"بۇنىڭدىمۇ ئاللاھنىڭ بىر ھېكمىتى باردۇر"
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-09-18
بىزلەر تولىمۇ ھېسياتچانمىز، قاچانلا قارىساق ئەتراپىمىزدا بىركىملەردىن قاقشاپ، ئۆز تەقدىرىنىڭ تەتۈرلىكىدىن زارلىنىپ يۈرۈيدىغانلارنى ياكى ئۆزىگە نېسىپ بولمىغان بىرەر ئامەت-تالەيلەرگە ئاھ ئۇرۇپ، ھەسرەت چىكىدىغانلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ بىرەر پىشكەللىككە ئۇچراپ قالغىنىمىز ياكى ئىشىمىزنىڭ ئوڭ كەلمىگىنى ئويلاپ باقمىغان باشقا بىر ياخشىلىقنى ئىلىپ كىلىشى مومكىن.
ھېكايەت:
ئىلگىركى زاماندا بىر پادىشاھنىڭ ئىلىم-ھېكمەتتە كامالەتكە يەتكەن بىر ۋەزىرى بار ئىكەن. شۇ ۋەجىدىن پادىشاھ بۇ ۋەزىرىگە ئامراق بولۇپ ئۆز يېنىدا سىرداش دوستى قىلىۋالغان ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھنىڭ بىر بارمىقىغا جاراھەت چىقىپ ئېغىرلاپ كېتىپتۇ. ئوردىدىكى تېۋىپ ھېكىملەر بۇنىڭغا ھېچ بىر چارە تاپالماي ئاخىرىدا ئامالسىز ئۇ بارماقنى كېسىپ تاشلاشقا پادىشاھتىن ئىجازەت ئاپتۇ. بۇنى كۆرگەن ۋەزىر ئۆز-ئۆزىگە "بۇنىڭدىمۇ ئاللاھنىڭ بىر ھېكمىتى باردۇر" دەپتۇ. بۇ گەپنى يېنىدا تۇرغان بىرسى ئاڭلاپ قىلىپ پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا قۇيۇپتۇ. پادىشاھ سىرداش دوست بىلىپ ھوزۇرىدا ئىززەتكە ئىرىشىۋاتقان ۋەزىرىنىڭ "ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك" دېگەندەك ئېيتقان سۆزىدىن قاتتىق رەنجىپ ۋەزىرىنى زىندانغا تاشلاشقا ئەمىر قىپتۇ. ۋەزىر زىندان ئىشىكىدىن كىرىۋاتقۇچە خاتىرجەم ھالدا يەنە "بۇنىڭدىمۇ ئاللاھنىڭ بىر ھېكمىتى باردۇر" دەپتۇ.
ئارىدىن بىر قانچە ۋاقىت ئۆتۈپ پادىشا شىكارغا چىقىپتۇ. ئوۋ قوغلاپ ئۆز مەملىكەت دائىرىدىن ئۇزاپ يېراق بىر ئورمانلىققا بىرىپ قاپتۇ. قارىسا قوغدىغۇچىلىرى يىراقتا قالغان ، ئۆزى بولسا شۇ يەردىكى ئىپتىدائىي بىر قەۋم كىشىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇلارنىڭ ئەسىرگە ئىلىنغان كىشىلەرنى ""ئىلاھ"ى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدىغان بىر ئادىتى بولۇپ پادىشاھنى باغلاپ ئىبادەتخانىسغا ئىلىپ بىرىپتۇ. ئۇ ئىبادەتخانىدىكى كاھىن قارىسا پادىشاھنىڭ بىر قولى چولاق تۇرغان. ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئەيىپ-نۇقسانلىق ئادەم قۇربانلىققا يارىمايدىغان بولغاچقا پادىشاھنى قويۇپ بىرىپتۇ. پادىشاھ بىر بارمىقى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ. ئۇ ۋەزىرى ئېيتقان "بۇنىڭدىمۇ ئاللاھنىڭ بىر ھېكمىتى باردۇر" دېگەن سۆزنىڭ تەكتىگە يېتىپتۇ. ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كىلىپلا ۋەزىرنى زىنداندىن بوشۇتۇپتۇ. ۋەزىرگە ئېيتىپتۇ: - مېنىڭ بارمىقىمنىڭ كېسىلىشىدىغۇ ئاللاھنىڭ بىر ھېكمىتى بار ئىكەن. ئەمدى سېنىڭ بۇ زىندانغا چۈشۈپ قىلىشىڭدا نېمە ھېكمەت بار؟ دەپ سوراپتۇ. ۋەزىر جاۋاب بىرىپ: - مەن سېنىڭ ئەڭ يېقىن كېشىڭ، شۇنداقلا سەپەرلەردە سەندىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماي ساڭا ھەمرا بولۇپ كەلگەنمەن. ئەگەر سەن مېنى زىندانغا سالمىغان بولساڭ بۇ قېتىم سەن بىلەن ئوۋغا چىقىپ تۇتقۇن بولاتتىم، دە شەكسىز ئۆلتۈرۈلگەن بولاتتىم. شۇڭا "بۇنىڭدىمۇ ئاللاھنىڭ بىر ھېكمىتى باردۇر" دېگەن ئىدىم، دەپتۇ.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: تەقدىر
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار: