مەقەتكە زىيانلىق ئامىللار ۋە ئۇنى ئاسىراش چارىلىرى


مەقئەت ئارقا چىقىش يولى كۆتەن ئۈچەينىڭ سىرتىغا چىقىرىش ئاغزى بولۇپ،كۆتەن ئۈچەي(تۈز ئۈچەي)نىڭ سوڭغىچە بولغان قىسىمى2~3 سانتېمېتىر كېلىدۇ.
مەقئەت مۇسكۇل، ئەسەب، شىللىق پەردە، قان تومۇر ۋە پەيلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، مەقئەتنى كۆتۈرگۈچى مۇسكۇل،مەقئەت پۈرمە مۇسكۇللىرىنىڭ خىزمىتى ناھايىتى مۇھىم.كۆتەن ئۈچەي ۋە مەقئەت شىللىق پەردىسىدە ئۇششاق ئارتېرىيە ۋە ۋېنالار ناھايىتى مول.
مەقئەتنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ،ئاساسلىق خىزمىتى:ئورگانىزىمنىڭ ماددا ئالمىشىش مەھسۇلاتلىرى ۋە بەدەنگە سۈمۈرۈلۈش سالاھىتى بولمىغان كېرەكسىز ماددىلارنىڭ قۇۋۋىتى دافىئە(ھەيدەپ چىقىرىش)نىڭ ياردىمى بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىش يولى ھېسابلىنىدۇ.
مەقئەتكە زىيانلىق ئامىللار
1. مەقئەت تازلىقىغا دىققەت قىلماسلىق ئادەتتە يۈز بېرىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىچ كېيىملەرنىڭ تازلىقى ناچار بولسا كېسەللىك مىكروبلىرى ئاسانلا مەقئەتكە كىرىپ، ھەرخىل يۇقۇملىنىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تەرەتتىن كىيىن پاكىز سۈرتمەسلىك ئوخشاشلا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە دائىم ئاچچىق غىدىقلىغۇچى كۆپ ئىستېمال قىلىش مەسىلەن:لازا-ئاچچىقسۇ،سامساق قاتارلىقلار، بۇلار ئۆزىنىڭ غىدىقلاش تەسىرى بىلەن مەقئەتتىكى نېرۋىلارنى غىدىقلاپ، ھەرخىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ئىچ كىيىملەتنىڭ سۈنئى تالالىق بولۇشى مەقئەتكە زىيانلىق.
4. دائىم ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش، ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۈچىنىش، تولغاق، يۇقىرى ئاۋازدا چىڭقىلىپ گەپ قىلىش قاتارلىقلار مەقئەتتىكى تۇتقۇچى مۇسكۇللارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، مەقئەت چىقىپ قېلىشقا ئوخشاش كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. دائىم چوڭ تەرەت قىستاپ ۋاقتىدا چىقىرىش خىزمىتىنى بىجىرمىگەندە ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قىلىپ، مەقئەتكە بىسىم چۈشۈپ قالىدۇ.

مەقئەتنى ئاسراش تەدبىرلىرى

1. مەقئەتنىڭ تازلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، تەرەتتىن كېيىن ئامال بار مەقئەتنى يۇيۇش، ئىچ كىيىملەرنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ، تازلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، پاختا رەختتىن تىكىلگەن كېيىملەرنى تاللاپ كىيىش.
2.يېمەكلىك جەھەتتە ھاراق، لازا، سامساقتىن قەتئىي پەرھىز تۇتۇپ،مەقئەت، ئۈچەي يوللىرىنى راۋانلاشتۇرىدىغان مېۋە-چېۋە ۋە يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىش.مەسىلەن: چامغۇر، سەۋزە، ئالما،پالەك،ھەسەل،بادام مېغىزى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش لازىم.
3سۇنى كۆپرەك ئىچىپ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
4. زىيادە چىڭقىلىشتىن،ئېغىر ئەمگەكتىن ساقلىنىپ، مەقئەت چۇقۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
5.بالىلاردا كۆرۈلىدىغان كۆپ يىغلاش، ئىچى سۈرۈش،كۆكيۆتەل قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا داۋالاش لازىم.
يۇقىرقى كېسەللىكلەر مەقئەتتىكى تۇتقۇچى مۇسكۇللارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، مەقئەت چوقۇقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6، كىچىك بالىلاردىكى مەقئەتنى قالايمىقان قاشلاشتەك ئادەتنى ۋاقتىدا تۈگتىش لازىم.
7. كىچىك بالىلارغا ئېغى يوق ئىشتاننى كەيدۈرمەسلىك لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا سوغۇق مۇھىت بىلەن كۆپ ئۇچرىشىۋەرگەنلىكتىن سوغۇقتىن بولغان كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
8. ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار پات-پات ئۆرە تۇرۇپ بېرىش لازىم. ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرغاندا مەقئەتكە چۈشىدىغان بىسىم ئېغىرلاپ كېتىدۇ.
9.تەبئەت جەھەتتە ھۆل سوغۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. چۈنكى بۇنداق يېمەكلىكلەر مەقئەتنىڭ قۇۋۋىتى دافىئەسى(تۇتۇش قۇۋۋىتى)گە تەسىر كۆرسىتىپ، مۇسكۇللارنىڭ بوشاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تۆۋەندىكى دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق مەقئەتنى ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ
1.تۆگە لوكىسىنىڭ يېغى،كالىنىڭ ياكى ئۆردەك مىيى،ئاق مۇم قاتارلىقلاردا يەرلىك ئورۇننى سىرتىدىن ياغلاپ بەرسە، مەقئەتنى ئاسراش ماقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ
2. تۇخۇم ئېقىغا قىزىل گۈل مېيىدىن مۇۋاپىق ئارلاشتۇرۇپ چاپسا، مەقئەت ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
3.قوي ئۆتى،كالا ئۆتى ۋە پىياز سۈيىنى بىرلەشتۈرۈپ پاختىغا سۈركەپ سوڭىغا قويۇپ بەرسە، بوۋاسىرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4.قوينىڭ يېڭى قايمىقىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سوغىگۈل بىلەن مەلھەم قىلىپ مەقئەتكە چاپسا، بوۋاسىر قاتارلىق مەقئەت كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
پايدىلانغان ماتېريال: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسراش



يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماtakazza[2010-07-24 04:23 PM | del]
مىنىڭ مەقئەت يولىمدىن بىر ئايدىن ئارتۇقراق بولدى،چوڭ تەرەت قىلغاندا تەرەتكە ئارىلاش قان كىلىدىغان بۇلۇپ قالدى ،تازلىق قەغىزىگىمۇ ناھايىتى ئاز مىقتاردا قان يۇقۇمدىسى چىقىپ قالىدۇ .بۇ گېموروينىڭ ئىپادىسىمۇ قانداق ؟
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.