سوغۇقجانلارنىڭ ئۆزىنى ئاسرىشىدىكى ئېسىل مەھسۇلات<<ئەفرۇز مەلھىمى>>


تەجىربىلىك مومىلىرىمىز ئائىللەردە ئىسسىقلىق دورا-دەرمەكلەر ۋە قوي، تۆگە مايلىرى، تۇخۇم سېرىقى دېگەنلەردىن ئىسسىقلىق مەلھەم تەييارلاپ سوغۇق مىجەز نەۋرە، بالا-چاقىلىرىنى شىپالىق قوللىرى بىلەن مايلاپ ئاپتاپقا قاقلاپ سوغۇقتىن تېنى ئاجىز، بەل -پۇتى تالىدىغان، كېچىلىرى سېيىپ ياتىدىغان، پېيى تارتىشىدىغان ئەھۋاللارنى داۋالاپ كەلگەن. ئەنئەنىۋى ئىسسىقلىق، قۇۋۋەتلىك غىزالىنىش، بەلباغ باغلاپ بەل-بۆرەكنى ئىسسىق ساقلايدىغان، مەزمۇت ئۆتۈكلەر بىلەن قەھرىتان قىشنى چىقىرىدىغان يېمەكلىك ۋە تۇرمۇش ئۇسۇللىرىمىزنىڭ ئۆزگىرىپ يېمەك ۋە ئۇسسۇزلۇققا توڭلاتقۇدا مۇزلاتقان يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ ئىستىمال ئادىتىمىزگە ئايلىنىشى پەي-مۇسكۇللارنى بوشىتىپ، كەيپىياتنى سۇسلىتىپ سوغۇقتىن بولغان ساقسىزلىقلارنى پەيدا قىلىپ بۇ خىل ئىسسىقلىق مەلھەملەرگە بولغان ئىھتىياجىمىز كۈندىن - كۈنگە ئىشىپ بارماقتا.

ئەفرۇز ھەممىباب مەلھىمى ئالىي دەرىجىلىك زەيتۇن مېيى، قەلەمپۇر مېيى، سىيادان، كۈنجۈت، قۇيرۇق ماي، يەرلىك توخۇ تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلاردىن تۈجۈپىلەپ ئىشلەنگەن مەھسۇلات بولۇپ رېماتىزىم، بەل - پۇت ئاغرىقى، بوغۇم ياللۇقى، نىقرەس، بەل-بويۇن ئومۇرتقا سۆڭىكى ئۆسۈپ قالغانلار، مۈرە ئەتراپى ياللۇغى، پەي-بوغۇملاردا بولىدىغان تېز ۋە ئاستا خاراكتىرلىك ھەر خىل زەخمىلەر، ئاق كېسەل بىمارلىرىغا ماس كىلىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە سوغۇق ئەڭگىزى ئاشقان، پۇت-قولى ئىسسىمايدىغان، كۆپ تەرلەيدىغان، كېچىل بالىلاردىكى سوغۇق ئەڭگىزدىن بولغان كېچىسى سىيىپ يېتىش قاتارلىقلارغا ماس كىلىدۇ.
ئىشلىتىلىشى: مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ سېرتتىن يەرلىك ئورۇنغا ياكى پۈتۈن بەدەنگە سۈركىلىدۇ. مايلىنىپ بولۇپ يەڭگىل ئۇۋلاپ قۇياش نۇرىغا قاقلىنىش ياكى فىزىكىلىق ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بىرىلسە ئۈنۈمى تېز ۋە كۆرىنەرلىك بولىدۇ.
مەلھەمنى ئىشلىتىپ تېرىگە سىڭدۈرۈلگەندىن كىيىن ئادەمنى بىزار قىلىدىغان غەيرى پۇراق پەيدا بولۇشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. سۈرەتتە كۆرسىتىلگەندەك بۇ مەھسۇلات ۋە ئورالمىسى ئىنتايىن سۈپەتلىك تەييارلانغان بولۇپ ئىشلىتىشكە قولايلىق ھەم سوۋغاتلىق قىلىشقا ماس كىلىدۇ.
پارچە سېتىش باھاسى: بىر قۇتىسى 30 يۈئەن/ 45گىرام.
قەشقەردىكى توپ ۋە پارچە ساتقۇچى: بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت دورا-دەرمەك دۇكىنى
ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
0998-2820877
13565662787




[Birzat بۇنى 2014-03-02 05:47 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئەفرۇز

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 12 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماگۈلزار[2014-01-17 11:57 AM | del]
مەن كورلا قاراشەھەردىن ،بۇ مەھسۇلاتنى كانداق سېتىۋالىمەن؟ بىزنىڭ بۇ يەردە سېتىش ئورنى بارمۇ؟ تاپقىلى بۇلامۇ؟ تىزىم ئاغرىيدۇ؟ ىاپا بولماي ماڭا ئېلىش ۇسۇلىنى دەپ بەرسىڭىز؟
回复قايتۇرماablimitablat[2013-05-27 12:39 AM | del]
مەن خوتەندىن،بۇمەھسۇلاتنىڭ توپ باھاسى قانچە ؟مەن يېزىلاردا يۇرۇپ دورا تارقىتاتتىم ؟
回复قايتۇرماabba[2013-03-22 05:09 PM | del]
نمەن ئۇرۇمچىدە قانداق سىتىۋالىمەن
回复قايتۇرمازوھرە[2012-09-02 11:00 AM | del]
مەن كورلىدىن قانداق سېتىۋالىمەن ؟كورلىدا سېتىش ئادرىسى بارمۇ ؟
回复قايتۇرماrana110[2012-08-15 12:17 AM | del]
ئاقسۇدىن مەن قانداق ئالىمەن ؟
回复قايتۇرماnazife[2012-05-14 12:08 AM | del]
ئۈرۇمچىدە نەردە ساتىدۇ ؟
回复قايتۇرماhalid1987[2012-04-24 10:32 PM | del]
تۇرپاندىن قانداق سىتىۋالىمەن سېتىش ئورنى بارمۇ ؟ ياكى قەشقەردىن بىۋاستە يەتكۈزۈپ بېرەمسىز ؟
回复قايتۇرماaraum[2012-04-21 05:29 PM | del]
ئاقسۇدىن مەن قانداق ئالىمەن ؟
回复قايتۇرماyusanjan[2012-03-15 03:13 AM | del]
مەن بۇ مەھسۇلاتتىن ئالاي دىگەن ،سىلگە پۇلنى قانداق ئۇسىلدا تاپشۇرمەن؟
回复قايتۇرماentezar[2012-01-24 09:48 PM | del]
0999  دىكى سىتىش ئورنىچۇ؟
回复قايتۇرمامەريەمگۇل[2012-01-09 05:14 PM | del]
مەن بۇ مەھسۇلاتڭىزنى بىر ئىشلىتىپ باقاي دەيمەن،مەن بەك سوغوق مىخەز
回复قايتۇرماarkan[2012-01-05 04:52 PM | del]
بىر قاراپلا مەن تېخى چەتەلنىڭ مەسئۇلاتى ئوخشايدۇ دەپتىمەن، ئەسلىدە ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلاتى ئىكەن،  تاش قېپى بەك چىرايلىق لاھىيلىنىپتۇ، تەركىبى، نۇسقىسىغا قارىغاندىمۇ ياخشىدەك قىلىدۇ، ماڭا بىر قۇتا سىناق ئۇچۇن ئەۋەتىپ بىرەلىسزمۇ؟ ئادىرسىم: خوتەن شەھەر ئەركان ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش مەركىزى،
13899479743:تىلىفون
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2012-01-06 11:06 AM دە قالدۇرغان جاۋابى
خوتەنگە بىرەر نەرسە ماڭدۇرغاندا قوشۇپ ئەۋەتىپ بىرەي، كۆرۈپ باقارسىز.
مېنىڭچىمۇ سىلەرنىڭ مەركەزدە ئىشلىتىشكە تازا باب كىلىدىغاندەك.  
تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنى ساقلىۋالاي ئۆتكەندە لازىم بولغان ئىدى.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.