ئۆيدىمۇ چىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈڭلار، ئەرلىرىڭلاردىن ناز-خۇلقنى ئايىماڭلار. يېڭىچە تاماق-قورىمىلارنى ئېتىشنى ئۈگۈنۈپ قويۇڭلار، ساغلاملىق جەھەتتىن ئۆزۈڭلارنى ياخشى ئاسىراپ بەدەننى قىززىتىدىغان ، قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بىرىڭلار، بەدەننى سوۋۇتۇپ كۆڭۈلنىڭ رايىنى قايتۇرىدىغان راڭپىزا، لەڭپۇڭ دېگەندەك پەي-مۇسكۇللارنى بوشىتىدىغان، ئەزالارنى سوۋۇتىدىغان ئەخلەت يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىڭلار. يولدىشىڭلار سىلەرنى كونا ھېس قىلمايدىغان بولسۇن دېسەڭلار، پات-پات يېڭىلىق ھېس قىلدۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەسىلەن:  

" /> ئەرلەرنى رام قىلىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى قايسىلار؟ - 80 خالتا بلوگى

ئەرلەرنى رام قىلىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى قايسىلار؟


بىرزات ھەكىم مۇشۇ كۈنلەردە ئەرلەرنىڭ تالاغا قاراپ قىلىش قىلمىشى ئېغىرلاپ كېتىۋاتىدۇ. مەنمۇ يولدىشىمدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم. شۇڭا مۇشۇ ھەقتە ماڭا بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز! مەن يولدىشىمنىڭ يولدىن چىقماسلىقى ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟
مېنىڭ بۇ ھەقتە ئاياللارغا دەيدىغىنىم:
ئۆيدىمۇ چىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈڭلار، ئەرلىرىڭلاردىن ناز-خۇلقنى ئايىماڭلار. يېڭىچە تاماق-قورىمىلارنى ئېتىشنى ئۈگۈنۈپ قويۇڭلار، ساغلاملىق جەھەتتىن ئۆزۈڭلارنى ياخشى ئاسىراپ بەدەننى قىززىتىدىغان ، قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بىرىڭلار، بەدەننى سوۋۇتۇپ كۆڭۈلنىڭ رايىنى قايتۇرىدىغان راڭپىزا، لەڭپۇڭ دېگەندەك پەي-مۇسكۇللارنى بوشىتىدىغان، ئەزالارنى سوۋۇتىدىغان ئەخلەت يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىڭلار. يولدىشىڭلار سىلەرنى كونا ھېس قىلمايدىغان بولسۇن دېسەڭلار، پات-پات يېڭىلىق ھېس قىلدۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەسىلەن: چاچ پاسونىنى يارىشىملىق قىلىپ ئۆزگەرتىپ بېقىڭ، ئىچ كىيىمىڭىزنىڭ رەڭگى، پاسونىنى ئالماشتۇرۇڭ! كارۋات ياپقۇچ، ئۆينىڭ پەردىلىرىنى ئالماشتۇرۇڭ. يولدىشىڭىزغا ئىچ ئىشتان، پايپاق، پىتەك، پورتمال، كەمەر دېگەندەك نەرسىلەرنى ھەدىيە قىلىپ تۇرۇڭ! ئانچە-مۇنچە ئۆزگىچە تاماقلارنى ئوخشىتىپ ئىتىپ يولدىشىڭىزنى ھەيران قالدۇرۇڭ! ئۆينىڭ تازىلىقى ۋە شەخسىي تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىڭ! بەدىنىڭىزدە غەيرى پۇراقنىڭ پەيدا بولۇپ قىلىشىغا ھەرگىز يول قويماڭ!  قولتۇق، كىندىڭ، چات ئارىلىق، ئېغىز دېگەندەك پۇراق چىقىش خەۋىپى بار جايلارغا ھەر ۋاقىت ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ! خۇشپۇراقلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ بىرىڭ. يولدىشىڭىزنىڭ يالغۇزلۇقنى خالاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلسىڭىز ئۇنىڭغا يېپىشىۋالماڭ، ئۇنىڭ يالغۇزلۇقنى خالاپ قىلىشى سىزدىن بىزار بولۇپ قالغانلىقىدىن بولۇشى ناتايىن. ئۇنىڭمۇ ھەرخىل بېسىملاردىن چارچايدىغان، يالغۇز ئولتۇرۇپ خىيال سۈرگىسى كىلىدىغان چاغلىرى بولىدۇ. قىسقىسى يولدىشىڭىزنى ئۆزىڭىز رام قىلىش ھەققىدە خىزمىتىڭىزگە باش قاتۇرغانىنىڭ يىرىمىچىلىك كۆڭۈل بۆلۈپ قويسىڭىز مۇھەببىتىڭلار ئۇزۇن داۋام قىلغۇسى! سىلەرگە بەخىت تىلەيمەن خانىملار!!!
ئۇنىڭدىن باشقا ئىگىرى بلوگىمدا ئىلان قىلىنغان
ئەرلەرنىڭ تالاغا قاراپ قىلىشىدا ئاياللارنىڭ سەۋەنلىكى يوقمۇ؟دېگەن تېمىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

تورداشلارغا مەلۇم بولغىنىدەك بلوگىمدا بەزى بىر سۇئاللار ئوتتۇرغا چۈشۈپ تۇرىدۇ. تېبابەت ساھەسىدىن بولغانلىرىغا بەك تەمتىرەپ كەتمەيمەن، لىكىن مۇشۇ مۇرەككەپ تۇرمۇش مەسىللىرى، ئەر-ئاياللارنىڭ ھېسيات مەسىلىسىدىكى كىلىشەلمەسلىكلەر دېگەندەك سۇئاللارغا بەك چۇڭقۇرلاپ كىتەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىمەن. قايسى كۈنى بلوگىمدا بىر خانىمنىڭ سۇئالىغا بىر ئەرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ يەڭگىللا بىر جاۋاپ يازغان ئىدىم. ئۇشبۇ سۇئالغا  تورداشلارنىڭمۇ پىكىر بايان قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن




[Birzat بۇنى 2010-09-21 10:23 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئاياللار

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 12 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرمامةن[2012-07-17 01:06 AM | del]
ياخشئمذ سئز.مةن ظئاق ،بةخئتلئك ظاظئلةمنص ساقلاپ قئلئش ظذچذن كأپ تئرئشچانلئق كأرسةتتئم.بئراق يولدئشئم داظئم  مةندصن قذسذر ظصزدةپ كأثلذمنص رةنجصتصدذ.نصمصشقصكصن هازصر بصز بصر-بصرصمصزدصن يصراقلاپ كصتصإاتقاندةك ظذنثدصن كأثلذم سذإذپ كصتصإاتصدذ.قانداق قصلسام ظصلگصركص خاتصرجةم،كأثؤللذك ظاظصلة مذهصتئمنص ظةسلصگة كةلتذرةلةيمةن.
回复قايتۇرماmunawar[2012-02-10 03:43 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !جىگـەركېسىلگەنىمەپايداماگادەپ بەرسەگلا بوپتىكەن
回复قايتۇرماSubih[2011-07-05 04:41 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم.سىزدىن سورايدىغان  2سۇئالىم بار ئىدى ،خاپا بولماي ياردەم كىلغان بولسىنڭىز .مەن يولدۇشۇم بىلەن چەتئەلدە ياشايمىز،(نورۋىگىيەدە)،يولدۇشۇم بەك ئورۇق،تاماقنى ئوبدان يەيدۇ،ئۇيكۇسىمۇ ياخشى.لىكىن كانچە كىلساقمۇ پەقەت سەمىرىيەلمەيۋاتىدۇ،سەمىرىشنىڭ بىرەر ساغلام ئۇسۇلى بولسا دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.تىزراق سەمىرسە تىخى ياخشى.چۈنكۈ يولدۇشۇم ھەددىدىن زىيادە ئورۇق(50Kg)...سىزگە كوپ رھىمەت.
يەبە بىرسى: مىنڭ 2 ئاي بولدى ئەتتىگىنى ئاغزىم بەك ئاچچىق ئويغىنىمەن ۋە پۇراق بار،چىشىمنى چوتكىلىغاندىن كىيىن يوقايدۇ،قانداق قىلسام بولا؟بۇ توغرىسىدا باشكىلارغا بەرگەن مەسلىھەتىڭىزنى كوردۇم،ئەمما مەن بۇ يەردە سىز دىگەن نەرسىلەرنىڭ يېرىمىدىن جىقىنى تاپالمايمەن،باشقا يەنە قانداق ئاماللار بار مەسلىھەت كورسەتكەن بولسىڭىز،سىزگە كوپتۈن كوپ رەھمەت!
回复قايتۇرماsargardan[2011-05-19 09:32 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاللاھ سىزگە رھمەت قىلسۇن بىر سۇئال سوراي دىگەنتىم  مىنىڭ بىر دوستۇم 7-8 ياش ۋاكتىدا 13-14 ياشلىك بىر ئوغۇل بالا  ئەسكى ئش كىلىپ تىكەن ھازىر دوستۇم ئوزىىنىڭ كانداكلىقىدىن ئەنسىرەيدىكەن   جاۋاپ بەرگەن بولساڭلار
回复قايتۇرماsargardan[2011-05-19 08:57 PM | del]
[ل؛لكملكقمنكنك،.مقڭوقل
回复قايتۇرماhuma[2011-04-25 11:04 PM | del]
بىز دە بىر گەپ بار  <چاۋاك ئىككى قولدىن تەڭ چىقىدۇ> دەيدىغان. مىنىڭچە بولغاندا مەيلى ئەرلەر بولسۇن ياكى ئاياللارنىڭ بولسۇن ئائىلە، نىكاھ، تۇرمۇشقا نىسبەتەن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى بار... نىمىشقا قايسىلا تور بىكەتلىرىگە قارىمايلى،  ھەممىسىدىلا  ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنى  ئۆزلىرىگە رام قىلىشى، ئەرلىرىنى  قوغدىشى، ئەرلىرىنى  سىرتتىكى  ياۋا  گۈللەردىن پىنھان  تۇتۇشلىرى توغرىسىدىكى  تىمىلاردا  ئۇچىرايدۇ؟؟؟   ئائىلە دىمەك  پەقەت ئاياللارنىڭ  زىممىسىغا  ئارتىلغان يۈكمۇ ئەمدى؟؟ نىمىشقا ئەرلەرمۇ ئاياللىرىنى ئاسراشنى،، ئۇلارنىمۇ  سىرتلاردىكى  بۆرىلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن  ساقلىمىقىنىڭ زۆرۈرلىكى  توغرىسىدىكى تىمىلار  ئۇچرىمايدۇ... (ئاللاھ  بارچە ئاياللارنى ئىنساپ، دىيانەت، شەرمق-ھايادىن ئايرىمىغاي  )... مىنىڭچە بولغاندا ئاياللارمۇ ئەرلىرىنى ئۆزلىرىگە رام قىلىشنى بىلىشى، ئەرلەرمۇ ئەلۋەتتە ئاياللارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلار بىلەن پىكىر  ئالماشتۇرۇش، ئائىلىدىكى  بىر قىسىم ئاياللارنىڭ  قولىدىن كەلمەيدىغان  ئېغىر ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق، ئايالىغا بولغان كۆيۈنۈشنى ئىپادىلەش.....قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئايالىنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش،، ئۇلارنى خاتىرجەم ھىېسسىياتقا كەلتۈرۈش  ھەم شۇنداق قىلىشى كىرەك...
回复قايتۇرماsale[2011-01-09 00:51 AM | del]
مەن  ئالى مەكتەپنى پۈتتدۈرگەن ، تويۇم بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ . ھەر قىتىم توي كىچىسى بولىدىغان <ئشلارنى> ئويلىسام قورقىمەن. چۈنكى بۇ<ئىشلار> بىرخىل نومۇسلۇق ئشتەك ، ~~~~....    ئاڭلىام   بۇ ئىش ئائىلىنىڭ ساقلىنىپ قىلىشىدا بەك مۇھىم مىش~ مەن بەك جىددىلىشىپ كىتىۋاتىمەن~~` مەسلىھەت بەرسىڭىز
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2011-01-09 11:47 AM دە قالدۇرغان جاۋابى
بۇ ھەقتە قىز-چوكانلار سەھىپىسىگە يوللانغان << توي قىلىش ئالدىدىكى قىزلارنىڭ بەزى بىر سۇئاللىرى>> دېگەن دېگەن تېمىنى كۆرۈپ پايدىلانسىڭىز بولغۇدەك: ./asp_46.html
بۇ ھەقتە يەنە بىر تورداشنىڭ سۇئالى:
دوختۇر ياخشىمۇ سىز؟ مەن تۇي قىلىش ئالدىدا تۇرمەن ،مەن بەكلا ھىسياتچان، ئەگەر تۇي كېچىسى مەن يولدىشىمغا ماسلاشسام ئۇ خاتاچۇشۇنۇپ قالارمۇ؟
جاۋاب:
ھېسياتى كۈچلۈك بولۇش ئەيىپ ئىش ئەمەس. ئەكسىچە ئۇنى ئەدەپ، شەرمىي-ھايا بىلەن زىننەتلىگەندە ئارتۇقچىلىق ھېسابلىنىپ شۇ سەۋەبلىك نىكاھنىڭ تۇنجى كۈنى ئەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولىشى مومكىن. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ، يېگىتلەرنىڭ بېشىنى قاتۇردىغىنىمۇ قىزلارنىڭ توي كۈنى ئاخشىمى قېتىپ، بەزدەك تۇرۋىلىشىدۇر. تەشەببۇسكارلىق، تارتىنچاقلىق دېگەنلەرنى نۇرمال، ئۆز يولىدا ئىلىپ بارالىسىڭىزلا ئارتۇقچە ئەنسىرشىڭىز ھاجەتسىز!
سىزگە بەخىت تىلەيمەن!
__________ بىرزات
回复قايتۇرماhgkikat[2010-09-23 08:43 PM | del]
ئتىقاد ،مۇستەھكەم ئىمان يىتۇلدۇرسە ئاللاھدىن قورقۇپ مۇنداق ئشنى قىلمايدۇ .
回复قايتۇرماBirzat[2010-09-21 04:00 PM | del]
تورداش يامغۇرنىڭ ئىنكاسى:
ئاياللار سىرتتا ئەرلەر بىلەن تەڭ خىزمەت ئورنىدا بىللە ئىشلەشكە باشلىغاندىن تارتىپ ئاياللارغا كېلىدىغان ئائىلە، خىزمەت، تۇرمۇش بېسىمى شۇنچە ئاشقىلى تۇرۇپتۇ. ئىنسان تەبىئىتىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ئىش تەقسىماتى بويىچە ئاياللار ئۆي ئىچىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل بولسا، ئەرلەر ئۆي سىرتىدىكى ئىشلارغا (ئائىلىنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى قامداشقا) مەسئۇل بولسا، ئايال بىچارىلەرمۇ (ئۆيگە دان توشۇيمىز دەپ) سىرتتا قاتراپ يۈرمىگەن بولسا، ئەر-ئايال خاتىرجەم ياشامدىكىن دەپ ئويلايمەن. ياش قىزلارغۇ ياش، چىرايلىق ۋاقتىدا ئەرلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چاقنىتىپ يۈرەلىسۇن، ئەمما ئوتتۇرا ياشلىق ياكى چىرايى، پىگورىسى چىرايلىق ئەمەس ئاياللار ئېرىدىن غەم يېمەي تۇرالامدۇ؟  ئۇلار ئېرىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرايلىقلارنى كۆرگەندە قانداق خاتىرجەم بولالىسۇن؟ ئايال كىشى دېگەننىڭمۇ ئېنىرگىسيىسى چەكلىك، ھەر كۈنى ھۆسۈن تۈزەش ئورنىغا بېرىپ بولالمايدۇ، مودا كېيىملەرمۇ ئەرزان ئەمەس، بالا باقمىسا، تاماق ئەتمىسە، ئۆي ئىشى قىلمىسا تېخى بولمايدۇ......
ئاياللار ئازاتلىقى ئاياللارغا نېمە ئېلىپ كەلدى؟ ئەر-ئايال باراۋەر دەپ شۇئار توۋلىغانسىرى كىم زىيان تارتتى؟
回复قايتۇرماBirzat[2010-09-21 10:10 AM | del]
ئايچېۋەر خانىمنىڭ ئىنكاسى:
ئايال بولماق بەكمۇ تەس .
ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﻻﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻪﺯﺳﯩﻼ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،  ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ - ﺗﯘﺗﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯩﺰ - ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﯨﻤﯘ ~ ﺑﻮﻟﺪﻯ !...... ﻳﯩﮕﯩﻨﻰ ﺳﯩﯖﻤﻪﻳﺪﯗ، ﻛﯩﻴﮕﯩﻨﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﺎﻫ ﺋﯘﺭﯨﺪﯗ ، ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ، ﺗﺎﻻﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ..... ﻳﯧﻘﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭘﻼ ..... ﻧﯩﻜﺎﻫ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺩﻩﭖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﻳﺪﯗ . ﻛﯜﻧﺪﻩﺷﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯧﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﯩﺶ ، ﺷﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯘﻧﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ  
شۇڭا ، ئەقىللىق ئايال بولسىڭىز ئېرىڭىزنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىڭ . مەسىلەن : ئېرىڭىز تەنتەربىيەگە قىزىقسا ئۆيىڭىزدە چوقۇم تەنتەربىيە ئايىغى ، توپ ۋە باشقا تەنتەربىيە قوراللىرى بولۇشى مۈمكىن . ئېرىڭىزنىڭ  توپ تەپكەندە كىيىدىغان  ئايىغىنى يۇيماسلىقىدىن  ، نەرسىلىرىنى قالايمىقان تاشلىشىدىن ۋايساشنىڭ ئورنىغا ئېپى كەلگەندە بازاردىن ئۇ قىزىقىدىغان تەنتەربىيەگە ، چېنىقىشقا ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ~ بېقىڭ . مېنىڭچە دائىم ئېرىڭىزدىن قۇسۇر چىقىرىپ ، كۆزىگە سەت كۆرۈنگەندىن ، بىر قېتىم بولسىمۇ ياخشى كۆرۈنگەن  ئەۋزەل .
ئېرىڭىزنىڭ ئامراق نەرسىلىرىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ . ئۇ ياقتۇرىدىغان تاماق ، ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىتابى ....دېگەندەك . ( ئېسىڭىزدە چوقۇم ساقلاڭ ، ئادەتتە ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى قورساققا ئامراق كېلىدۇ . ) ئۆيگە كەلسە  مېزىلىك تاماقنىڭ پۇرىقى چىقىپ تۇرسا ، ئۆي رەتلىك بولسىمۇ ، ئەرلەر تالاغا ئانچە قاترىمايدۇ . ( بۇ تالادا دانلىمايدۇ~ دېگەنلىكىممۇ ئەمەس ) ئېرىڭىز بىلەن ئانچە - مۇنچە سۆھبەتتە ، مۇنازىرىدە بولالايدىغان بولۇڭ . بۇنىڭغا تۆۋىنى سىيلىق گەپ ، توغرا پىكىردە يۇقۇرىسى  ئۇنۋېرسال ساپا كېتىدۇ . سۇڭا ئاياللار  بىلىم قۇرۇلمىسىغىمۇ ئەھمىيەت بەرسە بولىدۇ . ئامال بار ئېرىڭىزنى قايىل قىلالايدىغان ، ئۇنىڭ قىزىقىشىدىكى نەرسىلەرنى ھۆرمەت قىلىدىغان بولۇڭ . مېنىڭچە كۆپىنچە ئەرلەر ئايالىنىڭ ھېچنېمە بىلمەسلىكىدىنمۇ تېز پايدىلىنىپ كېتىدۇ . ئايال بولۇشقىمۇ بىلىم ، ساپا كېتىدىكەن . مەن بۇ جەھەتتە توي قىلغاندىن بۇيان تىرىشىۋاتىمەن ، تىرىشىۋاتىمەن ..... ئۇنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ، بىلىدىغانلىرى مېنىڭدىن بەك كۆپ . بۇرۇن ئۇ ئۇرۇش فىلىملىرىنى، مەملىكەت ، دۇنيا خەۋەرلىرىنى كۆرسىمۇ  خاپا بولاتتىم . كېيىن مەنمۇ ئۇنىڭ  قىزىقىشىغا يول قويۇۋېرىپ ، قىزىقىشتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كەتتىم . ئوقۇيدىغىنىم ساپلا ئاسارە-ئەتىقە كىتابلىرى ، دۇنيادىكى مەشھۇر قوماندانلار ، تارىخ دېگەندەك . ھەتتا ئۈن-سىن  دۇكانلىرىدىن مەخسۇس ئۇرۇش توغرىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىملىرىنى سېتىۋېلىپ گازىر چاققاچ كۆرۈپ كېتىمەن
    
ھازىر ئەرلەر ئەتراپىدا بولۇپمۇ توي قىلغان ئەرلەر ئەتراپىدا قىز- ئاياللار كۆپ . خىزمەت ئورنىدىمۇ ھەم شۇنداق . ھازىرقى كىچىك قىزلار ھەر جەھەتتىن يامان   ئوقۇش تارىخى ، بىلىدىغانلىرى ، كىيىنىش-ياسىنىش ھەتتا بىراۋلارغا مۇئامىلە قىلىشتىمۇ ئىشنىڭ يولىنى بىلىدۇ . بۇنداق قىز-ئاياللاردىن كۆپىنچە ئەرلەر مەمنۇن بولىدۇ ئىچىدە بولسا ئايالىنىڭمۇ مۇشۇنداق بولۇشىنى خالايدۇ . شۇڭا ئاياللار جەزبىدارلىقىنى ، جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن   ئۇنۋېرسال بىلىم قۇرۇلمىسىغىمۇ  دېققەت قىلىشى كېرەككەن . بالا تەربىيلەشكىمۇ ، بالىڭىزنىڭ تاپشۇرۇقىنى چۈشەندۈرۈشكە  قورساقتا ئوماچ بولمىسا بالىڭىزمۇ ياراتمايدۇ سىزنى .
يەنە بىرى ، ئېرىڭىزنىڭ تۇققانلىرىغا  قىزغىن بولۇڭ ، دوستلىرىنى ھۆرمەت قىلىڭ . ئېرىنىڭ تۇققانلىرى ئۆيگە كەلسە قاپاق تۈرىدىغان ئاياللاردىن ، ئېرىنىڭ دوستلىرى ئالدىدا ئېرىنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئايالدىن --- كۆپىنچە ئەرلەر بىزاركەن . ئەكسىچە ئۇسۇل قوللانسىڭىز ئېرىڭىز سىرتقا بىلىندۈرمىگەن بىلەن ، ئىچىدە سىزدىن رازى بولىدۇ ھەم كۆپ ئىشلاردا سىزدىن مەسلىھەت سورايدىغان بولىدۇ .
ئىشقىلىپ ئايال بولماق بەك-بەكلا تەس . ئەرنىڭ سىرتتا دان يەپ يۈرمەسلىكىدە --- ئايالنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار . ئەر سىزدىن زېرىككەن ، ئائىلىدىن ئىلللىقلىق بايقىيالمىغان ، رومانتىك تۇرمۇشتىن ھوزۇر سۈرەلمىگەن ، دەردىگە يېتىدىغان مۇڭداش بولمىغانلىقتىن ، سىردىشالمىغانلىقتىن ، ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلىرىگە ئېرىشەلمىگىنىدىن .... مۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .

回复قايتۇرماBirzat[2010-09-21 09:54 AM | del]
回复قايتۇرماsargardan[2010-09-21 07:02 AM | del]
ئىسلامدا چىڭ تۇرۇڭ دىمەپسىزغۇ؟؟؟ ئىسلام دىنى بۇنداق مەينەتچىلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.......
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.