تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى ۋە تۇرمۇش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، بۇنىڭ بىلەن چاچنىڭ قېرىشىمۇ تېزلەشمەكتە. ئۇزۇن مۇددەت تورغا چىققاندا ۋە تور ئويۇنى ئوينىغاندا، كىشى ئاسانلا چارچايدۇ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ئۇزۇن مۇددەت جىددىي ھالەتتە تۇرغاچقا، نېرۋا قالايمىقانلىشىپ، تېرىدىكى قان تومۇرلارنىڭ قىسقىراش ئىقتىدارى بۇزۇلىدۇ، باش تېرىسىنىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى قان تومۇرلارنىڭ قىسقىرىشى تۈپەيلىدىن قان بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماي، تۈك خالتىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 

" /> تور ئويۇنى ئويناش ئەرلەرنىڭ چېچىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىكى باش جىنايەتچى - 80 خالتا بلوگى

تور ئويۇنى ئويناش ئەرلەرنىڭ چېچىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىكى باش جىنايەتچى


تورغا چىقىش ۋە تور ئويۇنى ئويناش بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ چېچىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەرلەرنىڭ چېچىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدە تورغا چىقىش ۋە تور ئويۇنى ئويناش نېرۋا جىددىيلىشىش، چاچنى يۇيۇش قېتىم سانى، چاچ سۈپىتى قاتارلىق چاچ چۈشۈرگۈچى ئامىللاردىنمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرلەرنىڭ كۈندىلىك كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولغانسېرى چېچى شۇنچە تېز چۈشۈپ كېتىدۇ.
تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى ۋە تۇرمۇش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، بۇنىڭ بىلەن چاچنىڭ قېرىشىمۇ تېزلەشمەكتە. ئۇزۇن مۇددەت تورغا چىققاندا ۋە تور ئويۇنى ئوينىغاندا، كىشى ئاسانلا چارچايدۇ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ئۇزۇن مۇددەت جىددىي ھالەتتە تۇرغاچقا، نېرۋا قالايمىقانلىشىپ، تېرىدىكى قان تومۇرلارنىڭ قىسقىراش ئىقتىدارى بۇزۇلىدۇ، باش تېرىسىنىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى قان تومۇرلارنىڭ قىسقىرىشى تۈپەيلىدىن قان بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماي، تۈك خالتىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مۇتەخەسىسلەر ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقىنىڭ چاچ چۈشۈش بىلەن بىۋاستە مۇناسۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەمما ئۇيقۇ سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، چاچ چۈشۈش بىلەن كەچتە ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ بالدۇر – ياكى كېيىنلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
داۋاملىق كېچىسى تۈنەيدىغانلار، كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەيدىغانلار، كېيىن ئۇخلايدىغانلار، داۋاملىق ئۇيقۇسىراپ يۈرىدىغانلار، چۈشتە ئۇخلايدىغان ئادىتى يوقلارنىڭمۇ ئاسانلا چېچى چۈشىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت جىددىيلىشىشش، تەشۋىشلىنىش، چارچاش سەۋەبىدىن ياخشى ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر چاچ چۈشۈشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
شۇڭا تۇرمۇش ئادىتىنى ياخشىلاپ، ئازادە روھىي كەيپىياتنى ساقلاش، ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش قاتارلىقلار ئارقىلىق چاچ چۈشۈش كېسىلىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، تاماكا چېكىشمۇ چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. مۇتەخەسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، چېچى چۈشىدىغان %70 كە يېقىن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تاماكا چېكىدىغانلار ئىكەن.
80خالتا بلوگى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ يوللىغۇچى:ئېرپان

خەنزۇچىسى
上网打游戏:男性脱发的元凶
上网和打游戏已经成为部分男性脱发的主要因素。
其中,上网和打游戏甚至比精神紧张、洗发次数、发质等因素对男性脱发的影响更大,且每天平均使用电脑时间越长的男性越容易脱发。
随着生活节奏的加快和生活方式的改变,使用电脑的人日益增多,在不经意间也让头发慢慢“衰老”。长期上网和打游戏,很容易疲劳,使中枢神经系统长期处于紧张状态,植物神经紊乱,皮肤血管收缩功能失调,头皮局部的血管收缩使血供减少,造成毛囊营养不良。
专家同时还发现,睡眠时间的长短与脱发无明显关系,但是脱发可能与睡眠质量有关,晚上入睡时间的早晚与脱发有关。
经常熬夜加班入睡较晚的人、经常失眠的人、没有午睡习惯的人也容易脱发。长期的紧张、焦虑、疲劳使睡眠质量更差,加重脱发。
因此改善生活习惯,保持放松心态,提高睡眠质量有助于改善脱发状况。
另外,吸烟也是脱发的危险因素之一。专家发现脱发的人有近7成的人吸烟




[Birzat بۇنى 2011-01-28 10:53 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: تور، كومپيۇتېر، ئويۇن

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماMARAZ[2011-02-17 01:39 AM | del]
مەجۇن نېڭ زېيېنې بامۇياكې پايدېسېمۇ ؟
回复قايتۇرماPPPPPPP[2011-02-17 01:24 AM | del]
ياخش يوللاپ سىز... رەخمەت
回复قايتۇرماalii[2010-10-26 03:16 AM | del]
مەن بىرزات ئەپەندىدىن بىر مەسلىھەت سورىماقچىدىم، بىراق بۇ بىلوگنىڭ تېما ياكى ئايرىم ئىنكاس يوللاش ئىقتىدارىنى تاپالمىدىم. مېنىڭ خەت ساندۇقۇم:
                                                            592647235@qq.com
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.