كۈندە 5 رېتسىپ (11) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-09-21
ئەگەرچايان چېقىۋالسا سامساقنى تۇز بىلەن يانجىپ چايان نەشتەر ئۇرغان جايغا چاپسا مەنپەئەت قىلۇر.
ئەگەر ئەنجۈرنى سىركە بىلەن قاينىتىپ يېسە نەچچە يىللىق يۆتەلگە پايدا قىلۇر
چېچەك تارقالغاندا بالىلارغا قىلىدىغان سەۋەب: سۇماق يارمىسى يېدۈرگە.ئات، كالا، ئۆچكە گۆشلىرى ھەم تەستە سېڭىدىغان غىزالاردىن پەرھىز قىلدۇرغاي! ئاق ئارپىدا يوبدان، ئۇماچ ئىتىپ بەرگەي، قىزتمىسى ئۆرلىگەن ھامان قوغۇن ئۇرۇقى 5 گىرام، چىلان بىر سىقىم، نلوپەر 3.5، كاسىنە ئۇرىقى، بەدىيان 1.5 گىرامدىن، قەنت 14 گىرام سىلىپ شەربەت تەييارلاپ ئىچكۈزمەك كىرەك. ئەگەر بەدىنى قىچىشىپ بىئارام بولسا سەندەلنى سۈرۈپ چاپسۇن ياكى سىركىنى داكىغا قۇيۇپ بەدەنگە سۈرۈپ بەرسۇن.
ئەگەر بوۋاسىر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قان تامسا كۈدىنى كالا يېغىدا پۇشۇرۇپ يىسە كۆپ مەنپەئەت قىلۇر.
زەھەر دېگەن شۇنداق نەرسىدۇركى- سىماپ، زەرنىخ، سىر، پارپا، ئۆچكە ئۆتى، ئېيىق ئۆتى، پاقا ئۆتى، كىلە ئۆتى، كىرپە ئۆتى قاتارلىقلاردۇر. بۇلاردىن 3.5 گىرامدىن كۆپ يېسە ھالاكىتى كۆپتۇر. بۇلارنىڭ زەھىرىنى قايتۇرۇشتا ئەمچەكتىكى بالىنىڭ سۈيدۈكى، سىركە، كالا سۈتى، شىكەر قاتارلىقلار دورىدۇر.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: كۈندە 5 رېتسىپ (11) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
مەن بۇ يىل 40 ياشقا كىردىم، ھىيىتتىن بۇرۇن گىلىم ئاغرىپ، دورا يىسەم يەنە ئوڭشىلىپ، يەنە ئاغرىپ تۇردى. ئۆتكەن ھەپتە قاتتىق ئاغرىپ كېتىپ، دوختۇرخانىغا بىرىپ ئۈچ كۈن ئوكۇل قويدۇردۇم، بىر قىتىم ئوكۇل ئۇرۇپلا گىلىمنىڭ ئاغرىشى تۇختىدى، بىراق گىلىم قىچىشىپ، يۆتۇلۇپ كاناي يالۋۇغى قوزغىلىپ قالدى. ئۇنىڭغا قارتا غەرپچە دورا يىدىم. تۇنۇگۇن قاشقازىنىم يىرىم كۈن قاتتىق بولۋىلىپ بەك بىئارام بولدۇم. بۈگۈن 3-4 كۈن بولۇپ قالدى. ئۈچۈنجى قەۋەتكە چىققىچە مەيدەم ئىچىشىپ بەك تەستە چىقىۋاتىمەن، بىشىم قايغاندەك تۇيغۇ بولىدۇ، كۆزلىرىم يىغلىغان ئادەمنىڭ كۆزىدەك ئىشىپ قالغاندەك، يۈزلىرىممۇ ئىشىپ قالغاندەك بولۋاتىمەن. بىراق چۈشتىكى قان بىسىمىممۇ نورمال، يەنى 119-78. ئېغىر كۆرمەي ماڭا بىر دىياگۇنۇز قويۇپ بىرەلەلىمۇ؟ بۇ نىمە ئالامەت؟ قانداق قىلىشىم كىرەك؟