ھەر خىل ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئوزۇقلۇق-غىزانى مىزاجى ، كېسەللىك ئەھۋالىغا ماس تەڭشەش ئىنتايىن موھىم بولۇپ دورا ئارقىلىق داۋالاشقا يانداشتۇرىلىدۇ. بەزى كېسەللەر ھەتتا تېۋىپ-ھەكىملەرنىڭ تۈزۈپ بەرگەن رېتسىپلىق غىزالىرىنى بىر مۇددەت ئىستىمال قىلىپ بىرىش ئارقىلىقمۇ سەللىمازا شىپا تېپىشى مومكىن. بۇ خىل داۋالاش ئەندىزىسى ھازىرقى دۇنيادا ئەمدىلەتىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ <<ئوزۇقلۇق ئارقىلىق كېسەل داۋاش>> نامىدا تەرغىپ قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ خەلقىمىزنىڭ بۇ خىل قىممەتلىك بايلىقى مىڭ يىللار بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىتلاردىن بىزلەرنىڭ ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن ئەمەلىي نەپ بىرىپ كەلگەن. بىرزات ئۇستام بۇندىن كىيىن 80خالتا بلوگىدا ھەر خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا مۇناسىپ بولغان تاماق-غىزا رېتسىپلىرى بىلەن تورداشلارنى بەھرىلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. بۈگۈن تۇنجى قەدەمدە زېققە بىمارلىرى ئۈچۈن - چامغۇر شورپىسى تونۇشتۇرىلىدۇ.

" /> زېققا بىمارلىرى ئۈچۈن - چامغۇر شورپىسى - 80 خالتا بلوگى

زېققا بىمارلىرى ئۈچۈن - چامغۇر شورپىسى


ھەر خىل ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئوزۇقلۇق-غىزانى مىزاجى ، كېسەللىك ئەھۋالىغا ماس تەڭشەش ئىنتايىن موھىم بولۇپ دورا ئارقىلىق داۋالاشقا يانداشتۇرىلىدۇ. بەزى كېسەللەر ھەتتا تېۋىپ-ھەكىملەرنىڭ تۈزۈپ بەرگەن رېتسىپلىق غىزالىرىنى بىر مۇددەت ئىستىمال قىلىپ بىرىش ئارقىلىقمۇ سەللىمازا شىپا تېپىشى مومكىن. بۇ خىل داۋالاش ئەندىزىسى ھازىرقى دۇنيادا ئەمدىلەتىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ <<ئوزۇقلۇق ئارقىلىق كېسەل داۋاش>> نامىدا تەرغىپ قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ خەلقىمىزنىڭ بۇ خىل قىممەتلىك بايلىقى مىڭ يىللار بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىتلاردىن بىزلەرنىڭ ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن ئەمەلىي نەپ بىرىپ كەلگەن. بۇ خىل ئوزۇقلۇق-تاماق رېسالىلىرى بىلەن داۋالىنىشقا ماس كىلىدىغانلار ئاساسلىقى بەدەن ئاجىزلىقتىن كىلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەر، سوزۇلما خاراكتېرلىك جاھىل كېسەللىكلەردىن قان ئازلىق، ھەر خىل ئوزۇقلۇقلار يېتىشمەسلىكتىن بولغان ئورۇقلاپ كېتىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئاشقازان ياللۇقى، زېققە، دىئابىت، يۇقۇرى قان بېسىم، يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرى، مەزى بېزى ياللۇقى، بۆرەك سوغۇش، بۆرەك ئاجىزلىقى، نېرۋا ئاجىزلىقى، بەل-بوغۇم ئۇستىخان ئاغرىقلىرى دېگەندەكلەردە دورا بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىنسا داۋالىنىش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ.  ئۇندىن باشقا زۇكام، قىززىتما، قوقاق، ئىچ سۈرۈش، يۆتەل، قۇسۇش، كۆڭۈل ئىلىشىش دېگەندەك ئۇششاق سانىلىدىغان كېسەللىكلەردىمۇ غىزا رېتسىپلىرى بىلەن كۈتۈنسا تېزلا ياخشى بولۇپ كىتىشىمۇ مومكىن. بىرزات ئۇستام بۇندىن كىيىن 80خالتا بلوگىدا ھەر خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا مۇناسىپ بولغان تاماق-غىزا رېتسىپلىرى بىلەن تورداشلارنى بەھرىلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. بۈگۈن تۇنجى قەدەمدە زېققە بىمارلىرى ئۈچۈن - چامغۇر شورپىسى تونۇشتۇرىلىدۇ.

چامغۇر شورپىسى

ياش پاقلان گۆشىدىن 300 گىرام، يۇمشاق پىشىدىغان چامغۇر 300 گىرام، سۇغا 8 سائەت چىلانغان نوقۇت بىر پىيالە، قاقىلە بىر تال، گۈرۈچ ئوتتۇرا پىيالا، شوخلا يىرىم تال، تۇز، ئاقمۇچ قاتارلىقلار مۇۋاپىق مىقداردا سىلىنىدۇ.

تاماقنى ئىتىش ئۇسۇلى:

1.ئاۋۋال گوشنى چالا پۇشۇرىۋېلىپ سۈزۈپ ئىلىپ ئۇششاق توغرايمىز. 2. نوقۇت، چامغۇرنى گۆشنىڭ شورپىسىغا سىلىپ 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىپ ئاندىن گۈرۈچنى سالىمىز. 3.گۈرۈچ ئىتىلىپ پىشقاندا توغراپ تەييارلانغان گۆشنى سىلىپ تۇز، ئاقمۇچ، قاقىلە سىلىپ تەمىنى تەڭشەپ قاچىغا ئالساق بولىدۇ.

بۇ غىزا رېتسىپىنىڭ خۇسۇسىيىتى: ماددىلارنى يۇمشىتىش، قەۋزىيەتنى راۋان قىلىش، تېرىنى پارقىرتىش، بەلغەم بوشىتىش، ئۆپكىنى ياشارتىش خۇسۇسىيىتى بار. بۇ شورپا زېققە بىمارلىرىنىڭ دائىملىق ئوزۇقلىقى قىلىنسا ئوبدان ئۈنۈم بىرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

ھېكايەت: نامراتنىڭ گۆشى-چامغۇر

يۆتەلنىڭ ئېسىل رېتسىپى <<ﺳﯘﭘﯘﭘﻰ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ>>

80خالتا رېتسىپى-شىپايى نەپەس قايناتمىسى

كەپتەر شورپىسىنى تاييارلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسسۇلى قايسىدۇ؟

ﭼﺎﻣﻐﯘﺭنىڭ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ (شىپالىق گېياھلار)




[Birzat بۇنى 2012-01-05 11:10 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: چامغۇر، زېققە

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماsweet[2013-05-10 12:21 AM | del]
assalamu alaykum...maga bir zikkiga  manpaat kildigan addi ritsiptin birni dap barsigiz boptikan .......rahmat
回复قايتۇرماjalalidin[2013-03-31 11:21 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بىر مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم .
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.