سېرىق شەھۋانىي بويۇم ۋە شەھۋانىي موھىتنىڭ ياشلارغا قانداق زېيىنى بار؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 80خالتا بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى، ياشلارنىڭ دوستى بىرزات ئەپەندىم ، بۇ بلوگدا سېرىق مەزمۇن ھەم شۇنداق كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىگى ھەققىدە كۆپ مەزمۇنلار بار ئىكەن. سوراپ باقسام سىرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆپ كۆرۈشنىڭ زادى قانداق زىيىنى بار؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز؟!!!

جاۋاپ: ئىلگىركى مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا بايان ئەتكىنىمىزدەك سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆپ كۆرۈش ھەم شۇ خىل موھىتتا ئۇزۇن ۋاقىت ياشاش ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام تەن، ساغلام پىسخىك ساپا بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئاز بولمىغان سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بالاغەتكە يەتكەندىن كىيىن ئۇزۇن ۋاقىت <<سېرىق>> موھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا ھەتتا سېرىق مەزمۇندىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈشكە خۇمار بولۇپ قىلىش دەرىجىسىگە بىرىپ يەتسە رېئال تۇرمۇشتا جىنسىي شەھۋەت سۇس بولۇش (ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولماسلىق ) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈرەك ، مېڭە، بۆرەك قاتارلىق ئاساسلىق ئەزالارنى ئاجىزلىتىدۇ. چىرايىنى سېرىق، نۇرسىز قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا ئانانىزىمغا ئوخشاش ياشلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيانلىق بولغان يامان ئادەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. پىسخىك جەھەتتە ئىرادىسىز، كەيپىياتى بوشاڭ، چۈشكۈن قاتارلىق پاسسىپ كەيپىياتلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەسلىدە 60 ياشتىن ئاشقان ئەرلەردە يۈز بىرىدىغان مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ بارغانسىرى ياشلىشىپ 15-16 ياشتىكى ئۆسمۈرلەردىن باشلاپ كۆرۈلىشى ھەم مەزى بېزى ياللۇقى، جىنسىي ئاجىزلىق دېگەندەك تېمىلارنىڭ جەمئىيەتتە قىززىق نۇقتا بولۇپ قىلىشىنىڭ بىر تەرپىدە مانا شۇ سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆپ كۆرۈش ، سېرىق موھىتتا يۈرۈشلەر تۇرۇپتۇ. بالاغەتكە يەتكەن ھەر قانداق بىر ئەركەك زاتىدا شەھۋەت قوزغالغان ۋاقىتتا نېرىپلار جىددىي ھالەتكە ئۆتۈپ ئەرلىك ئەزالارغا قان تولىدۇ، مەنى خالتىسى ئىتىپ چىقىرىشقا تەييار بولۇپ مەنى ئاقىدىغان ئىرىقچىلار تولىدۇ. شەھۋەت بىسىققاندىن كىيىن ئارقىغا يانىدۇ. سېرىق مەزمۇندىكى كۆرۈنۈشلەر ۋە سېرىق موھىت - قىزلار بىلەن تولا قول تۇتۇشۇش، سۆيۈشۈش، سېلىشىش ، ئىشقى-مۇھەببەت پاراڭلىرىنى قىلىشىش دېگەندەك ئىشلار سەۋەبىدىن يۇقۇردا ئېيتىلغان ئەرلىك ئەزالارغا قان تولۇش يەنە بوشاش ئەھۋاللىرى تەكرار داۋام قىلغاندا دوۋساق، ئۇرۇقدان چىڭقىلىپ، بىئارام بولۇپ بەزى بىر بىنۇرماللىقلار كۆرىلىدۇ. ئېغىرلىرىدا مەزى بېزى، ئۇرۇقدان ياللۇغلىنىش، مەنى ئېقىپ كېتىش دېگەندەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلىشى مومكىن.
شۇڭا مەملىكىتىمىزدە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ توردا ھەم پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا سېرىق-شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرگە قارشى تازىلاش ھەركەتلىرى پات-پات بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ.
تور بېتىمىزدە <<سېرىق مەزمۇن ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ھامىلە بولىشى>> دېگەن تېمىمۇ يوللانغان. كۆرۈپ باقايسىز! تامام
_______ بىرزات

[Birzat بۇنى 2010-10-16 11:45 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: سېرىق شەھۋانىي

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 11 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماJ7X[2012-02-24 06:06 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەن ھېلىقى مەينەت نىجىس ئىشقا ئاداتلىنىپ قالغىلى خېلى ئۇزاق بولدى2يىلدىن ئاشتى
ھەر قىتىم شۇ ئىشنى قىلغىنىمدا ئەمدى قىلسام ئاتىدىن باشلاپ قەتئى قىلمايمەن دەپ قەسەم قىلغاندەك ئۆزۈمدىن ئۆزۈمگە دەيمەن ، لىكىن يەنىلا كۆنگەن خۇيۇمنىى ئۇزگەرتەلمىدىم كۆنۇپقاپتىمەن
مەندىكى كىسەللىك ئالامەتلەر:شۇ ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن جىنسى ئەزايىم بەكلا كىچىكلەپ كىتىدۇ .
پۇتۇن بەدىنىم بوشاپ كىتىدۇ.
شۇ ئىشنى قىلىپ بولغاندىن خىلى ئۇزۇن ۋاقىتتىن كىيىن .بىلىم بەكلا سوغوق بىلىم تالغاندەك ئاغرىدۇ
چىرايىم  بەكلا ھارغىن ئولتۇرغان يەردىنئاستا قوپساممۇ بىشىم قايدۇ.كۆزۇم قاراڭغۇلىشىدۇ
تىلھۇزۇردا ياكى ياسىنىشى يىرىم يالڭاچتەك كۆزگەچىلىقىدىغان قىزئاياللانى كۆرسەم جىنسى ئەزايىمدىن بىرخىل توخۇنىڭ  خام تۇخۇمدىن چىقىدىغان ئاق سۇدەك سۇيۇقلۇق چىقىدۇ.لىكىن بەك ئازچىقىدۇ
سوئالىم :قانداق قىلسام شۇ قىلىقىمنى تاشلايمەن ؟دورائچمىسەممۇ خۇي مۇجەزىمنى تاشلىيالامدىمەن؟
مۇشۇ ئاغرىق ئاسارەتلىرىنى قانداق قىلسام ئەڭ تىز كىيىن قايتا قۇزغالمايدىغان قىلغىلى بولىدۇ
لىكىن نورمال جىنسىي تۇرمۇشۇمغا تەسىر بولماسلىقى كىرەك
回复قايتۇرماotkurxh[2012-02-22 10:02 PM | del]
نەقىل مەنبەسى xirali نەقىل مەنبەسى xirali
.   ئەسساللامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم ياخشىمۇسىز؟ تورداشلار نامىدىن سىزگە سالام يوللايمەن .
    ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك : مەن بۇ يىل 25 ياشقا كىردىم تىخى توي قىلمىدىم .
مەندە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار بار .
    قىز دوستۇم بىلەن تىلفۇندا پاراڭلاشسام ياكى يۈز تۇرانە كۆرۈشسەم ئەرلىك ئەزاسىمنىڭ ئۇچى نەملىشىپ قالىدىغان ئەھۋال بار لىكىن باشقا قىز ساۋاقداشلىرىم بىلەن كۆرۈشسەم ئۇنداق بولمايدۇ .بۇ خىل ئەھۋال ماڭا ناھايىتى كۆپ روھى بىسىم ئىلىپ كەلدى. داۋاملىق بۇخىل ئەھۋال يۈز بەرسە ناماز ئوقۇشقا ئىغىر توسالغۇ بولىدىكەن . شۇ سەۋەپلىك قىز دوستۇم بىلەن تىلفۇندا پاراڭلىشىش ياكى يۇزتۇرانە كۆرۈشۈشكە خوش ياقمايدۇ.شۇڭا مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىلفۇن قىلمىغاندىكىن ئىككىمىز ئاسانلا ئۇرۇشۇپ قىلىۋاتىمىز. ئەمما ئۆزۈمنى تىڭشاپ باقسام ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن .پەقەتلا ئايرىلىپ قالغىم بوق. قانداق قىلسام بۇخىل روھى بىسىمدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلالايمەن ئىغىر كۆرمەي پىسخىك  مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز. ئاللاھ تائالا مەرتىۋىڭىزنى تىخىمۇ يۇقىرى قىلغاي ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !  
回复قايتۇرماxirali[2012-01-27 04:06 PM | del]

回复قايتۇرماyasanjan[2011-01-24 04:19 PM | del]
ئاسسالامۇئەلەيكۇم دۇستۇم مىنىڭ ئانامنىئڭ ئاۋازى  پۇتۇپ كالەگىلى 1يىل بولدى بۇنۇڭ غاا ياخشىراق دور تىپىلار مۇ خاپا  بولماي  ماسلىيە تىەىزنى ئايمغايسىز  ئاللاغا ئامانەت
回复قايتۇرماpak[2010-09-19 07:03 PM | del]
ھۆرمەتلىك بىرزات ھەكىم ياخشىمۇسىز؟ مەن تورغا ئانچە كۆپ چىقمىغاچقا يېقىندا بۇ تور بېتىنى كۆردۈم. ئاساسلىق سورىماقچى بولغىنىم: مەن توي قىلغىلى 4يىل بولدى، ۋە بىر بالامۇ بار، بۇ يىل 27ياشقا كىردىم .مەن ئۆزەمدىكى جىنسىي ئەھۋالىم توغرىسىدا سىزدىن مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم، توي قىلغىلى گەرچە 4 يىل بولغان بولسىمۇ  تا ھازىرغىچە يولدۇشۇم بىلەن بىللە بولسام ئازراقمۇ ھېسىياتىم كەلمەيدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن بۇنى پەقەت بىلەلمىدىم ، ئۆزەمدە بىر روھىي بېسىم بار،بۇ جىنسىي كىسەلگە كىرەمدۇ ،سىزدىن سوراپ باقاي دىگەن ئىدىم.
回复قايتۇرماULSAL[2010-07-23 03:13 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ سالامەتمۇسىز ؟ ئىسمىم ئەلى . بۈگۈن چۇشتۈن بۇرۇن سىزگە تەلفۇن قىلغان . ھەمدە سىزدە داۋالىنىشنى ئويلاشقانلىقىمنى ئېيىتقان ئىدىم . ئالدى بىلەن سىزدە داۋالىنىش ۋە دىئاگۇنۇز قۇيۇشىڭىزغا پايدىلىق پايدىلىق بولسۇن  ئۈچۈن مىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىمدن خەۋەردار قىلاي . يۇرتىمىز قەشقەردىن ئايرىلىپ گۇۋاڭجۇغا كىلىپ ئىشلىگىلى ئۈچ ئايدىن ئاشتى . بىزنىڭ ناھيەدىن بىر تۇتاش 46 ئادەم كەلگەن . بۇ ئاي بىر يىللىق توختام تۇزدۇق . شۇنۇڭ ئۈچۈن يەنە بىر يىلغىچە يۇرۇتقا قايتالمايمەن .  سىزنى بىلوگىڭىز ئارقىلىق تۇنۇغىلى ئاز كەم ئىككى يىلدىن ئېشپتۇ .
ئەمدى ئاساسى مەخسەتكە كەلسەك . يېشىم 29 ياش .توي قىلىپ بىر بالىلىق بولغان ، قىسمەن سەۋەپلەر تۇپەيلى ئايرىلغىلى ئىكى يىل بولدى . بوي ئىگزلىكىم 1.67 سانتىمىتىر. بەدەن ئېغىرلىقىم 50 كىلوگىرام . (ئۇچ يىل بۇرۇن 58 كىلو ئىدى)  كۇرۇنەرلىك باشقا كىسەللىك ئالامىتىم يوق .. ئاغرىقنى يۇشۇرساڭ ئۈلۈم ئاشكارە .. . كىچىك ۋاختىمىزدا مەھەللىمىزدىكى يېشى چوڭ باللاردىن ئانانىزىمدىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ئۇگۇنۇپ قالدىم . ۋە كوپ مەزگىل ئۈزمەي داۋاملاشتۇردۇم . كىيىن بۇ ئىشنىڭ خاتالىقىنى بىلگەندىن كىيىن قول ئۈزدۇم . توي قىلدىم بالىىلىق بولدۇم . جىنسى ئىقتىدار جەھەتتە باشتا ھىس قىلمىغان كىيىنچە جىنسى ئىقتىدارىمنىڭ كۈندىن كۈنگە ئاجىزلىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم . ئەمدى ھازىرقى كۇرۇنەرلىك ئالامەتلېرگە كەلسەك . بەدىنىم زىيادە ئۇرۇقلاپ كەتتى خېلى كوپلا ئۇزۇمنىڭ بەدىنىمدىن خىجىل بۇلۇپمۇ قالىمەن  . تاماقنى باشقىلار بىلەن ئوخشاش يەيمەن بولمىسا . جىنسى ئەزايىم كۇرۇنېرلىك  كىچىگلەپ قالدى .  جىنسى ئىقتىدارىم ئاجز . يۇز تىرەم بۇرۇنقىدەك نۇرلۇق ئەمەس.
يىغىنچاقلاپ كەلسىەك .
1. زىيادە ئۇرۇقلاش .زىيادە ئۇرۇقلاش.زىيادە ئۇرۇقلاش
2.جىنسى ئەزا يىگىلەش
3.جنسى ئىقتىدار ئاجزلىشىش
4.ئىشتىھاسىزلىق
5.ئۇنتۇغاقلىق
قاتارلىقلار
مىنىڭ ئويلايدىغانلىرىم ،
1. بەدىنىمنىڭ سەمرىشى
2.جنسى ئەزايىمنىڭ ئەسلىدىكىدەك بۇلىشى
3.جىنسى ئىقتىدارمنىڭ ئەسلىگە كىلىشى
ۋە باشقىلار

ئەمدى سىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنىم . بىر ئككى قۇتا دۇرا سېتىۋېلىش ئەمەس بەلكى مۇكەممەل مۇنتىزىم سىستىمىلىق داۋالىنىش . سىز كىسەللىك ئەھۋالىمغا قارتا  دىئاگۇنۇز قۇيۇپ داۋالاش پىلانى تۇزسىڭز . ۋە  مەن يەيدىغان سېتىۋالىدىغان دۇرىلارنى ياساپ تۇزۇپ ئەۋەتىپ بەرسىڭز. ئالدى بىلەن سىز مەن يىيىشىم ۋە قوللۇنۇشۇم كىرەك بولغان دۇرىلارنىڭ تىزىملىكى باھاسى . تۇتۇلىدىغان پەرھىزلېرنى ئنكاس ئاستىغا يوللاپ بەرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ . ياكى ئەمايىل ئادىرىسىمغا يوللاپ بەرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. مەندىن يەنە سوراپ بىلىشكە تىگشلىك مەسللەر بولسا سورىسىڭىز بۇلىدۇ . دۇرىلارنى مۇستافا بۇلامدۇ ۋە ياكى باشقا تىز پوچتا شىركەتلىرىدىن بولسىمۇ بۇلىدۇ .ئادىرىسىمغا ئەۋەتىپ بىرىسىز . پۇلىنى دۇرا تەييار قىلىشتىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بىرىمەن ئەلۋەتتە.
回复قايتۇرماULSAL[2010-07-23 03:04 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ سالامەتمۇسىز ؟ ئىسمىم ئەلى . بۈگۈن چۇشتۈن بۇرۇن سىزگە تەلفۇن قىلغان . ھەمدە سىزدە داۋالىنىشنى ئويلاشقانلىقىمنى ئېيىتقان ئىدىم . ئالدى بىلەن سىزدە داۋالىنىش ۋە دىئاگۇنۇز قۇيۇشىڭىزغا پايدىلىق پايدىلىق بولسۇن  ئۈچۈن مىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىمدن خەۋەردار قىلاي . يۇرتىمىز قەشقەردىن ئايرىلىپ گۇۋاڭجۇغا كىلىپ ئىشلىگىلى ئۈچ ئايدىن ئاشتى . بىزنىڭ ناھيەدىن بىر تۇتاش 46 ئادەم كەلگەن . بۇ ئاي بىر يىللىق توشتام تۇزدۇق . شۇنۇڭ ئۈچۈن يەنە بىر يىلغىچە يۇرۇتقا قايتالمايمەن .  سىزنى بىلوگىڭىز ئارقىلىق تۇنۇغىلى ئاز كەم ئىككى يىلدىن ئېشپتۇ .
ئەمدى ئاساسى مەخسەتكە كەلسەك . يېشىم 29 ياش .توي قىلىپ بىر بالىلىق بولغان ، قىسمەن سەۋەپلەر تۇپەيلى ئايرىلغىلى ئىكى يىل بولدى . بوي ئىگزلىكىم 1.67 سانتىمىتىر. بەدەن ئېغىرلىقىم 50 كىلوگىرام . (ئۇچ يىل بۇرۇن 58 كىلو ئىدى)  كۇرۇنەرلىك باشقا كىسەللىك ئالامىتىم يوق .. ئاغرىقنى يۇشۇرساڭ ئۈلۈم ئاشكارە .. . كىچىك ۋاختىمىزدا مەھەللىمىزدىكى يېشى چوڭ باللاردىن ئانانىزىمدىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ئۇگۇنۇپ قالدىم . ۋە كوپ مەزگىل ئۈزمەي داۋاملاشتۇردۇم . كىيىن بۇ ئىشنىڭ خاتالىقىنى بىلگەندىن كىيىن قول ئۈزدۇم . توي قىلدىم بالىىلىق بولدۇم . جىنسى ئىقتىدار جەھەتتە باشتا ھىس قىلمىغان كىيىنچە جىنسى ئىقتىدارىمنىڭ كۈندىن كۈنگە ئاجىزلىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم . ئەمدى ھازىرقى كۇرۇنەرلىك ئالامەتلېرگە كەلسەك . بەدىنىم زىيادە ئۇرۇقلاپ كەتتى خېلى كوپلا ئۇزۇمنىڭ بەدىنىمدىن خىجىل بۇلۇپمۇ قالىمەن  . تاماقنى باشقىلار بىلەن ئوخشاش يەيمەن بولمىسا . جىنسى ئەزايىم كۇرۇنېرلىك  كىچىگلەپ قالدى .  جىنسى ئىقتىدارىم ئاجز . يۇز تىرەم بۇرۇنقىدەك نۇرلۇق ئەمەس.
يىغىنچاقلاپ كەلسىەك .
1. زىيادە ئۇرۇقلاش .زىيادە ئۇرۇقلاش.زىيادە ئۇرۇقلاش
2.جىنسى ئەزا يىگىلەش
3.جنسى ئىقتىدار ئاجزلىشىش
4.ئىشتىھاسىزلىق
5.ئۇنتۇغاقلىق
قاتارلىقلار
مىنىڭ ئويلايدىغانلىرىم ،
1. بەدىنىمنىڭ سەمرىشى
2.جنسى ئەزايىمنىڭ ئەسلىدىكىدەك بۇلىشى
3.جىنسى ئىقتىدارمنىڭ ئەسلىگە كىلىشى
ۋە باشقىلار

ئەمدى سىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنىم . بىر ئككى قۇتا دۇرا سېتىۋېلىش ئەمەس بەلكى مۇكەممەل مۇنتىزىم سىستىمىلىق داۋالىنىش . سىز كىسەللىك ئەھۋالىمغا قارتا  دىئاگۇنۇز قۇيۇپ داۋالاش پىلانى تۇزسىڭز . ۋە  مەن يەيدىغان سېتىۋالىدىغان دۇرىلارنى ياساپ تۇزۇپ ئەۋەتىپ بەرسىڭز. ئالدى بىلەن سىز مەن يىيىشىم ۋە قوللۇنۇشۇم كىرەك بولغان دۇرىلارنىڭ تىزىملىكى باھاسى . تۇتۇلىدىغان پەرھىزلېرنى ئنكاس ئاستىغا يوللاپ بەرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ . ياكى ئەمايىل ئادىرىسىمغا يوللاپ بەرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. مەندىن يەنە سوراپ بىلىشكە تىگشلىك مەسللەر بولسا سورىسىڭىز بۇلىدۇ . دۇرىلارنى مۇستافا بۇلامدۇ ۋە ياكى باشقا تىز پوچتا شىركەتلىرىدىن بولسىمۇ بۇلىدۇ .ئادىرىسىمغا ئەۋەتىپ بىرىسىز . پۇلىنى دۇرا تەييار قىلىشتىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بىرىمەن ئەلۋەتتە.
回复قايتۇرماkamil[2010-07-23 02:52 AM | del]
ھۆرمەتلىك بىرزات ھەكىم ياخشىمۇسىز؟ مەنمۇ تورغا ئانچە كۆپ چىقمىغاچقا ھەم بىلمىگەچكە تېما يوللايدىغان ئورۇننى تاپالماي مۇشۇ ئورۇنغىلا يازدىم..  سىز دىن سورايدىغان بىر سوئالىم باتتى ،مەن بۇيىل 23ياشقا كىردىم يۇرتۇم خوتەندىن ،تەن سالاماتلىكىم ئاللا خالىسا ياخشى دىسەممۇ بولىدۇ،؛لېكىن مىنىڭ ئىككى قولتۇقۇم تەرلەيدۇ ،قىشمۇياز شۇنداق لېكىم پۇرىمايدۇ ،جۆمەكتىن سۇ ئېقىپ قالغاندەك ،ئۆتكەن يىلى بىر تەرپنى ئوپىراتسىيە قىلدۇرغان ئۈنىمغۇ ياخشى لېكىم ئوپراتسىيا قىلدۇرسا 10نەچچە يىپ كىسىدىكەن 15~20كۈن بەك ئازاپلىك ،بۇ كىسەلنى تەلتۈكۈس داۋالاشقا ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئامال بامىدۇ ئەگەر ئامال بولسا نەچچىلىك چىقىم كەتسە مەيلىتى ،ئۆزلىرىنى ئېغىر كۆرمەي سوئالىمغا جاۋاپ قايتىرىشلىرىنى چىن دىلىمدىن ئۈمد قىلىمەن ،      
回复قايتۇرماbowak[2010-07-22 01:41 PM | del]
يا تەۋبە، قەيەردىن چىقتى ئەمدى بۇنداق *** سىلىشتۇرۇشلار؟!! بىر-بىرسى بىلەن سىلىشتۇرۇش، بىر-بىرسىنىڭكىگە قاراش قانداقمۇ ئەقىلگە سىغىدىكىنە، نۇرمال ئەركەكلەر شۇنداق قىلالامدىكىنە، زادى ھايا، ئەقىدە -ئىتقاد سۇسلاشقان كىشىلەرنىڭ ھالى تەسكەن. باشقىلارنىڭكىنى ماراپ يۈرۈپ كۆرۈپ ئۆزىگە بىر تاغار روھىي بېسىم، كېسەللىك تېپىۋالىدىكەن.
回复قايتۇرماdilsiri[2010-07-22 02:03 AM | del]
ھۆرمەتلىك بىرزات ھەكىم ياخشىمۇسىز؟   تىمىغا ئۇرۇقدان خالتىلىشىۋالدىغان  ۋە  ئۇرۇقدانغا  تەۋە  تىمىلانى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-07-22 01:18 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
بولىدۇ، مەن ۋاقىت چىقىرىپ يوللاپ قوياي.
回复قايتۇرماarkak[2010-07-22 01:25 AM | del]
ھۆرمەتلىك بىرزات ھەكىم ياخشىمۇسىز؟ مەن تورغا ئانچە كۆپ چىقمىغاچقا ھەم بىلمىگەچكە تېما يوللايدىغان ئورۇننى تاپالماي مۇشۇ ئورۇنغىلا يازدىم..
ئاساسلىق سورىماقچى بولغىنىم...مەن بۇيىل 25ياشقا كىردىم توي قىلغىلى 2 يېرىم ئاي بولۇپ قالدى،مەندە جىنسى  ئالامەت،ئىقتىدار ئاساسەن نورمال دېيەرلىك،ئايالىممۇ مەندىن ئاساسىي جەھەتتىن رازى دېسەممۇ بولىدۇ...لېكىن مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلىشىمچە مېنىڭ جىنسي ئەزايىم سەل ئىنچىكە ھەم سەل قىسقىدەك ھېس قلىمەن..نورمال چاغدىكى ئۇزۇنلىقى 10-12سانتىمېتىر ئەتراپىدا.توملۇقى تەخمىنەن2.5سانتىمېتىر ئەتراپىدا ،،،،،،،،بولغاندىكى ئۇزۇنلىقى 15،توملۇقى 3سانتىمېتىر ئەتراپىدا....بۇ نورمالمۇ؟ئشقىلىپ دوستلۇرۇم ئارىسىدا مېنىڭ بىر قەدەر كىچىكتەك ھېس قىلىمەن.....
ناۋادا مەن ئەزايىمنى سەل ئۇزۇن ھەم توم قىلماقچى بولسام قانداق سەۋەب قىلسام ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ھەم تېز بولىدۇ؟
رەھمەت ئۇلۇغ ئاللاھ قولىڭىزنى تېخىمۇ شىپالىق قىلغاي!
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-07-22 01:32 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
جىنسىي مۇناسىۋەتتە نۇرمال بولۇپ تۇرۇپ يەنە زەكەرنى كىچىك ھېس قىلىش شۇ كىشىدىكى پىسخىك مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى باشقىلارنىڭكى بىلەن سىلىشتۇرۇش، سېرىق مەزمۇندىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ سىلىشتۇرۇشلاردىن كىلىپ چىققان پىسخىك مەسىلىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. جىنسىيەت ساھەسىدىكى خەنزۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ قاراشلىرىغا قارىغاندا زەكەرنىڭ ئۇزۇنلىقى 10~ 12 سانتېمىتىر بولسا نۇرمال ھېسابلىنىدىكەن.
يەنە بىر ئىشنى تەكىتلەپ قوياي: مۇشۇ سۇئالنىڭ سورىلىشىمۇ ئەنە شۇ شەھۋانىي سېرىق مەزمۇندىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەننىڭ زېيىنى دېيىشكە بولىدۇ. زەكىرىنى قىسقا ھېس قىلىدىغانلارنىڭ كۆپۈنچىسى دوستلىرى بىلەن ئوپچە مۇنچىغا چۈشۈش، بىر-بىرنىڭكىنى كۆز-كۆز قىلىشىش، ياۋرو-ئامرېكانلارنىڭ سېرىق ۋېدىئولىرىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ روھىي بىسىمغا دۇچ كەلگەنلەردۇر.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.