قارا شېكەر ۋە ئۇنىڭ تېبابىتىمىزدە ئىشلىتىلىشى
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-09-23
تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق .
خۇسۇسىيىتى : قان كۆپەيتىش ، ئۇزۇق بولۇش ، بەدەننى سەمرىتىش ، توسالغۇلارنى ئېچىش ، ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش .
ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : قان ئازلىق ، تال ئاجىزلىقى ، ئورۇقلاش ، ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
1. ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردىكى قارا شىكەرنى ئارپابەدىيان بىلەن دەملەپ ئىچىپ بەرسە قان كۆپەيتىپ ، بەدەننى سەمرىتىدۇ . توسالغۇلارنى ئاچىدۇ . ئاياللارنىڭ سوغۇقى ئېشىپ بەدىنى ئاجىزلاشتىن كىلىپ چىققان ھەيز ئاغرىتىپ كىلىشكە پايدا قىلىدۇ .
2. ئىزخىر 10 گرام ، ئەفسەنتىن 15گرام ، بادرەنجى بۇيا 15 گرام ، گاۋزىبان 10 گرام ، ئوغرىتىكەن 10 گرام ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قارا شىكەر قوشۇپ ئىچىپ بەرسە ، قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ ، قان تۇمۇرلارنىڭ ئىلاستىكلىقىنى ياخشىلايدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : 10- گرام .
كۆپ ئىستىمال قىلسا ھەزىمنى ناچارلاشتۇرىدۇ .
تۈزەتكۈچىسى : پىننە
ئۇرۇنباسارى : تاتلىق ئانار سۈيى
پايدىلانغان مەنبە : ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمىي
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: قارا شېكەر ۋە ئۇنىڭ تېبابىتىمىزدە ئىشلىتىلىشى
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار: