ﺑﯘ ﺋﻪﺗﯩﺮﮔﯜﻝ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﺩﻩﺭﻩﺧﻨﯩﯔ ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ <<ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ>>، ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ << ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ>> ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺩﻭﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺷﺎﭘﺘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺧﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭖ ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﭘﻮﺳﺘﻰ ﻧﯧﭙﯩﺰ، ﺳﯘﻟﯘﻕ، ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﭘﯩﺸﻘﯩﻨﯩﺪﯗﺭ.
ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ: ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺳﻮﻏﯘﻕ

شىپالىق رولى:

" /> ﺷﺎﭘﺘﯘلنىڭ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ - 80 خالتا بلوگى

ﺷﺎﭘﺘﯘلنىڭ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ


ﺑﯘ ﺋﻪﺗﯩﺮﮔﯜﻝ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﺩﻩﺭﻩﺧﻨﯩﯔ ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ <<ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ>>، ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ << ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ>> ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺩﻭﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺷﺎﭘﺘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺧﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭖ ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﭘﻮﺳﺘﻰ ﻧﯧﭙﯩﺰ، ﺳﯘﻟﯘﻕ، ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﭘﯩﺸﻘﯩﻨﯩﺪﯗﺭ.
ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ: ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺳﻮﻏﯘﻕ

ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﻰ ﻳﯘﻣﺸﯩﺘﯩﺶ، ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯩﻘﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﺶ، ﻗﺎﻥ ﯞﻩ ﺳﻪﭘﺮﺍﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﯞﻩ ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﺘﻰ ﺑﺎﺭ. ﻣﯧﯖﯩﮕﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﮕﯩﻤﯘ ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

شاپتۇل سالامەتلىكنى ياخشىلاشقا، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇشقا، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاشقا ۋە ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق، قەۋزىيەت بولغانلار ۋە ھەيز كۆرمىگەنلەر ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.

شاپتۇلنىڭ تەركىبىدە كالىي كۆپ، ناترىي ئاز بولغاچقا، شاپتۇل سۇلۇق ئىششىق بىلەن ئاغرىغان كېسەللەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا تازا باب كىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شاپتۇل مېغىزىنىڭ زەھەر ماددىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قان قېتىش ۋە جىگەر كېسلىنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئۇ يەنە تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ ھەيز توختاپ قالغان ياكى ھەيز ئاغرىپ كېلىدىغانلار ئۈچۈن پايدىلىق.

بۇنىڭدىن باشقا، شاپتۇلنىڭ يېلىمى بىلەن خىلوس سىيىش، شېكەر سىيىش ۋە ئىدرا يوللىرىدا تاش تۇرۇپ قېلىش كېلىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. شاپتۇل يېلىمى ھەر قېتىمدا 10-20 گرام قاينىتىپ ئىچىلسە بولىدۇ.

شاپتۇلنىڭ يوپۇرمىغى بىلەن ھاشارەتلەرنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ، شاپتۇلنىڭ قۇرۇق يوپۇرمىقىدا جىنسىي يولنى تازىلاش سۇيۇقلۇقى ئىشلەپ، تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. بۇ خىل تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەش ئۇسۇلى: 30گرام شاپتۇل يوپۇرمىقى 1000مىللىلىتر سۇ بىلەن قاينىتىلسىلا بولىدۇ.

ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ: ﮬﯚﻝ ﻣﯩﺰﺍﺝ ﯞﻩ ﺑﻪﻟﻐﻪﻡ ﺧﯩﻠﯩﺘﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺴﻰ: ﮬﻪﺳﻪﻝ ﯞﻩ ﺯﻩﻧﺠﯩﯟﯨﻞ ﻣﯘﺭﺍﺑﺒﺎﺳﻰ
ﺋﻮﺭﯗﻧﺒﺎﺳﺎﺭﻯ : ﺋﯜﺭﯛﻙ




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: شاپتۇل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.