كوت-كوت ئاياللار ئائىلىسىنى قانداق قوغداپ قىلىشى كېرەك؟


جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ تەھلىلىگە كۆرە ئاياللارنىڭ كوت-كوت بولىشى ئەرلەرنىڭ سالامەتلىكىگە خەۋپ ئىلىپ كىلىدىغان چوڭ ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن.
 بۇنداق ئاياللار پاشىدەك غىڭشىپ ئېرىنى تويغۇزىۋېتىدۇ، ھېلى ئۇنى دەيدۇ، ھېلى بۇنى دەيدۇ، ھېلى تۈزۈكرەك كىيىمىنىڭ يوقلىقىدىن قاقشايدۇ، ئېرىنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىپ ئۇنىڭ بارغان جايى، تۇرغان يېرى، كۈرۈشكەن ئادەملىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ ھالسىرىتىۋېتىدۇ، ئىشتىن ھېرىپ كەلگەندە بىرەر ئېغىز چىرايلىق گەپ بىلەن ئېرىنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىشنى بىلمەيدۇ. بۇنداق بولىۋەرسە سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكى تۇرمۇشىڭىزنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۆزىڭىز دەڭسەپ باقارسىز.
ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىنىڭ خاراكتىرىنى چۈشۈنۈپ يېتەرسىزلىك ۋە نۇقسانلىرىغا كەڭ قورساق بولسۇن. ئائىلىدە ياخشى ئەر، كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان مەسئۇلىيەتچان ئەر بولسا، ئۇ سىرتتا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاياللار بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىشقا توغرا كەلسە ئايالى ئۇنىڭدىن ئورۇنسىز كۈنلىسە، كۈندە كەچتە تېلفۇن خاتىرىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرسە، قەيەرلەرگە بىرىپ كىملەر بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، تولا كوتۇلداپ ئەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتسا بۇ ئەر سىرتتا چارچىغىنى ئاز كەلگەندەك ئۆيدىمۇ ئارام ئالالمىسا ، ئىشەنچ دەيدىغان يۈكسەك رېشتە ئۇلارنىڭ مۇھەببەتلىرىنى ھەر قانداق ۋاقىتتىمۇ باغلاپ تۇرالمىسا  بۇ ئائىلىنىڭ تەقدىرى ئاخىرىدا قانداق بولار؟
مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە ئەر-خوتۇنلار ئۇنتۇلغۇسىز، ھاياجانلىق خۇشال كۈنلەرنى ئۆتكۈزگىنىدەك، ئاندا -ساندا يۈز بىرىپ تۇرىدىغان خاتالىقلارنى، نۇقسانلارغا كەڭ قورساق بولۇپ مىھرى-مۇھەببەت بىلەن بىر-بىرىنى كەچۈرۋېتىشنى ئۈگىنىۋالغىنى تۈزۈك. ئەر ئىچىدىكىنى ئۆيدىكى ئايالىغا دادىل ئېيتالمىسا، ئىچ سېقىنچىلىقىنى تۈگۈتەلگۈدەك ئازادىچىلىككە ئىرىشەلمىسە باشقا يەنە بىر ئايالغا ھاجىتى چۈشىدۇ، دە چوڭ ئايالىدىن زېدە بولغان كۆڭلى كىچىكىدىن <<سۇ ئىچىپ >> ھاياتى ياشىرىدۇ. شۇڭا خانىملار ئەرلىرىنى ئاسرىشى ئارتۇقچە ئىشلارغا كوتۇلدىماسلىقى، سەۋەنلىكلەرگە كەڭ قورساق بولىشى توغرىسى ئەرنى ھەقىقى چۈشىنىدىغان مىھرىبان ئايال بولۇشى كېرەك. ئاياللار ئەردىن رەنجىسە بىرەر دوستىنىڭ يېنىغا بىرىپ دەردىنى تۆكۈپ بىر يېغلىۋالسا يىنىكلەپ قالىدۇ. ئەرلەر ئايالىدىن رەنجىسە ئاغىينىسىنى ئىزدەپ دەرت تۆكەلمەيدۇ. بىر كىمگە ئېيتىشتىن نۇمۇس قىلىدۇ. شۇڭا ئىچىگە يۇتۇپ ياشاشقا مەجبۇر. بۇ ئەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى. بۇ خىل ئاجىزلىق ئەرلەرنى يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى، بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولىشى مومكىن.
 
ئايال كىشىنىڭ كوت-كوت، ئېغىزى ئىتتىك بولىشىنى داۋالاش ھەققىدە مۇنداق بىر قىزىقارلىق ھېكايەت بار ئىكەن:

بۇرۇنقى زاماندا بىر جۈپ ئەر-ئايال ئۆتكەنىكەن.ئۇلار ئۆي تۇتقىلى 20 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ،لىكىن بۇ ئۆيدە ئۇرۇش-تالاش،جېدەل-ماجرا قۇرىماپتۇ. سەۋەبى بۇ ئۆيدە ئەر كىشىنىڭ ئاچچىقى يامان،تەرسا ئىكەن، ئايال كىشى بولسا ئاغزى يامان،شۇپۇر ئېغىز ئىكەن. شۇڭلاشقىمۇ ئايال كوت-كوت، شۇپۇر ئېغىزلىقىدىن ئېرىدىن تولا تاياق يەيدىكەن.
يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئايال ئېرىنىڭ زۇلىمىغا چىدىماي ئاخىرى ئاجرىشىش نىيتىگە كېلىپ قازىنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ. قازى ئايالنىڭ كىلىشتىكى مۇددىئاسىنى سوراپ ئەھۋالنى بىلىپتۇ. قازى بۇ ئەر خۇتۇننىڭ 3 بالىسى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئاجرىشىش تەلىپىنى رەت قىپتۇ.  قازىنىڭ ھۆكىمىگە رازى بولمىغان ئايال قازىغا قايتا قايتا ئەرز سۇنۇپتۇ، لىكىن قازى ئۇلارنىڭ تەلىپىنى يەنىلا رەت قىلىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ئايال يەنىلا ئېرى بىلەن ئۆيىنى تۇتىۋېرىپتۇ، ئەمما يەنىلا  تاياقدىن قۇتىلالماپتۇ. دەل شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ ئۆينىڭ ئەھۋالىنى بىلىدىغان بىر خوشنىسى بۇ ئايالغا قوشنا كەنىتتە ناھايىتى ئۇستا ،كامالەتكە يەتكەن بىر موللىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ قېشىغا بارسا بارچە تەلىۋىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئايال ناھايىتى خوشال بوپتۇ-دە، دەرھال قوشنا كەنىتكە قاراپ يول ئاپتۇ.
ئايال مىڭ تەسلىكتە قوشنا كەنىتتىن ئۇ موللىنى ئىزدەپ تېپىپتۇ ۋە موللىنىڭ قېشىغا كىرىپ بارلىق ئەھۋالنى ۋە كىلىشتىكى مۇددىئاسىنى موللىغا ئېيتىپتۇ. موللا ئايالنىڭ گەپ-سۆزى ۋە قىلغان بايانىنى ئاڭلاپ بۇ ئايالنىڭ ئاغزى يامان، تولا گەپ قىلىدىغان ئايال ئىكەنلىكىنى پەملەپتۇ ۋە ئايالغا مۇنداق دەپتۇ: مەن سىزگە بىر تۇمار پۈتۈپ بېرەي، سىز بۇ تۇمارنى ئېلىپ كىتىڭ ۋە مىنىڭ دىگىنىم بويىچە ئىش قىلىڭ، ھەر قېتىم سىز ئېرىڭىز بىلەن ئۇرۇشۇپ قالاي دىگەندە مۇشۇ تۇمارنى ئېلىڭ-دە، ئاغزىڭىزغا سېلىۋېلىڭ.
ئايال موللىدىن ئىنتايىن رازى بوپتۇ ۋە ئۆيگە قايتىپتۇ. ئىككىنجى كۈنى ئەر-ئايال يەنە ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. دەل شۇ چاغدا ئايالنىڭ ئىسىگە موللام پۈتۈپ بەرگەن ھېلىقى تۇمار كەپتۇ-دە، دەرھال تۇمارنى چىقىرىپ ئاغزىغا سېلىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايال بۇ قېتىم ئېرىنىڭ تايىقىدىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ. موللامنىڭ پۈتۈپ بەرگەن تۇمارى راستىنلا كارامىتىنى كۆرسەتكەچ ئايال كۆڭلىدە موللىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بوپتۇ ۋە ھەر قېتىم ئەر-ئايال ئىككىسى ئۇرۇشۇپ قالغاندا بۇ تۇمارنى ئاغزىغا سېلىۋىلىشنى ئۇنۇتمايدىغان بوپتۇ .
20يىللىق تۇرمۇش قۇرۇش جەريانىدا دائىم ئايالىنى ئۇرۇپ كۆنۈپ قالغان ئەر، يېقىنقى بىر نەچچە قېتىملىق ئۇرۇشۇش جەريانىدا ئايالىنى ئۇرالمىغان ئەرنىڭ تازا ئىچى پۇشۇپتۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ بېقىش نىيتىگە كەپتۇ ۋە شۇ كۈنى ئايالى بىلەن قەستەن ئۇرۇشۇپتۇ. ئۇلار ئۇرۇشۇپ ئەر ئەمدى قولىنى كۆتۈرۈپ ئايالنى ئۇراي دەپ تۇرغاندا، ئايالىنىڭ بىر نەرسىنى ئاغزىغا سېلىۋالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە ئىشنىڭ سەۋەبىنى پەملىگەندەك بۇلۇپ، ئۇ نەرسىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەك بوپتۇ. ئەر ئايالىنىڭ ئاغزىدىكى ئۇ نەرسىنى مەجبۇرىي ھالدا ئېلىپتۇ. ئەر قارىغىدەك بولسا بۇ بىر تۇمار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئەر بۇنىڭغا تېخىمۇ قىزىقىپ تۇمارنى ئېچىپ كۈرۈپ بېقىش نىيتىگە كەپتۇ-دە، تۇمارنى ئېچىپ كۆرۈپتۇ. بۇ تۇمارنىڭ ئىچىدىن چىرايلىق قىلىپ قاتلانغان بىر پارچە قەغەز چىقىپتۇ. ئەسلىدە قەغەرگە مۇنداق خەتلەر يېزىلغان ئىكەن:
« قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىنناس،ئايال كىشى جاۋاپ قىلمىسا ئەركىشى ئۇرماس»



[Birzat بۇنى 2010-09-22 07:57 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: كوت-كوت ئاياللار

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرما北极星[2013-01-14 02:01 AM | del]
我看了这个小说,绝对有道理,女人太唠叨也不好、可是整天不吭气的女人也不好
回复قايتۇرماgulruh[2010-09-23 03:03 PM | del]
بۇ تىمىنى كۆرۈپ بىر تەرەپتىن كۈلۈپ كەتتىم . يەنە بىر تەرەپتىن ياخشى تەربىيە ئالدىم .رەھمەت ، ھەقىقەتەنمۇ تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان ئىش بۇ . مەندە تۇمار يوق ، ئاغزىمغا نىمە سېلىۋالسام بولار ؟ ئاغزىمغۇ ئانچە ئىتتىك ئەمەس ، شۇنداقتىمۇ دەيمەن .
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.