەركىبىدە ئادەمنى ھارغىن ھەم ئۇيقۇسىرتىدىغان بىر خىل تەركىب بولۇپ ئەتتىگەندە سۈت ئىچسە چۈشتىن بۇرۇنقى خىزمەتنىڭ روھلۇق ئىلىپ بىرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن.
كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈت ئېچىپ ياتسا نېرۋىلارنى تىنچلاندۇرۇپ ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ ھەم بەدەنگە تولۇق ھەزىم بولۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۈت ئېچىپ ياتسا سۈت تەركىبىدىكى كالىتسىي ئادەم بەدىنىنىڭ كېچىدىكى كالىتسىيغا بولغان ئېھتىياجىنى تولۇقلايدۇ.
سۈتكە شىكەر سېلىپ قايناتماسلىق كېرەك. چۈنكى سۈت تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتاسى مول بولغانلىقتىن ئۇنى يۇقىرى بېسىمدا قايناتقاندا تەركىبىدىكى لىزىن بىلەن شېكەر رېئاكسىيىلىشىپ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولغان يەنە بىر خىل يېڭى خىمىيىلىك ماددىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ماددا ئادەم بەدىنىدە ھەزىم بولمايلا قالماي يەنە سالامەتلىككىمۇ پايدىسىز، شۇڭا سۈتنى قاينىتىپ بولۇپ سوۋۇغاندىن كېيىن ئاندىن شېكەر سېلىش كېرەك.
سۈتكە ھەسەل قوشۇپ ئىچسە جىددىيلىكنى يوقىتىپ، روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ ۋە ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە سۈتكە شىكەر قويۇپ ئىچكەندە كېلىپ چىقىدىغان ئاشقازان ئېچىشىش، ئاشقازان كۆپۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى يوقىتىدۇ. ھەسەل تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سۈتنى پۇشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن سەل سوۋۇتۇپ ئاندىن ھەسەلنى قۇيۇپ ئېرىتىپ ئىچىش كېرەك.
سۈتنى ئەڭ ياخشىسى يېڭى پېتى ئىچىش كېرەك. سۈت بەك سوغۇق بولسا ئازراق قىزىتىپ ئىچىش كېرەك. سۈتنى بەك قىزىتىۋەتكەندە ياكى قايتا- قايتا قىزىتسا، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. سۈتنى توڭلىتىشقا بولمايدۇ، سۈتنى توڭلاتقاندا تەركىبىدىكى ماي بىلەن ئاقسىل ئايرىلىپ چىقىپ كېتىپ تەمى سۇسلاپ كېتىدۇ ۋە ئوزۇقلۇق تەركىب ئاسان قوبۇل قىلىنمايدۇ.
قەۋزىيەت بارلار ھەسەلنى سوۋۇتۇلغان قايناق سۇدا ئىرىتىپ ئەتتىگىنى ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە ئۈچەيدىكى زەھەرلەرنى تازىلاپ قەۋزىيەتنى راۋان قىلىدۇ. كەيپىياتنى روھلۇق تېتىك قىلىدۇ.
ھەسەل ئىچىشنىڭ يەنە بىر ئەڭ ئىسىل ۋاقتى - جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بوشىغاندىن كىيىن ھەسەل سۈيى ئىچىش. بۇنداق قىلىشنى ئادەت قىلغاندا جىنسىي ئىقتىدار ھەم چىراي گۈزەللىكى جەھەتلەردىن بالدۇر قىرىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ھەسەل سۈت ساغلاملىق گۈزەللىك
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
بولسا 2-3 مو يەرگە قورۇق چۆرۈپ ئاز بىر قىسمىنى ئۆي قىلىپ قالغان يەرگە خېمىيەلىك ئوغۇ ئىشلەتمەي يەرلىك ساپ ئوغۇت ئىشلىتىپ يەيدىغانغا دانلىق زىرائەت تېرىپ ، ئاشلىقىنى يېغىۋىلىپ ئۆزىمىز ئاش-نان قىلىپ يەپ سامىنىدا قوي-كالا بېقىپ قويۇپ كۈندە ئەتتىگىنى سۈتىنى سېغىپلا خوتۇن بالىلار بىلەن ئولتۇرۇپ قىززىق پېتى ئىچىپ، قىش كەلگىچە بىرەر پاقلاننى سېمىرتىپ قىشىچە گۆشىنى يەپ. ئۇلاقلارنىڭ ئوغۇتىدا يەرنى ئوغۇتلاپ سەي-كۆكتات تېرىپ ھەممىنى ساپ ، تەبئىي قىلىپ يېگىلى بولسا ھە.... چارلىس چاپلىننىڭ بىر فىلىمىدە مۇشۇنداق بىر كۆرۈنۈش بار. ھىلىقى تېلەمچى گۈزەل قىز بىلەن ئولتۇرۇپ شۇنداق شىرىن خىياللارنى سۈرۈپ كېتىدۇ.
ھەسەلنى ئەڭ زىيانسىز، ھەقىقى يېشىل يېمەكلىك دەپ ئېيتىشىمىزدا ھەسەل ھەرىسىنى يايلىتىدىغان جاڭگاللار، تاغلارغا بىر كىم بىرىپ خېمىيەلىك ئوغۇت سىلىپ قويمايدىكەن، ھاۋا-موھىت بۇلغىنىشى بولمايدىكەن. شۇڭا مىجەزگە بەك ياقىدىكەن.
ھەسەل ھەزىم خىزمىتىنى ياخشىلاپ ئىشتاھانى ئاچىدۇ. يېگەن يېمەكلىكلەردىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ بەدەنگە تولۇق سۈمۈرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.