دۇنيادىكى داڭلىق شارقىراتمىلار Famous Waterfalls of the World


مەندەك سەيلى - ساياھەتكە ئامىراق ئەمما تولىمۇ ھورۇن ئادەمگە دۇنيانى كۆرۈشتە ھازىرچە كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ گۈزەل مەنزىرە، مەشھۇر جايلارنى كۆرۈش ئاران نىسىپ بولغان چېغىۋا. يالغاندىن بولسىمۇ توردا سەيلى-ساياھەت قىلغان بولۇپ ئانچە-مۇنچە ئېنگىلىزچە ئۈگۈنۈپ قالىدىغان گەپكەن. ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە ئادەمگە بەك ياقىدىغىنى سالقىن مەنزىرە ، بولۇپمۇ ئېگىز تاغ چوققىسىدىن ھەيۋەت بىلەن چۈشۈۋاتقان شارقىراتما بولسا كېرەك. شەخسەن ماڭا شۇنداق ھوزۇرلۇق تۇيۇلىدۇ. دۇنيا سىر-ھېكمەتلەرگە تولغان. پۇرسەت بولسا دۇنيانى ساياھەت قىلغۇلۇق، كۆزىمىزنى ئىچىپ مېڭىمىزنى سەگىتىپ قويغۇلۇق ئىكەن. مەن بۈگۈن سالقىندىغاچ ئولتۇرۇپ ۋېكپىدىيە قامۇسى ھەم لۇغەتلەردىن پايدىلىنىپ يۈرۈپ چالا-بۇلا ئېنگىلىزچەم بىلەن دۇنيادىكى داڭلىق شارقىراتمىلارنى بىرەر قۇر كۆرۈپ چىقتىم. مەشھۇر يەر-جاي ناملىرى، داڭلىق شارقىراتما ئىسىملىرىنىڭ تولۇق ئېنگىلىزچە ئاتىلىشىنىمۇ خاتىرلەپ قويدۇم. تونۇشتۇرۇشلارنى قىسقىچە تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. تەپسىلاتىنى كۆرمەكچى بولغانلار مەن تەمىنلىگەن ئېنگىلىزچە تولۇق نامى بىلەن ئىزدەش تور بەتلىرىدىن ئىزدەپ كۆرۈپ باققايسىز. خۇدا نېسىپ قىلسا كىيىنچە ئەمەلىي كۆرۈشكە نىسىپ بولغاندا ئەسقاتار.
_________________ بىرزات

ئەنجىل شارقىراتمىسى (Angel waterfall )






ۋېنېسۇئېلا ( Venezuela ) دىكى كانايما دۆلەتلىك باغچىسى (Canaima National Park ) غا جايلاشقان  بۇ شارقىراتما 979 مېتىر ئېگىزلىكتىن ئاۋيانتېپۇي تاغ (Auyantepui mountain) دىكى قورام تاشلارغا ئۇرۇلۇپ ھەيۋەت بىلەن ئىتىلىپ چۈشىدىغان بولۇپ دۇنيا بويچە ئەڭ ئېگىز شارقىراتما بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ شارقىراتما 1937 يىلى ئامرىكىلىق قارام ئۇچقۇچى James Angel تەرپىدىن بايقالغان بولغاچقا بۇ شارقىراتمىغا ئۇنىڭ ئىسمى قويۇلغان.

ۋېكتورىيە شارقىراتمىسى (victoria waterfall )



   بۇ شارقىراتما  زامبىيە بىلەن  زىمبابۋې چېگرىسىغا جايلاشقان . شارقىراتمىنىڭ كەڭلىكى 1700 مېتىر ، ئېگىزلىكى 108 مېتىر بولۇپ ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شارقىراتما بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . يامغۇر پەسلىدە بۇ شارقىراتمىدىن ھەر مىنۇتىغا 538 مىڭ 20 كۇب مېتىر سۇ تۆۋەنگە ئاقىدۇ . ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان تۇماننى بەزىدە 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىن كۆرگىلى بولىدۇ.

نىئاگارا شارقىراتمىسى (Niagara waterfall)





بۇ شارقىراتما كانادانىڭ  ئونتارىئو بىلەن ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك ئىشتاتى چېگرىسىغا جايلاشقان . گەرچە داڭلىق نىئاگارا شارقىراتمىسىنىڭ ھەجىمى ناھايتى چوڭ بولسىمۇ ، لېكىن شارقىراتمىنىڭ ھەر بىر مىنۇتتىكى ئېقىم مىقدارى پەقەت 169 مىڭ 901 كۇب مېتىر .

جوگ شارقىراتمىسى (Jog Falls)


بۇ ھىندىستاندىكى ئەڭ ئېگىز شارقىراتما بولۇپ ئېگىزلىكى 253 مېتىر . بۇ شارقىراتمىنىڭ ئېقىن مەنبەسى شاراۋاتى دەرياسى (Sharavathi River ) بولۇپ بۇ جاينىڭ ئۆزگىچە گۈزەل مەزىرىسى دۆلەتنىڭ ساياھەت جەلىپكارلىقى (tourist attraction  ) نى يۇقۇرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە موھىم سۇ ئېلىكتىر كۈچىنىڭ مەنبىيى (a major source for Hydro-electric power ) ھېسابلىنىدۇ.

يوسىمايت شارقىراتمىسى (Yosemite Falls )



بۇ شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئېگىز شارقىراتما بولۇپ كالىفورنىيە يوسىمايت دۆلەتلىك باغچىسىغا جايلاشقان. ئېگىزلىكى 425 مېتىر.

ئىگۇازۇ شارقىراتمىسى (Iguazu Falls )

ئارگېنتىنا بىلەن برازىلىيە چېگرىسىغا جايلاشقان بۇ شارقىراتما چوڭ–كىچىكلىكى ھەر خىل بولغان 275 شارقىراتمىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئېقىم مىقدارى ھەر سېكونتىغا 1 مىليون 300 مىڭ لىتىر كېلىدۇ .

تۇگالا شارقىراتمىسى (Tugela Falls )



جەنۇنىي ئافرىقىنىڭ ناتال ئۆلكىسىدىكى تۇگۇلا دەرياسىنى Tugela River نى ئېقىن مەنبەسى قىلغان بولۇپ بۇ شارقىراتمىنىڭ ئېگىزلىكى 947 مېتىر . ۋېنېسۇئېلا ( Venezuela ) دىكى ئەنجىل شارقىراتمىسى (Angel waterfall ) دىن قالسىلا دۇنيا بويچە ئىككىنجى ئېگىز شارقىراتما ھېسابلىنىدۇ.

ۋاقىت چىققاندا يەنە پات-پات <<ساياھەت >> كە چىقىپ تۇرىشىمىز مومكىن. يەنە يېڭى-يېڭى مەشھۇر مەنزىرگاھلار ئۇچراپ قالسا يوللاپ تۇرىمىز.
قېنى سىزمۇ دەپ بېقىڭ، دۇنيادا قانداق گۈزەل تەبىئەت مەزىرگاھلار بار؟



[Birzat بۇنى 2010-07-18 11:37 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: Famous Waterfalls ئىنگىلىزچە مەشىق تەرجىمىلىرىم

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماسەفىيە[2010-07-05 09:59 AM | del]
ھەقىقەتەن سەيلى ساياھەت قىلىش بىر ياخشى ئىش . يۇرتىڭىزدا بولسۇن ياكى باشقا جايلار بولسۇن گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرسىڭىز كۆڭلىڭىز باشقىچە ئېچىلىپ دۇنيانىڭ تۈگىمەس غەم قايغۇلىرىدىن قۇتۇلىسىز.
回复قايتۇرماtanha1[2010-07-04 02:17 PM | del]
رەھمەت مەن ساقلىۋالدىم
回复قايتۇرماkainam[2010-07-04 01:02 AM | del]
مېنىڭ شۇنداق بىر خىيالىم بار . بىر كۈننى تاللاپ كەچ بولاي دېگەندە يامالىق تېغىغا (ئۈرۈمچىدە) چىقىپ ، سائەت 11 لەرگىچە تاغ چوققىسىدىن ئۈرۈمچىنىڭ كەچتىكى ھالىتدىن باشلاپ ، بارا-بارا ئۇيغىغا كىرگەن ھالىتىنى  ،كۈننىڭ پاتقان ھالىتىنى بىر كۆرۈپ باقاي دەيمەن . بۇ شەھەرنىڭ كىچىلىك مەنزىرسىنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىلىپ باققىم بار . ئاندىن ئەتىسى كۈن چىقىشتىن بۇرۇن يەنە چىقىپ كۈن چىققان ۋە شەھەرنىڭ ئالدىراش ھالىتىگە ئۆتكىنىنى بىر كۆرگەچ ، بۇ شەھەرنىڭ ئالدىراشلىق قاينىمىدىن بىر كۈن قۇتۇلۇپ باققىم بار .  جان باقماقنىڭ تەسلىكىدە ھىچ ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ دېسە ...
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-07-04 03:48 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
شۇ، تېرىكچىلىك ھەلەكچىلىكىدە ئەتراپىمىزدىكى ھوزۇرلىنىشقا تېگىشلىك مەنزىرلەردىنمۇ ھوزۇرلىنايماي قالىدىكەنمىز
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.