2011-يىللىق بلوگ باھالاشتا 80خالتا بلوگى يەنە بىرىنجى بولدى
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-12-29
كەچتە دۇكاندىن يېنىپ ئۆيگە كىرسەم ئوغۇللىرىم ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كىلىشىدۇ، بىلال: << دادوو، ھۇ ئاللا (مېنى كۆتۈرۈپ قوي دېگەن مەنىدە) دادوو، ھۇ ئاللا>> دەپ پاچىقىمغا ئېسىلىيدۇ. چوڭ ئوغلۇم ئۆمەرھەييارلىق قىلىپ :<< دادا نىمدا ئەمدى كەلدىڭ، بالدۇيياق كەسەڭ بولمامدا؟! دادا، ئىسسىپ كەتتىڭ، چاپىنىڭنى سىلىۋېتە.....!>> ۋاي تاتلىق بالام ، دۇكاندىن مىڭىپ كىلىپ 5-قەۋەتكە چىقىپ بولغۇچە راس سەل ئىسسىپ قالدىم، سىلىۋىتەي مانا دەپ چاپاننى قويۇپ بولغۇچە يانچۇقنى كولاپلا تېلفۇننى ئىلىۋالىدۇ. ئەسلى مەقسىدىك شۇمىدى دەپ يالغاندىن ھومۇيۇپ قويسام ، ئەركىلەپ :<< دادا، مەن بى ئويناپ باقاييي...>> HTC نى قولىغا بىر ئىلىۋالسا بىرەرسىدىن تېلفۇن كىلىپ قالمىغۇچە بەرگىلى ئۇنىمايدۇ. ھىلى ئۇ يانغا سىيرىپ، ھىلى بۇ يانغا سىيرىپ ئۆزى ئامراق ئويۇن، ناخشىلارنى چىقىرىپ ئويناپ كېتىدۇ. ئاندىروئىد سىستېمىسىدا ئوينايدىغان - ئەجدىھا بالىسىنىڭ تاغلاردىن ھالقىپ ئانىسىدىن قاچىدىغان بىر ئويۇننى بىلىسىلەر، ئۇ ئاشۇ ئويۇننى دەسلىۋىدە ئوينىغاندا ئەجدىھا بالىسىنى تىز-تىز قاچۇرماي قاراپ تۇرىدۇ، ھەي، بولە چاققان، ئانىسى كىلىپ قالىدۇ، تېز قاچ ، دېسەم، - ھە شۇ، ئانىسى كىلىۋالسۇن، دەيدۇ. كۈلۈپ كىتىپتىمەن. تېلفۇننى ئويناۋاتقاندا بىرەرسىدىن تېلفۇن كىلىپ قالسا قولۇمغا بىرىپ سۆزلىشىپ بولغۇچە يىنىمدا قاراپ تۇرۇپ تېلفۇننى قويغاندا، دادا، چىمىكەن؟!! دەيدۇ. ھە بالام، ئۇ خىرىداكەن دېسەم، ھە دەپ قويۇپ يەنە ئويۇنغا چۈشۈپ كىتىدۇ. بىردەمدىن كىيىن يەنە تېلفۇن سايراپ قالسا ئۆزى بىر سىيرىپلا تېلفۇننى ئىلىپ: <<ئەسلاملەيكۇم، خيدا ئاكا، دادامغا بىيەي، خوش ئاللاغا ئامانەت>> دەپ ئالدىمغا يۈگۈرۈپ ئەكىلىدۇ، كىمىكەن دېسەم، خيدا ئاكامكەن دەيدۇ، كۈلۈپ تېلىقىپ قاپتىمەن. 3 ياشلىق بالىنىڭ تەپەككۇرى قانچىلىك بولماقچىدى دەپ سەل قارايدىكەنمىز، ئەمەلىيەتتە مەن ئۆمەرنىڭ گەپ-سۆزلىرى، ئەتراپىدىكى موھىت، چوڭلارنىڭ سۆزلىرىگە قايتۇرغان ئىنكاسىغا قاراپ 3 ياشلىق بالىنى كىچىك دەپ تەربىيلەشكە سەل قارىساق بولمايدىكەن دەپ قالدىم. تېلفۇننى كۆپ ئوينىسىمۇ رادئاتسىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قالمىسۇن دەپ سەل ئەنسىراپ قىلىۋاتىمەن. ئوينايدىغانغا مەخسۇس مۇئەللىم ياكى ئىرپاننىڭ چەكمە ئوقۇتقۇ كىتابلىرىدىن ياكى بولمىسا بىلكان ئايپەد (تاختا كومپيۇتېر) دىن ئىلىپ بىرەي دەپ نىيەت قىلىپ يۈرگىلى خىلى بولدى، لىكىن چول تىگىپ بولالماي تېخىچە ئىلىپ بولالمىدىم. بۇ قېتىمقى بلوگ باھالاشتا 1-2-بولغانلارغا بىلكان ئايپەد مۇكاپات بىرىلەرمىش دەيدۇ. يىللاردىن 80خالتا بلوگى 1-بولۇپ كىلىۋاتقاندا بۇنداق ئىسىل مۇكاپاتلار يوق. بۇ يىل رىقابەت كەسكىن، 80خالتا بلوگى 1-بولالمايدىغاندەك تۇرغاندا بۇ مۇكاپاتنىڭ گېپى چىقىپ قالدى ماڭا (80خالتا بلوگى)غا كۆپرەك بىلەت تاشلاپ قويۇڭلار جۇما ئاغىينىلە، 1-بولۇپ ئوغلۇم ئۈچۈن بىلكان تاختا كومپيۇتېر مۇكاپات ئىلىپ بىرەي بىلكان تاختا كومپۇتېرنىڭ ئىقتىدارلىرى ئالامەتمىش، بالىلار ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈش دىتاللىرى قاچىلانغان دەيدۇ. باشقا بلوگېر بۇرادەرلەرمۇ تىرىشىڭلار! بىلكان مۇكاپات ئالساڭلار باللىرىڭلارنى خوش قىلىسىلەر، بىلكان مۇكاپات ئالساڭلار باللىرىڭلار تېلفۇنىڭلارنى تالاشمايدۇ. بىلكان ئۈچۈن ھۇررراااا
____________________________________________
80خالتا بلوگى 2011-يىللىق ئۇيغۇردىكى 10 چوڭ مۇنەۋۋەر بلوگنى باھالاش پائالىيىتدە 1-بولۇپ بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ WiFi نەشىرى، 2398 يۈئەن قىممىتىدىكى بىلكان پەد (تاختا كومپيۇتېر) مۇكاپاتىغا نائىل بولدى. بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئەلداۋا تورى، قوللىغان بىلكان شىركىتى ۋە تورداشلارغا تەشەككۈرلەر بولسۇن!
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: بىلكان، بلوگ 80خالتا
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
لوگوسىhttp://www.tejelli.com/logo.gif