1987-يىلى ئامىرىكىنىڭ ئالباما شىتاتىدا ئاق قان راكىغا گىرىپتار بولغان 16 ياشلىق بىر بىمار، رادىياكتىپلىق نۇر بىلەن داۋالاشنى باشلاشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىپ تىز توڭلىتىش تېخنىكىسى ئارقىلىق توڭلىتىپ ساقلاپ قويغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن 22 يىل كىيىن، يەنى 2009-يىلى، شۇ 22 يىل ئىلگىرى توڭلىتىپ ساقلاپ قويغان ئۇرۇقتىن، ئايالىنى سۇنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇپ، ساق سالامەت بىر پەرزەنتكە ئىگە بولغان.
ئۇرۇق توڭلىتىش تېخنىكىسى يىقىنقى 10 يىللار ئىچىدە تىز تەرەققىي قىلىپ، بىر ئاز ئومۇملاشقان بولسىمۇ، بىراق 1980 يىللاردا بۇ تېخنىكا تېخى ناھايىتى يېڭى بىر تېخنىكا بولۇپ، تېخى تولۇق پىشىپ يىتىلمىگەن تېخنىكا بولغاچقا، بۇ قېتىم تۇغۇلغان بۇ بالا 22 يىل ئىلگىرى ساقلانغان ئۇنداق كونا ئۇرۇقتىن تۇغۇلغان تۇنجى ساغلام بالا ھىساپلىنىدىكەن. ئەلۋەتتە ھازىر كىيىن تۇغماسلىق ئىھتىمالى بولغان ھەر خىل كىسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇقىلىرىنى توڭلىتىپ ساقلاش ۋە سۇنئىي بالىلىق بولۇش بىر ئاز ئومۇملۇققا ئايلانماقتا.