ئاياللار نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتچان كېلىدۇ ؟ [قىز-چوكانلار]



ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئامېرىكىدا غەمكىنلىكنىڭ دەردىنى تارتىپ كېلىۋاتقان قۇرامىغا يەتكەنلەر 19 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاياللار ئىكەن. تۇغما غەمكىنلىك ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا ئېغىر بولىدىكەن، ئاياللار بىر ئىشنى ئىچىگە بەك ئېلىپ كېتىپ، ھەر قانداق ئىشنىڭ يامان تەرىپىنى بەكرەك ئويلاپ غەمكىن، گۇمانخور بولۇپ قالىدىكەن. ئاياللاردا بۇنداق خاراكتېرنىڭ يېتىلىپ قېلىشىدا ئۇلاردىكى فىزىئولوگىيىلىك ئالامەت ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىكەن. ئۇلاردا ئەندىشە كۆرۈلگەندە، چوڭ مېڭىسىنىڭ ھېسسىياتنى باشقۇرىدىغان قىسمى ئانچە ئىشلىمەي، تىل ۋە ئابىستراكت تەپەككۇر قىلىشنى باشقۇرىدىغان قىسمى جانلىنىپ كېتىدىكەن. چوڭ مېڭىسى ھېسسىياتىنىڭ پەرقىنى ئانچە پەرق ئېتەلمەيدىكەن. چوڭ مېڭىسى ھېسسىياتىغا ھۆكۈم قىلالمىغاندا، غەمكىنلىك تېشىغا تېپىپ، ئىچكى ئەزالىرىدا غىدىقلىنىش خاراكتېرلىك قوشۇمچە ئىنكاس كۆرۈلىدىكەن، يەنى ئىچكى ئەزالىرى ئۆزلۈكىدىن جىددىيلىشىشكە باشلاپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۈچىيىنىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچارلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، غەمكىنلىكى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدىكەن. مۇشۇنداق ئەھۋال قايتىلىنىۋەرسە، ئاياللارنىڭ غەمكىنلىكى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدىكەن. پسىخولوگلار ئاياللاردىكى غەمكىنلىكنى تۈگىتىشنىڭ مۇنداق ئىككى ئامالىنى تونۇشتۇردى: بىرىنچى، كۈندىلىك خاتىرە تۇتۇش. ئاياللار ئۆزى غەم قىلىۋاتقان ئىشلارنى ھەر كۈنى خاتىرە دەپتىرىگە يېزىپ قويۇپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يېزىپ قويغانلىرىنى ئوقۇپ كۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن – دە، غەمدىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن. ئىككىنچى، روھىي كەيپىياتىنى تەڭشەپ، ئۇتۇق ۋە مەغلۇبىيەتنى چوڭ بىلمەي، ئەندىشىگە سالغان مەسىلىنىڭ ھازىرقى نەتىجىسىنى كۆرۈپ، ۋەسۋەسىدىن نېرى تۇرۇپ، كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنۈشىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى



[Birzat بۇنى 2010-07-04 04:09 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئاياللار ھېسسيات

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماmggmt[2010-07-26 01:45 PM | del]
مەزى بېزى كېسلى
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.