شەھۋانى تور خۇمارلىقى ۋە قول بىلەن لەزەتلىنىش خۇمارلىقىدىن قۇتۇلۇش
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-07-02
80خالتا بلوگ ئىلاۋىسى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادىرىم، بويتاقلىق زېرىكىشلىك تۇرمۇش پىسخىكىڭىزدا بەزى بىر نۇرمالسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتامدۇ؟ سىز خىلىدىن بىرى شەھۋانىي مەزمۇندىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈشكە خۇمار بولۇپ قېلىۋاتامسىز؟؟ ئانانىزىمغا ئۈگۈنۈپ قىلىش سەۋەبلىك روھىيتىڭىزنى پەيمان قىلىشتىن باشلانغان ئېغىر دەرىجىدىكى خورىتىش ئەرلىك جاسارىتىڭىزنى، بىر ئائىلىگە باش، تۈۋرۈك بولغۇدەك مەزمۇت قەدەملىرىڭىزنى ھالسىرتىپ قويغاندا زەئىپلىك، ئىمكانسىزلىقنىڭ بىر ئەركەك ئۈچۈن نەقەدەر ئېغىر خورلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتامسىز؟!!! دۇرۇس، بۇ ھەقتە ئارتۇق سۆز ئاچمىساقمۇ، شۇ كەچمىشلەرگە ئىشتىراك ئەتكەن ئىكەنسىز-نېمە دېمەكچى بولغىنىمىز ئاللىقاچان كۆڭۈل ئىكرانىڭىزدا زاھىر بولۇپ بولدى. تىنىمسىز سوقۇۋاتقان يۈرىكىڭىزنى جىمجىت ئولتۇرۇپ تېڭشاپ ئۆزىڭىزدىن قانچىلىك يىراقلاپ كەتكەنلىكىڭىزگە ئەستايدىل قاراپ بېقىڭ! ئاندىن ئاياللارغا قاراڭ، كۆزلەردىكى ئۈمۈدسىزلىك كىشىنى ئىچىندۇرىدۇ. ئەنە شۇ سىھىرلىك، تىنىق كۆزلەر ئۆزىنى خورلاش كېسىلىگە گېرىپتار بولغان ئەركەكلەرگە شۇنداق نىدارلار قىلىۋاتىدۇكى-
ئەييۇھانناس، ئاڭلاڭلار، ئامۇ-خاس:
ئانانىزىمدەك بولمىغۇرلۇقلار بىلەن ئەرلىك ھاياتى كۈچىڭىزنى بىر پۇل قىلىپ سۆلىڭىز قالمىغاندا بىر ئۆمۈر خىزمىتىڭىزنى قىلىدىغان، سىزگە بارلىقىنى، مۇھەببىتىنى بېغىشلايدىغان ئايالىڭىزغا ئېغىرىڭىزنى سىلىپ گاھى ئىچىڭىزگە تىنىپ زەئىپانا بۇرۇقتۇرما بولۇپ يۈرسىڭىز، گاھى سەپرالىشىپ ئۇرۇشۇپ يۈرسىڭىز - قېنى سىزدىكى ئەرلىك كامالەت، ئۇرغۇپ تۇرغان قۇۋۋەت، ئوتلۇق مۇھەببەتلەر؟ قېنى سىزنىڭ ئايالىڭىز ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت، ئۇماق پەرزەنتلىرىڭىز ئالدىدىكى سۈلكىتىڭىز؟!!!
ئاياللىرىڭلارنى ئۇنداق تاشلاپ قويماڭلار، بىچارە مەزلۇمە سۈيى يوق كۆلدەك قاغجىراپ يېرىلىپ ئۆتۈپ كەتمىسۇن، ئۇنىڭمۇ ياشلىق گۈللىرى تولۇق پورەكلىسۇن، كۈچتۈڭگۈر، پالۋان كەبى ئەرلىرىدىن زوقلىنىپ، پەخىرلىنىپ ياشىسۇن!!! باغرى قانسۇن!!
ئەگەر سىزدە ئەنە شۇ تور خۇمارى ھەم ئانانىزىم خۇمارى روھىيتىڭىزنى ئۆز چاڭگىلىغا ئىلىۋالغان بولسا چوقۇم پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا ئىزدەۋاتقان بولىشىڭىز مومكىن. تۆۋەندە <<شەھۋانى تور خۇمارلىقى ۋە قول بىلەن لەزەتلىنىش خۇمارلىقىنى داۋالاشنىڭ ئىسلامدىكى كۆرسەتمىسى>> دېگەن سۆھبەت مەزمۇنى ئۆزىڭىزنى تېپىۋېلىشىڭىزغا ئازدۇر-كۆپتۇر ھەمدەم بولغۇسى!
______________________________ بىرزات
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئالىملار، مەن يېقىندا ئىيمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان ئىدىم. ئۆزگەرگەندىن كىيىن ئىش - پائالىيەتلىرىمنى ھەر جەھەتتىن ئىزچىل ئىسلاھ قىلىپ كىلىۋاتىمەن. ئۆزۈمنى شەھۋانىي نەرسىلەرنى كۆرۈش ھەم ئانانىزىمغا خۇمار بولۇپ قالغىنىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا ياخشى ئادەم دەپ قارايمەن. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئىسلامدا قانداق داۋالاش كۆرسەتمىسى بار؟ ئاللا ئەجرىڭلارنى بەرگەي!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
مىھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن.
بارلىق گۈزەل ماختاش ۋە تەشەككۈرلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقىلا خاستۇر ، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە دۇئايى-سالاملار بولسۇن!
ھۆرمەتلىك قىرىندىشىم ، ئىسلامغا كىرگەنلىكىڭىزنى قۇتلۇقلايمىز! بىزگە ئىشەنچ باغلاپ سۇئال سورىغانلىقىڭىزغا رەھمەت. قۇدرىتى چەكسىز ئاللاھتىن ئىشلىرىمىزدا خالىسلىق ۋە پەقەت شۇ ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئەينەن ئىجرا قىلىشىمىزغا ياردەم قىلىشىنى تىلەيمىز!
پاكىز ۋە مۇقەددەس روھىيتىڭىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ، ئۆزى ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان بۇ يامان ئادەتكە خۇمار بولۇپ قالغىنىڭىزدىن باشلاپ مەنىۋىيتىڭىزگە بېسىپ كىرگەن ئۇ ناچار ئادەت سىزنى ئۆز- ئۆزىنى ھالاك قىلىش يولىغا باشلايدۇ. سىز بۇ ئادەتنىڭ زېيىنىنى تونۇپ يەتكىنىڭىزدە ئەڭ يۇقۇرى چەكتىكى ئىرادە كۈچىڭىزنى ئىشقا سىلىپ شۇ يامان ئادەت خۇمارىنى قايتا ئەسلىتىدىغان بارلىق ئىھتىماللىقلاردىن يىراق تۇرۇشىڭىز ھەمدە ئۈزۈل-كېسىل قول ئۈزۈشىڭىز كېرەك!
بۇنىڭ ئۈچۈن (بۇ خىل ئادەتلەرنى تاشلاش ئۈچۈن) سىز مۇشۇ ساھەدە پىشقان، تەقۋادار مۇسۇلمانلاردىن بولغان كەسپى مەسلىھەتچى ياكى پىسخىك دوختۇر ئىزدەپ تېپىشىڭىز زۆرۈر. بۇنداق كىشىلەرنى تاپالمىغاندا ئەخلاق جەھەتتە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ۋە ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشىلەرنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ سىزنىڭ ئاشۇ ناچار ئادەتتىن قول ئۈزۈشىڭىزدە تولىمۇ مۇھىم. سىزدىكى بۇ يامان ئادەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس بولۇپ، بۇلار شەك-شۈبھىسىزكى سىزنىڭ روھىيىتىڭىزنى چىرىتىپ، مەنىۋى دۇنيارىڭىزنى ھالاك قىلىدۇ.
بۇ ئادەتلەر خاراكتىرى جەھەتتىن ئېيتقاندا خۇمار خاراكتىرىنى ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈپ ماھىيىتى گۇناھ يولى بىلەن جىنسى جەھەتتە ئۆز-ئۆزىنى خۇشال قىلىشتىن ئىبارەت.
خۇددى ئەل-بۇسىرى ئېيتقاندەك، «جىنسىيەت خۇددى بىر بوۋاققا ئوخشايدۇ؛ ئەگەر ئۇنىڭغا سەل قارىسىڭىز، ئۇمۇ خۇددى ئانا سۈتىگە قانغاندەك ئىزچىل چوڭىيىدۇ؛ ئەگەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسىڭىز، ئۇ ھەم سىزدىن ئايرىلىدۇ».
تۆۋەندە سىزگە ياردەم سۈپىتىدە بىر قانچە تۈرلۈك تەكلىپ بېرىمەن:
1.توختىماستىن بۇ قەبىھ گۇناھنىڭ پەسكەشلىكىنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرۈڭ ۋە ئويلاڭ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ كالامى «قۇرئان كەرىم» دە ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدە تەسۋىرلەنگەن دوزاخ ئوتى ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. تاكى سىز توردىن شەھۋانىي نەرسىلەرنى كۆرمەكچى بولغىنىڭىزدا ياكى شۇنداق مەزمۇندىكى ژورناللارنى ئوقۇشقا تەمشەلگىنىڭىزدە دوزاخ ئوتىنىڭ سىيماسى سىزنىڭ كاللىڭىزدا ئەكس ئېتىدىغان بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، سىز بۇ خۇمارىڭىزدىن ھوزۇرلانغان ۋاقتىڭىزدا يەنە بىر خىل يوشۇرۇن ئازاپ ھېس قىلىدىغان بولسىىز.
2.بۇ خىل ناچار ئادەتنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى كۆرسىتىش ، بۇنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىگە ئائىت بارلىق بايانلارنى تىزىپ چىقىشقا ئوخشاش كۆپ خىل چارە- ئاماللاردىن پايدىلىنىپ، بۇ خەتەرلىك ئۆسمىدىن قۇتۇلۇشنىڭ سىز ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىگە ئۆزىڭىزنى قايىل قىلىڭ. شۇنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭكى، بۇ نىجىس ئىللەت سىز ئۈچۈن تېنىڭىزغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئۆسمىدىنمۇ خەتەرلىك. چۈنكى، تېنىڭىز يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ چىرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ روھىڭىز يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
3.مۇشۇ پەسكەش خۇمار بىلەن قەبىھ گۇناھقا شېرىك بولۇپ ئالەمدىن ئۆتسىڭىز، ئۇ ئالەمدە قانداق يامان ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ.
4.چىن ئىخلاسىڭىز بىلەن ئاللاھتىن ياردەم ۋە كۈچ- قۇۋۋەت تىلەڭ. بىراق، ئۆزىڭىزنىڭ مۇنتىزىم تائەت-ئىبادەتلىرى ئارقىلىق ئاللاھ بىلەن ئۆزىڭىز ئارىسىدا رىشتە باغلىمىغۇچە ئاللاھتىن ياردەم تەلەپ قىلالمايدىغانلىقىڭىزنى ئەستە چىڭ تۇتۇڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن تائەت-ئىبادەتلەردە ھەرگىز بوشاڭلىق قىلماڭ.
5.كۈندىلىك پائالىيەتلىرىڭىزنى شۇنداق تەرتىپلىك، زېچ ئورۇنلاشتۇرۇڭكى ئۇ ئىشلارنى ئويلاشقا ۋاقتىڭىز چىقماي قالسۇن! ئىمام شافىئىي مۇنداق ئېيتقان ئىكەن: ئەگەر سەن كاللاڭنى ياخشى ئىشلار بىلەن توشقۇزمىساڭ نەپسى-شەھۋىتىڭ سېنى يامان قىلىق ، ئىش پائالىيەتلەر بىلەن ئالدىراش قىلىۋېتىدۇ.
6.ئەتراپىڭىزدا ئىسلام مۇھىتى بەرپا قىلىڭ ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن چۆكۈڭ.
7.ساۋاپلىق (ياخشى) ئىشلارنى قىلىش بىلەنلا ئالدىراش يۈرىدىغان تەقۋادار مۇسۇلمانلارغا داۋاملىق يېقىن تۇرۇڭ. ئىسلام ئۆگىتىش بىلەن بىرگە روھنى چېنىقتۇرىدىغان ئۆگىنىش سورۇنلىرىغا كۆپ قاتنىشىڭ.
8.قەتئىي بىر قارارغا كېلىڭ ۋە تۆۋەندىكى زىكرىنى (ئاللاھنى ياد ئېتىش) تىلىڭىزدىن چۈشۈرمەڭ:
سۇبھاناللاھ، ۋەلھەمدۇلىللاھ، لائىلاھە ئىللەللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋەلاھەۋلە ۋەلاقۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ، ئەستاغفۇرۇللاھ ئەلئەزىم، مىن كۇللى زەنبىن ۋە ئاتۇبۇئىلەيھى. (ئاللاھنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، جىمى ھەمدۇساناھ ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغ، بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوقتۇر، بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت ئاللاھقىلا خاس، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمىزكى ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر مەبۇد ‹بەرھەق› يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە تېرىكتۇر، مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر).
9.بۇ يامان ئادەتتىن قۇتۇلغاندا توي قىلىش ھەققىدە چوقۇم ئەستايىدىل ئويلىنىڭ، نىكاھ بۇ ناچار ئىللەتنىڭ قايمۇقتۇرىشىدىن ساقلايدىغان ئەڭ ياخشى قالقاندۇر.
شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ بىزلەرنى رەزىل ھەۋەسلەردىن يىراق قىلىپ روھىمىزنى پاك قىلغاي! بىزلەرنى كۇپۇرلۇقتىن، مۇناپىقلىقتىن ۋە گۇناھلاردىن ساقلىغاي! چىن ئىتىقادىمىز ۋە ياخشى ئەمەللىرىمىز بىلەن ئۇنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولغىلى نىسىپ قىلغاي، ئامىن!
تەرجىمىدە : مايسەم ، بىرزات قاتارلىقلار.
بۇ ھەقتە تورداش دىلارەنىڭ ئىنكاسى:
كۆپىنچە كېسەللىك مىكروپتىن كېلىپ چىقىدۇ. كېسەل بولماي دېگەن كىشى شۇڭا مىكروپتىن ئۇزاق تۇراي، پاكىزە بولاي دېگىنى تۈزۈك. كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن ھەر ھارام ئىشنى كۆزىمىزدىكى ئاپارات رەسىمگە تارتىپ، مېڭىمىزدىكى "قاتتىق دىسكا" ئىچىدە خاتىرلەپ ساقلايدۇ. رەسىمى تارتىلغان بۇ ھارام كۆرۈنۈش بىر مىكروپقا ئوخشايدۇ، مەنىۋىيىتىمىزدە مۇشۇنداق مىكروپلار يىغىلغانسىرى، مەنىۋىيەت ئېغىر كېسەل بولىدۇ، ساغلاملىقتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇڭا چوڭلار "ئېغىز زىناسى" (شەھۋانىي ھارام گەپلەر قىلىش)، "كۆز زىناسى (نامەھرەملەرگە قاراش)، "قۇلاق زىناسى" (شەھۋانىي ھارام گەپلەرنى ئاڭلاش)تىن يىراق بولۇشنى تەكىتلىگەن. قۇرئاندا زىنا ھارام قىلىنغان ئايەتتە: "زىنا قىلماڭلار" دېيىلمىگەن، بەلكى، "زىناغا يېقىن كەلمەڭلار!" دېيىلگەن. شۇڭا كىشىنى "زىناغا يېقىن ئەكىلىپ سېلىش ئېھتىمالى بولغان بارلىق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش" ئەقەللىي مۇسۇلمانلىق ئۆلچىمىدۇر. جەننەت دېگەن ئاسان قولغا كېلىدىغان نەرسە ئەمەس، مۇشۇنداق نەپسىمىزگە چىرايلىق كۆرۈنگەن نۇرغۇن گۇناھلاردىن قول ئۈزۈپ، بەدەل تۈلىگەندە ئاندىن ئېرىشكىلى بولىدۇ ئۇنىڭغا......

[Birzat بۇنى 2012-10-09 12:05 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئانانىزىم، شەھۋانىي تور خۇمارلىقى
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:

ئىنكاس: 30 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
قايتۇرماruslan[2013-08-22 11:06 PM | ]
زەيىپلەش كەن مىللەتنىڭ ئايالىرى پايىشە بۇلىدۇ دەيدىغان گەپبا ر ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداش لىرىمىز بىز مۇشۇنداق ۋەزىيەت ۋە جەمىيەتتە بىز ئۇزۇمۇزنى رۇسلايلى بۇخىلكىسەللىكنى داۋالايدىغان دوختۇر ۋە ئۇلىمالىرىمىز غا ئالاھ كوپ ئەجىر بەرگەي ۋە مەدەت ، بەرگەي ئامىن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار مەنمۇ بۇ ئادەمنى زەئىپلەشتۈرىدىغان مەينەت ئىشقا كۆنۈپ قاپتىكەنمە بۇ تېمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىمنى بىلدىم ھەممە تورداشلارنىڭ بۇ تىمىنى كۆپرەك توربەتكە يوللاپ ئازغۇنلۇقتا يۈرىۋاتقان قىز ئوغۇللىرىمىزنى بۇ ئېغىر گۇناھ تىن توسايلى بۇ تېمىنى يوللىغان كىشىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئاللاھ ئەجر بېرەر قېرىندىشىم!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ھۇرمەتلىك بىرزات ئەپەندى سىزدىن بىر مەسلھەت سوراي دىگەن . مەنمۇ بۇ نىجىس ئىشقا كۇنۇپ قالغىلى 6 يىلدىن ئاشتى . بۇ يىل 23 كە كىردىم ، ئاران 45 كىلۇ كىلمەن , ھازىېر ئۇيدىكلەر مىنى تۇي قىلىشقا زۇرلا ۋاتىدۇ . ئەمما مەن ئۇزەمگە ئىشنەلمەيۋاتمەن . يەنە مەندە ماغدۇر سىزلىنىش ۋە ئۇخلىگاندا شەيتان ئاتلىگاندا مەنى كەلگە ننى بىلمەسلىك ۋە پۇت ئسىماسلىك ۋە شەيتان ئاتلىگاندا خارگىنلىك خىس قىلىش , كىچك ـ تەرەت كوپ كىلش ئالامەتلىرى بار . يەنە زەكرىم بەكلا كىچكتەك بىلنىدىغان بوپ قالدى . شۇڭا سىلدىن مەسلىھەت سۇراپ باقاي دىگەن, قانداق قىلسام بۇ ئىشتن قۇتۇلالايمەن .مۇشۇنىڭغا بۆرەك قۇۋەتلەيدىغان تىبابەت دورىللىرىدىنيىسەم بۇلامدۇ؟ بىر تەپسىلىراق قىلىپ بىر جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز سىزدىن كۆپ مەمنۇن بولغان بولاتتىم. ئاللا ئەجىرلىرىنى بەرسۇن..
uluh allah ixliriha barkat barsun minimu kitiwalhan bolsila qq: 1743044237:
ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن بىرزات ئەپەندى، رەھمەت سىلىگە.
مەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بېرزات ئەپەندى.ئانانىزىمدېن ئايرېلغاندېن كېيېن قايسې دورېلارنې يەپ ئەسلېمېزگە كېلېمېز ،
مەنمۇ 2 يىل بولدى بۇ ئىشقا ئۈگىنىپ قالغىنى ئۈزىمنىڭ كسپى كومپىيوتىر بولەاچقا دائىم تور بىلەن ھەپىلەشكەچ ئۇ ئىشلانى پەكەتلا كاللامدىن چىقرالمىدىم ھازىر بۇرۇنكىدىن ياخشى ىىللا ئۇنتۇپ كەتتىم
مەنمۇ بۇرۇنراق بىلگەن بولسام بۇ ئشلار نى قىلمىغان بولاتتىم بىر نىجىزدىن ئوگىنىپ قاپتىمەن بەك ئۈكىنىمەن ئاشۇ ئازغۇنلۇق ئىچىدە ئۆتكەن كۇنلىرىمنى مەن تېخى بۇ ھىچ قانچە ئىش ئەمەسقۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن ئەمدى بىلسەم زىناغا كىردىغان ئىش ئىكەن . مۇشۇنداق سىېرىق بىكەتلەر ھەرخىل ئېلانلارنىڭ مەقسىتى بىزلەرنى خاراپلاشتۇرۇش ئىكەن . ھەي شۇ ئۆتكەن كۇنلۇرۇم ئۆزىمدىن نەپىرەتلىنىمەن .
ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن بىرزات ئەپەندى، رەھمەت سىلىگە.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.بىرزات ھەكىم،قارىسام ئەزالارنىڭ ئىنكاسلىرىنىڭ بىرىگىمۇ جاۋاب قايتۇرماپتىلا.مەن سىلى بىلەن ئالاقىلىشاي دىگەن،ماڭىمۇ ئىنكاس قايتمامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن.بولسا ئېلخەت ئادرىسلىرىنى يوللاپ بەرسىلە بوپتىكەن.مېنىڭ ئېلخەت ئادرىسىم abduraxid@126.comسىلىدىن ياردەم سوراي دىگەن.....
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ! بىر زات ئەپەندىم ، ياخشىمۇ سىز ! سىزدىن بىر مەسلھەت سورسي دىگەن.
يىقىندىن بۇيان بۇيۇن تەرپىمگە ئىككى تال سۆگەل چىقىپ قالدى قانداق قىلسام قۇتۇلالايمەن؟ كىچىك ئانچە بىلىنپ كەتمەيدۇ، تۇۋى ئىنچىكە، ئۇچى سەل يۇغان ئادەتتە دىققەت قىلمىسا بىكنمەيدۇ. مەسىھەت بەرگەن بولسىڭىز. سىزنى ئاۋارە قىلدىم. ئاللاھىم سىزگە بەركەت ھەم رەھمەت قىلغاي!

شۇنداق، مەن بىر ئىنسان ئىدىم بۇ دۇنياغا تۆرەلگىنىمدە. بىراق كېيىنچە تۇرمۇش يولۇمدا بەزى ئىنسانىيلىققا ياتمايدىغان ئىشلار بىلەن ئۆزۈمنى،تېنىمنى، روھىمنى خورلۇققا قويدۇم. قانداقسىگە دېسىڭىز، ئون يىلدىن ئوشۇق ئانانىزىم مېنىڭ ھاياتىمنىڭ ئايرىلماس بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ قاپتۇ. يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بېرى كۈندۈزى بۇ رەزىل ھەرىكەتتىن قول ئۈزۈشكە ئۆزۈمنى كۆندۈردۈم. بىراق ئادەم ئۆزىنىڭ كېچىسىنى كونتىرول قىلىشقا قادىرسىزمۇ ياكى مەندە باشقىچە ئالامەتلەرنىڭ تەسىرىدىنمۇ بىلمىدىم، ئانانىزىمنى كېچىسى چۈشۈمدە قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. بەزىدە تېخى قىلدىممۇ قىلمىدىممۇ گۇمان بىلەن تۇرىمەن. بىراق ئەتىگىنى قوپقىنىمدا ئىشتان سىيرىلغان، بەللەر تالغان بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال يەنە كېلىپ كۈندە يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭغىمۇ بىر-ئىككى ئاي بولۇپ قاپتۇ. مۇساپىر ئوقۇغۇچى بولغان ماڭا بۇ خىل تېز ئۈنۈملۈك بەدەن خورىتىش ھەرىكىتى ئۆز تەسىرىنى خېلى ئوبدانلا كۆرسىتىپ قويدى. مۇھەممەتتۇرسۇن تېۋىپ ئەپەندىم، سىلىدىن مېنىڭ بۇ ئەھۋالىمغا نىسبەتەن ئۆزلىرىنىڭ خالىس مەسلىھەتلىرىنى بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىمكان بولسا تېزراق مەسلىھەت بەرگەن بەرسىلە بوپتىكەن. چۈنكى بىر كۈن ئۆتسە بىر كۈن ئاجىزلاپ مېڭىۋاتقىنىمنى بىلىپ تۇرىمەن. كۆپ رەھمەت ئۆزلىرىگە!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بېرزات ئەپەندى مەن بىر سوئال سوراي دىگەن مەن ھازىر 18 ياش بويۇم 1.63 بۇلتۇرقى ئۆسۈشۈم 10 سانتىمىتىر بولغانتى بۇيىل پەقەت ئۆسمەپتۇ بوينى ئۆستۇرۇش ئۇچۈن قايسى خىلدىكى يىمەك لىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كىرەك مۇشۇ توغرۇلۇق بىرە تىما يوقكەن بولسا مۇشۇنىڭغا بىر تەپسىلىراق قىلىپ بىر جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز سىزدىن كۆپ مەمنۇن بولغان بولاتتىم
ھۇرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم ؛ رەخمەت سىللىگە
پىكىر دەپتىرىنى ئچىۋەتكەن بولسىلا
پىكىر دەپتىرىنى ئچىۋەتكەن بولسىلا
RAHMAT
توۋا-ئۈزۇمنىڭ بۇنچىلىك گۇناھ پاتقىقىغا پېتىپ كەتتكەنلىكىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن ،ئاللاھ ئىگەم تىزراق بۇلاردىن قۇتۇلۇشقا نىسىپ قىلغاي ...ئۈزۈمدىن قاتتىق نەپرەتلىنىپ كەتتىم....
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت !!! ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن !!!! مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان بىر ئىشتىن خەۋەردار قىلىپسىز !!! يىگانە ئاللاھ مۇسۇلمان ياشلىرىمىزنى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇپ كىتىشىدىن ساقلىسۇن !!! ئامىن!!!!!!!
مەن مۇ مۇ شۇ ئشقا كۈنۈپ قالغىلى خېلى يىللار بۇلۇپ قالدى ئۈزەم نڭمۇ ئاجىز لاپ قال غان لىقىم نى ھىس قىلۋتىمەن سىز نىڭچە بۇخىل ئاجز لىق نى دا ۋا لىغىلى بولماس مۇ؟
ئەسسا لامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى
مەن بالاغەت كە يەتكەن دىن تارتىپ ئانالىزىم بىلەن شۇگۇللان گان خازىر18 كە كىردىم مەن خازىر كىلمايمەن مەندە بەل ئاگىرىش ۋە تاشبۇرەك يازدا تەلەش قىشتا توڭلاش ۋە جىنسى ئەزا يىگىلەش ۋە ئۇنۇت قاقلىق ۋە تېز ئاچچىق لاش ۋە پۇت كول ماغدۇر سىزلىنىش ۋە ئۇخلىگاندا شەيتان ئاتلىگاندا مەنى كەلگە ننى بىلمەسلىك ۋە پۇت ئسىماسلىك ۋە شەيتان ئاتلىگاندا خارگىنلىك خىس قىلىش تەك ئالامەتلەر بار بۇنڭىگا دورا ؟ بامىدۇ مىنى جاۋاپ سىز كويمىگايلا ؟

ەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇ ن ،مېنېڭ جېنسې . ئەزايېمگا 4.5تال سۇگال چېكېپ قالگانتې مەن قانداك كېلسام بۇلدۇ بۇنېڭگا دورا بارمېدۇ بۇنېڭ يېسېياتېمغا تەسېرې بارمۇ
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن! سىلىنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن جۇملىدىن ئۇزىنى يۇقۇتۇپ قۇيىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر قىز-ئوغلانلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن تارتقان جاپالىرىنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ ئۈزى بەرسۇن!
مەن ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغىلى 6-7 يىلدەك بولغان مۇشۇ توربەتلىرىنى كۈرۈپ ئۈزۈمنىڭ ھەقىقەتەن ئازغانلىقىمنى ھەم ھالاكەت يۇلىغا مېڭىۋاتقانلىقىمنى ھىس قىلىپ ھازىر قول ئۈزدۇم ! ئاللاھ خالىسا شەيتان ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ بۇ ئىشنى قەتئى قىلماسلىقنى قارار قىلدىم!
مەندىكى مەسىلە: بېشىم بەزىدە ئاغرىيدۇ،تۇلا ئاچچىقىم كىلىدۇ، ئايالىم بىلەن بولسام مەنىي تىز كىتىدۇ،
تاش بۆرەك ۋە بەل سۇغۇق تۇرىدۇ! مۇشۇنىڭغا بۆرەك قۇۋەتلەيدىغان تىبابەت دورىللىرىدىن يىسەم بۇلامدۇ؟ مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا! ئاللا ئەجىرلىرىنى بەرسۇن!

ئىنكاس يوللاش