يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۈچۈن قايسى خىل لازىمەتلىكلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟


ئادەتتىكى ئەھۋالدا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۈچۈن ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ھازىرلاش كېرەك:
1. كىيىم - كېچەك تۈرىدىكى بۇيۇملاردىن بەدەنگە چىپ كېلىدىغان ئىچ كىيىم، تاش كىيىم، پاختىلىق كىيىم، پاختىلىق جىلىتكە، پايپاق، پەلەي ھەمدە پىندىك (قورساق ئاسرىغۇچ) قاتارلىقلارنى، يوتقان - كۆرپە قاتارلىق بۇيۇملاردىن بوۋاق كارىۋىتى، يوتقان، بەدەنگە يېپىشىپ تۇرىدىغان يوتقان، كىرلىك، بوۋاقلار ئەدىيىلى ھەم گرېلكا قاتارلىقلار.    
2. يۇيۇنۇش بۇيۇملىرىدىن بوۋاقلارنى يۇيۇش ۋاننىسى، سۇ تېرمومېتىرى، بەدەن تېرمومېتىرى، سوپۇن ياكى بوۋاقلارنى يۇيۇش سوپۇنى، داكا، لۆڭگە، ئۇپا، تىرناق ئالغۇچ ۋە پاختا پەلكۈچى قاتارلىقلار.
3. تازىلىق بۇيۇملىرىدىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ زاكلىق كۇسىرى، داكا زاكا، ھۆللۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان زاكا تەگلىكى قاتارلىقلارنى ھازىرلاش كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تارازا، بويىنى ئۆلچىگۈچ، بوۋاقلار ھارۋىسى قاتارلىقلارنىمۇ بىللە تەييارلىسا بولىدۇ.
4.سوسكا، بوۋاقلار قوشۇقى ۋەھاكازالار
مەنبە: بلىقۇت



[Birzat بۇنى 2010-07-21 06:16 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: بوۋاق

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.