بانان ئىسسىق بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلۋاغدىكى رايۇنلاردىن چىقىدۇ. بانان غەمكىنلىكنى تۈگىتىدىغانلىقتىن، ياۋرۇپالىقلار ئۇنى<<شادلىق مېۋىسى>> دېيىشىدۇ، قىزلار بولسا باناننى ئورۇقلاش مېۋىسى دەپ قارايدۇ.
بانان يەنە << ئەقىل-پاراسەت مېۋىسى>> دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇددا دىنىنىڭ ئىجادچىسى ساكيامۇنى بانان يېگەنلىكتىن ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولغان ئىكەنمىش.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

" /> باناننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى - 80 خالتا بلوگى

باناننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى


بانان ئىسسىق بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلۋاغدىكى رايۇنلاردىن چىقىدۇ. بانان غەمكىنلىكنى تۈگىتىدىغانلىقتىن، ياۋرۇپالىقلار ئۇنى<<شادلىق مېۋىسى>> دېيىشىدۇ، قىزلار بولسا باناننى ئورۇقلاش مېۋىسى دەپ قارايدۇ.
بانان يەنە << ئەقىل-پاراسەت مېۋىسى>> دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇددا دىنىنىڭ ئىجادچىسى ساكيامۇنى بانان يېگەنلىكتىن ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولغان ئىكەنمىش.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

بانان تەركىبىدە ۋىتامىن A،ۋىتامىنB6،ۋىتامىنC,ۋىتامىنE,پانتوتېنىك كىسلاتا، شۇنىڭدەك كالتىسىي،فوسفور، تۆمۈر، كالىي قاتارلىق مىنرال ماددىلار بار.
بانان روھىي بېسىمنى ئۈنۈملۈك ھالدا يەڭگىللىتىدۇ، غەمكىنلىكنى تۈگىتىپ، ئادەمنى شادلاندۇرىدۇ.
ئۇخلاشتىن بۇرۇن بانان يېگەندە، تىنىچلاندۇرۇش رولى بولىدۇ.
بانان ئورۇقلاش ئۈچۈن پايدىلىق، ئۇ تېرە، چاچنىڭ ساغلاملىقنى ئۈنۈملۈك ھالدا قوغدايدۇ، پۇت-قول تېرىسى يېرىلىشقا قارىتا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېرىنى سىلىق ۋە يۇمشاق قىلىدۇ.
بانان سەكتە ۋە يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، قان تومۇرلارنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ. ئامېرىكا ئالىملىرى ئۇدا بىر ھەپتە، كۈنىگە 2تال بانان يېسە، قان بېسىمىنى %10تۆۋەنلەتكىلى بولدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. كۈنىگە5تال بانان يېگەندە، ئۇنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنىڭ كۈنلۈك ئىستېمال قىلىنىدىغان مىقدار ئۈنۈمىنىڭ%50گە باراۋەر بولىدىكەن.

باناننىڭ ئۈچەينى سىلىقلاپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۆپكىنى سىلىقلاپ، يۆتەل توختىتىش، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش ۋە بەدەننى قۇۋۋەتلەندۇرۇش رولى بار، ھمىشە بانان يەپ بەرگەندە مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ.

بانان شۆپىكىدىمۇ بەزى باكتىريە ئۆلتۈرىدىغان تەركىبلەر بار. ئەگەر ئادەمنىڭ تېرىسى زەمبۇرۇغ ياكى باكتىرىيە تەرىپىدىن يۇقۇملىنىپ ياللۇغلىنىپ قالسا ، شۇ ئورۇنغا بانان شۆپىكى تېڭىپ قويسا جەزمەن ئويلاپ باقمىغان ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ

ئىستېمال قىلىشتا بېلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

بانان ئورۇقلىماقچى بولغانلارنلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. باناننى توڭلاتقۇغا سىلىپ ساقلىماسلىق لازىم،12~13سىلىتسىيە گىرادۇستا يېڭى پىتى ساقلىغىلى بولىدۇ.
بانان ئۇرۇلۇش،بېسىلىش، توڭلاپ قېلىش سەۋەبىدىن ئاسانلا قارىداپ كېتىدۇ، ئۆي تىمپىراتۇرىسى شارائىتىدا باناندا ناھاىيىتى ئاسانلا باكتىرىيىلەر ئۆسۈپ قالىدۇ، بۇنداق باناننى ئەڭ ياخشىسى تاشلىۋىتىش كېرەك.
ئاشقازان كىسلاتاسى كۆپىيىپ كەتكەنلەر بانان ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم، ئاشقازان يارىسى، دېئابىت كېسىلى بارلار، ئاشقازىنى ئاغرىيدىغانلار،ھەزىم قىلىشى ناچارلار، ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر باناننى ئاز يېيىشى لازىم.

باناننى تەبىئىتىي سوغۇق، تەركىبىدە كالىي كۆپ بولغانلىقتىن، سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىم، سۇلۇق ئىششىق كىسىلى بارلار بانان ئىستېمال قىلىشتا ئالاھىدە ئىھتىيات قىلىشى لازىم. بانان تەركىبىدە يەنە بىر قەدەر كۆپ مىقداردا ناترىي تۇزلىرى بولغانلىقتىن،بۆرەك ئىقتىدارى ناچارلار ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ناتريى تۇزىنى قوبۇل قىلىش مىقدارىنى چەكلىشى زۆرۈر بولغانلىقتىن، چوقۇم بانان يېمەسلىكى، يېگەندىمۇ ئاز يېيىشى كېرەك.
ياشانغانلار بانان يېگەندە گېلىغا تۇرۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنى يالماپ يۇتماسلىقى لازىم.
باناننى تارو(ياڭيۇغا ئوخشاش يېيىشكە بولىدىغان كۆكتات) بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.

كومپۇتېر مەشغۇلاتىدا : 80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورىنىڭ ياردەمچىسى بۈۋىخەدىچە ئابدۇلھەكىم
 
 
 




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: بانان

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماkalkvn[2011-01-05 01:11 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم بىرزات ئەپەندى!مەن 5-6يىل بولغان ئانانزىم بىلەن شۇغۇللانغىلى لىكىن 6ئايچە بولدى تاشلىدىم بۇنۇڭغا قىز دوستۇم كۆپ ياردەم قىلدى ،مەن كىتاپ كۆرۈش ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ بۆرىكىمنىڭ ئاجىز ئېكەنلىكىنى بىلدىم .ھەم جاۋارش كۈندۇر،ماددەتۇل ھايات دىگەن دورلارنى يىدىم .دورا ھەققەتەن پايدا قىلدى،مەن يەنە كىتاپتىن ھەسەل بىلەن كەرەپشە ئۇرقىنىڭ زەكەرنى يوغان قىلدىغانلىقىنى ئوقۇغان ئىدىم.بۇ دورا راس پايدا قىلارمۇ؟ياكى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى دورا بارمىدۇ؟ماڭا دەپ بەرگەن بولسلا !يەنە قانداق دورىلارنى يىسەم ،ئانانىزىم ئاسارىتىدىن تەلتۆكۆس ساقىيىپ كىتەلەيمەن ؟ئىغىر كۈرمەي دەپ بەرگەن بولسىلا !مىنىڭ كۆڭلۈم ئەمىن تاپسا،(چۈنكى مەن تور بەتنىڭ يىڭى ئەزاسى،   ئاللاھ ئۆمۈرلىرىنى ئۈزۇن قىلغاي!
回复قايتۇرماsawir[2010-10-21 11:22 AM | del]
siz yukorda banan  kanbisimha dura dapsiz yu likin ahirida yana monu mazmunda. بانان تەركىبىدە يەنە بىر قەدەر كۆپ مىقداردا ناترىي تۇزلىرى بولغانلىقتىن،بۆرەك ئىقتىدارى ناچارلار ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ناتريى تۇزىنى قوبۇل قىلىش مىقدارىنى چەكلىشى زۆرۈر بولغانلىقتىن، چوقۇم بانان يېمەسلىكى، يېگەندىمۇ ئاز يېيىشى كېرەك.
dapsiz undakta zadi kisallarga paydisi barmu yaki ziyanlik moxu ningha bir jawap biringa  sizng jawabingizni kutiman
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.