سۇنۇققا پايدىلىق چارىلەر ۋە زىيانلىق يېمەكلىكلەر
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-09-21
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سۇنۇققا پايدا قىلىدىغان قانداق رىتسىپ، دورا بار؟ سۇنۇققا زىيانلىق يېمەكلىكلەر ھەققىدىمۇ كۆرسەتمە بەرگەن بولسىلا!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:
سۇنۇقنى تېز تۇتقۇزۇشقا كىتابلاردا مومىيانى تەۋسىيە قىپتۇ. مەنمۇ باشقىلاردىن بۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. لىكىن بازاردىن بۇنىڭ ھەقىقى ئىشەنچلىكىنى تاپماق تەس ئىكەن. مومىيا يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە بەزى تاغلارنىڭ يېرىقلىرىدىن سىزىپ ئېقىپ چىقىپ قىتىشىش نەتىجىسىدە ھاسىل بولىدىغان بىر خىل جىسىم ئىكەن. ئۇ ئىلگىركى ھەم ھازىرقى ۋاقىتتا جەسەتنى چىرىشتىن ساقلاش ھەم قاتۇرۇش ئۈچۈن ئەتىۋارلىق، كەم تېپىلىدىغان موھىم دورا ھېسابلىنىدىكەن. ئىلگىركى ۋاقىتلاردا موميانى ئىزدەشتە ئوۋچىلار بىرەر كىيىك، بۇغا دېگەندەك ھايۋانغا قاپقان قۇرۇپ ئۇنىڭ پۇتىنى سۇندۇرۋېتىدىكەن. ئاندىن ئۇنى قويۇپ بىرىپ ئارقىسىغا چۈشۈدىكەن. پۇتى سۇنغان جانىۋار پۇتىنى سۆرىگەن پېتى تاغ قاپتاللىرىغا بىرىپ مومىيانى ئىزدەپ تاپىدىكەن دە ئۇنى يالاپ بىر ئاز يەۋالىدىكەن. ئارقىسىدىن پايلاپ يۈرگەن كىشىلەر مومىيانى مۇشۇنداق تاپار ئىكەنمىش ھەم ئۇنىڭ ھەقىقى مومىيا ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلار ئىكەنمىش. بۇنى سۇنۇق ئۈچۈن بىر ئىستاكان سۈت بىلەن بۇغداي چوڭلۇقىدا ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدىكەن.
ئۇندىن باشقا سۇنۇقنى بالدۇر تۇتقۇزۇشقا تۇخۇم شاكىلىنى تازىلاپ يۇمشاق ئىزىپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
سۈت، سۆڭەك شورپىسى، ھەسەل، ئەركىن يايلاپ دانلايدىغان توخو تۇخۇمى قاتارلىقلارنى ئوزۇقلۇق قىلسا بولىدۇ.
تېبابەت دورىلىرىدىن ماددىتىل ھايات ، داۋائىل مىشكى دېگەن دورىلاردىن ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
سۇنۇقنىڭ تۇتۇشىغا يامان تەسىر بىرىدىغان يېمەكلىكلەر: قېتىق، ھۆل مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، لەڭپۇڭ-راڭپىزا دېگەندەك سوغۇقلۇقلار ھەمدە قەھۋە، كولا دېگەندەك كالتىسىينى خورىتىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەر.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: سۇغۇق، سۆڭەك، موميا
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ماڭا ئىككى ئايچە بولدى كىچىك تەرەتتىن كىن يەنە سويدوك مېڭىپ كىتىدۇ ئۈزەممو بىلمەي قالىمە .
ئەجرثىزىنى ئاللاھبەرسۇن ماثا بذ هةقتة مةسلىهةت بةرگةن بولسىثىز