كەپتەر شورپىسىنى قانداق تەييارلاپ ئىچسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ؟ بولۇپمۇ بەدەن سوۋۇپ بۆرەك ئاجىزلىغان ئەھۋالدا قايسى خىل دورا-دەرمەكلەرنى ئىشلەتسە بولىدۇ؟

بىر كىتابتىن ئوقۇشۇمچە 500گىرام قوي گۆشىگە 2 گىرام زەپە سىلىپ شورپا تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە قاننى قىززىتىپ شەھۋەت سۇسلاشقا مەنپەئەت قىلىدۇ دەپ يېزىپتۇ. 2 گىرام زەپەنى بىرلا قىتىمدا ئىچسە ئەكىس تەسىرى بولماسمۇ؟ مۇشۇلار ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا، رەھمەت!!

جاۋاب: كۆرسىتىلگەن رېتسىپ بويچە تەييارلاپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە بەدىنى سوغۇق ھېس قىلىدىغان، جىنسىي قۇۋۋىتى ئاجىز، ئاشقازان ياللۇقى، ئۇيقۇسى كۆپ، ھارغىن ھېس قىلىدىغانلار، بالياتقۇ، جىنسىي يولى ياللۇقىغا گىرىپتار بولغان، ئاق خۇن كۆپ كىلىدىغان، بەل-پۇت تىلىپ ئاغرىيدىغان ، جىنسىي ھېسياتى سۇسلىغانلار ئىككى كۈندە بىر قېتىمدىن ئىستىمال قىلىپ بەرسە قۇۋۋەتنىڭ ئەسلىگە كىلىشگە كۆپ ياردىمى بولىدۇ.

باچكا شورپىسى رېتسىپنىڭ تەپسىلاتى:

" /> كەپتەر شورپىسىنى تاييارلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسسۇلى قايسىدۇ؟ - 80 خالتا بلوگى

كەپتەر شورپىسىنى تاييارلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسسۇلى قايسىدۇ؟


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

كەپتەر شورپىسىنى قانداق تەييارلاپ ئىچسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ؟ بولۇپمۇ بەدەن سوۋۇپ بۆرەك ئاجىزلىغان ئەھۋالدا قايسى خىل دورا-دەرمەكلەرنى ئىشلەتسە بولىدۇ؟

بىر كىتابتىن ئوقۇشۇمچە 500گىرام قوي گۆشىگە 2 گىرام زەپە سىلىپ شورپا تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە قاننى قىززىتىپ شەھۋەت سۇسلاشقا مەنپەئەت قىلىدۇ دەپ يېزىپتۇ. 2 گىرام زەپەنى بىرلا قىتىمدا ئىچسە ئەكىس تەسىرى بولماسمۇ؟ مۇشۇلار ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا، رەھمەت!!

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:

ئومومىي بەدەننى سوغۇقلۇق قاپلاپ قان سوۋۇش سەۋەبىدىن بولغان ئاشقازان، بۆرەك، بالياتقۇ ئاجىزلىغان كىشىلەر ئۈچۈن كەپتەر شورپىشى تەييارلاشنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق: قانات-قۇيرۇقلىرى تولۇق يېتىلگەن، لىكىن راۋۇرۇس ئۇچقىدەك بولمىغان كەپتەر باچكىسىنى بىسمىللا بىلەن ئۆلتۈرۈپ، پاكىز تازىلاپ ئىككى چىنە سۇدا پۇشۇرىمىز. بۇنىڭغا قوشۇلىدىغان دورا-دەرمەكلەردىن: قەلەمپۇر 4 تال، پىلپىل 1 تال، بۇغا مۈڭگۈزى 4 يالپاق، زەپە بىرگىرامنىڭ 5/1، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، زەنجىۋىل، قارامۇچ كىچىك بىر چىمدىمدىن، سەككىزقۇلاق بىرتال، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، پىياز قاتارلىقلار سىلىنىدۇ.

بەدىنى سوغۇق ھېس قىلىدىغان، جىنسىي قۇۋۋىتى ئاجىز، ئاشقازان ياللۇقى، ئۇيقۇسى كۆپ، ھارغىن ھېس قىلىدىغانلار، بالياتقۇ، جىنسىي يولى ياللۇقىغا گىرىپتار بولغان، ئاق خۇن كۆپ كىلىدىغان، بەل-پۇت تىلىپ ئاغرىيدىغان ، جىنسىي ھېسياتى سۇسلىغانلار ئىككى كۈندە بىر قېتىمدىن ئىستىمال قىلىپ بەرسە قۇۋۋەتنىڭ ئەسلىگە كىلىشگە كۆپ ياردىمى بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:

يۇقۇرى قان بېسىمى بىمارلىرى، كىچىك بالىلار ئىستىمال قىلماسلىقى كېرەك.

ئەمدى ئاۋۇ 2 گىرام زەپە سىلىپ تەييارلايدىغان شورپىنىڭ گېپىگە كەلسەك كىتابتا خاتالىق بار ئىكەن. ئەگەر 0.2 گىرام دېيىلگەن بولسا توغرا بولاتتى. ئىككى گىرام زەپەنى بىرلا ۋاقىتتا ئىستىمال قىلسا ئۇششاق قان تومۇرلارنى يېرىۋېتىشى ۋە ئىچكى ئەزالاردا قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن.

 

 

 

كەپتەر گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، خەلق ئارىسىدا<<بىر كەپتەرنىڭ گۆشى توققۇز توخۇنىڭ گۆشىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ>> دەيدىغان گەپ بار.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
كەپتەر گۆشى تەركىبىدە ۋىتامىنA،ۋىتامىنE،Bگۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار،پانتوتېنىك كىسلاتا، شۇنىڭدەك كالتىسىي،تۆمۈر،مىس قاتارلىق مېنىرال ماددىلار بار.
كەپتەر گۆشى تۇغۇتتىن كېيىنكى ئاياللار، ئوپراتسىيىدىن كېيىنكى ئاغرىقلار ۋە قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا قارىتا كەڭ دائىرىدە قۇۋۋەتلەندۈرۈش رولىغا ئىگە.
خەلق ئارىسىدا كەپتەر گۆشىگە باشقا دورىلارنى سەپلەپ باش قېيىش كېسىلى، ئاياللار كېسىلىنى داۋالايدىغان رېستېپلار بار. ئاياللار دائىم كەپتەر گۆشى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، جىنسىي ھەۋىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.كەپتەر گۆشى چاچ چۈشۈش، چاچ ئاقىرىش ۋە ۋاقىتسىز قېرىپ كېتىش قاتارلىقلارغا قارىتا ناھايىتى ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە.
كەپتەرگۆشى ئاسان ھەزىم بولىدۇ،بەدەن قۇۋۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، يەلنى ھەيدەپ،زەھەرنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، كېسەلدىن كېيىن تېنى ئاجىزلاپ كېتىش، قان زەئىپلىشىشتىن ھەيز توختاپ قېلىش، باش قېيىش، روھىي جەھەتتە چارچاش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چىكىنىش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، داۋالاش رولى بار.
كەپتەر باچكىسىنىڭ گۆشى بەدەندە ئاقسىلنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،جاراھەتنىڭ ساقىيىشىنى تىزلىتىدۇ. ئاشقازان ياللۇقى ۋە ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان سوۋۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ.
كەپتەرنىڭ قېنى ئوپراتسىيە جاراھىتىنى تىز ساقايتىدۇ، كەپتەر باچكىسىنىڭ سۆڭىكى تېرىنى ئاق، يۇمشاق قىلىدۇ، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى كۈچەيتىپ، مەڭزىنى قىزىل قىلىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگشلىك ئىشلار
كەپتەر گۆشى ياشانغانلار، تېنى ئاجىز، ئاغرىقچان كىشىلەر، ئوپراتسىيىدىن كېيىنكى ئاغرىقلار، ھامىلدار ئاياللار ۋە بالىلار نىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ. كەپتەر گۆشىنى ھوردا دۈملەپ، شورپا قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا بولىۋېرىدۇ. ئادەتتە كەپتەرنىڭ باچكىسىنىڭ دورىلىق رولى ئالاھىدە يۇقۇرى بولىدۇ.




[Birzat بۇنى 2010-09-18 05:13 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 5 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماARKIZADA[2013-06-04 12:57 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى سىلى دىگەنگە ئوخشاش كەپتەر شورپىسىنى 2 كۈندە بىر ئىستىمال قىلىپ بەرسە جىنسى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بۇلامدۇ ئۇنداختا 2 كۈندە بىر بەلگە بۇغۇزلاپ ئاندىن ئىستىمال قىلسا ياكى كۇندە شۇنداق ئىستىمال قىلسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بۇلارمۇ؟
回复قايتۇرماتەبەسسۇم[2012-10-31 10:07 PM | del]
مەن توي قىلغىلى ئۈچ يىل بولدى. ئىلگىرى بالياتقۇ ئىچكى پەردىدە مۇنچاق گۆش بار دەپ ئاپىراتسىيە قىلدۇرغان. ئاپراتسىيە قىلىپ بەش ئايدىن كىيىن يەنە 5ئايدىن كىيىن ئىككى تەرەپ تۇخۇمداندا چوكىلى ناڭ جوڭ پەيدا بولۇو قالدى يەنە بىر تەرەپ تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى چاپلىشىپ قاپتۇ. مۇشۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا بالىلىق بولۇش ئىچتىماللىقىم بارمۇ؟
回复قايتۇرماdiyarim[2011-12-10 09:59 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،  ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم. مېنىڭ مەزى بېزى كېسىلىم بار ئۇنىڭغا ئۈنىمى ئەڭ ياخشى بولغان يەرلىك رېتسىپلاردىن قايسىلار بار؟ ياخشىراق مەسلىھەت بېرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.چ چ نومۇرام   1650016708

回复قايتۇرماBirzat[2011-02-25 10:28 AM | del]
ئاشقازان سوۋۇپ كەتكەن ئەھۋالدا كەپتەر شورپىسى ئاشقازانغا مەنپەئەت قىلىدۇ، ئۆتكە نىسبەتەن كۆپ ئىستىمال قىلىنمىسا ئۇنچە زىيىنى بولۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن. 3 كۈندە بىرەر تالدىن كەپتە شورپىسى ئىچىپ كۆرۈپ بېقىڭ! يالپۇزنى چاي قىلىپ ئىچكەندە لاچىندانە، پىننە دېگەندەكلەرنى قوشۇپ ئازىراق ناۋات ياكى ھەسەل سەلەپ ئىچسىڭىز ھەم ئۆتكە ھەم ئاشقازانغا بولغان پايدىسىنى ھېس قىلالايسىز!
_____ بىرزات
回复قايتۇرماياپراق[2011-02-23 10:59 PM | del]
مىنىڭ ئاشقازان ۋە  ئۆت كىسىلىم بار ئىدى. بۇ ئىككى كىسەل بىر- بىرىگە قارمۇ- قارشى يىمەكلىك تاللىغان بولغاچقا داۋالاش قىيىن بۇلۇپ دورا يىسەممۇ سەللىمازا بۇلالمىدىم. باشقىلارنىڭ دىگىنى بويىچە كەپتەر گۆشى  ئىستىمال قىلسام قانداق بۇلار؟ ئۆت كىسىلىمگە تەسىر قىلىپ قالارمۇ؟ يالپۇزنى چاي قىلىپ ئىچسەم ئاشقازان كىسىلىم ئېغىرلاپ كەتتى. ماڭا بۇنىڭدىن مەسلىھەت بەرسەڭلار  
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.