نۇرغۇن كىشىلەر ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندا پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇشقا ئادەتلىنىپ قالىدۇ، پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرسا ئۆزىنى ناھايىتى راھەت ھېس قىلىدۇ. ئەمما مۇتەخەسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇش نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىن.

" /> پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇش ۋە سالامەتلىك - 80 خالتا بلوگى

پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇش ۋە سالامەتلىك


نۇرغۇن كىشىلەر ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندا پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇشقا ئادەتلىنىپ قالىدۇ، پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرسا ئۆزىنى ناھايىتى راھەت ھېس قىلىدۇ. ئەمما مۇتەخەسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇش نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىن.
بىرىنچى، پۇت قىسمىدىكى ۋېنا تومۇرىنىڭ ئەگرى – بۈگرى ئۆسۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ياكى قان نوكچىسى كەپلىشىپ قېلىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىن. بېيجىڭ دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ دېپىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: پۇتنى ئالماپ ئولتۇرغاندا، تېگىدىكى پۇتنىڭ تىزى بېسىمغا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ پۇتنىڭ قان ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ئىككى پۇت ئۇزۇن مەزگىل مىنگىشىپ تۇرۇش ھالىتىنى ساقلىسا، ئاسانلا قولىشىپ قالىدۇ، ئەگەر قان ئايلىنىش مۇشۇنداق توسقۇنلۇققا ئۇچراۋەرسە، پۇت قىسمىدىكى ۋېنا تومۇرلىرىنىڭ ئەگرى – بۈگرى ئۆسۈپ قېلىشى ياكى قان نوكچىسى كەپلىشىپ قېلىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىن. "بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىمى، دېئابىت، يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلار ئۇزۇن مۇددەت پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرسا كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن."
ليۇ مۇدىر مۇنداق تەكلىپ بەردى: پۇت مۇسكۇللىرى ئۇيۇشقاندەك ياكى ئاغرىغاندەك ھېس قىلغان ھامان دەرھال پۇتنى ئۇزۇن سۇنۇپ، ئىككى قول بىلەن قايتا – قايتا ئۇۋۇلاپ بېرىش ياكى يېنىك شاپىلاقلاپ بېرىش ئارقىلىق چارچاشنى تۈگىتىپ، قان ئايلىنىشنىڭ راۋانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.
ئىككىنچى، ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ ساقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. "پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇشقا ئادەتلىنىپ قالسا، كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ ساقلىقىغا پايدىسىز." بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى خۇڭجۈن مۇنداق دېدى: پۇتنى ئالماپ ئولتۇرغاندا، ئىككى پۇتنىڭ ئارىلىقى ئەڭ يېقىن ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇ يوتىنىڭ ئىكى قىسمى ۋە كۆپىيىش ئەزالىرى ئەتراپىنىڭ تېمپراتۇرىسىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بۇنداق يۇقىرى تېمپىراتۇرا ئۇرۇقنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن. شۇڭا لى مۇدىر مۇنداق تەكلىپ بەردى: پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇش ۋاقتى ئەڭ ياخشىسى 10 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم، پۇتنى ئالماپ ئولتۇرغاندا يوتىنىڭ ئىچكى قىسمى تەر لەش سېزىمى كۆرۈلەەن ھامان يەرلىك ئورۇننىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىسسىقلىقنى سىرتقا تارقىتىش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئومۇرتقىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش ۋە ئومۇرتقا ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بېيجىڭ دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى گاۋ شىنشېڭ مۇنداق دېدى: نورمال ھالەتتە ئادەم بەدىنى ئومۇرتقىسى يان تەرەپتىن قارىغاندا “S”شەكلىدە كۆرۈنىدۇ، پۇتنى ئالماپ ئولتۇرغاندا، ئاسانلا دۈمچەك بولۇپ قالىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئومۇرتقىنىڭ شەكلى “C”شەكلىگە ئۆزگىرىپ، بەل ئومۇرتقىسى ۋە كۆكرەك ئومۇرتقىلىرىنىڭ تەكشىسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، ئومۇرتقا نېرۋىلىرى بېسىلىپ، ئومۇرتقا ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا مۇتەخەسىسلەر يەنە مۇنداق تەكلىپلەرنى بەردى: ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرىدىغانلار ئەڭ توغرا بولغان ئولتۇرۇش ھالىتىنى ساقلىشى كېرەك، ئۇزۇن ۋاقىت پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئەگەر پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرماسلىققا ۋاقتىنچە كۆنەلمىسە، پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. بىر نەچچە مىنۇتتا بىر قېتىم ئولتۇرۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىشى ياكى بىر سائەت ئەتراپىدا ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ مۇسكۇللارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىشى كېرەك.


تەرجىمە قىلىپ يوللىغۇچى:قەشقەر شەھىرىدىن ئاخبارات خادىمى-ئېرپان


خەنزۇچىسى:
男性不宜常跷二郎腿
很多人坐在椅子上,会习惯性地跷二郎腿,觉得这样比较舒服。但专家提醒,跷二郎腿可能引发不少病。  
疾病一:可能引发腿部静脉曲张或血栓塞。北京医院心内科副主任刘德平在接受记者采访时说,跷二郎腿时,被垫压的膝盖受到压迫,容易影响下肢血液循环。两腿长时间保持一个姿势不动,容易麻木,如果血液循环再受阻,很可能造成腿部静脉曲张或血栓塞。“特别是患高血压、糖尿病、心脏病的老人,长时间跷二郎腿会使病情加重。”刘德平建议,感到两腿肌肉麻木或酸痛时,应立即将其放平,用双手反复揉搓或 ,以缓解疲劳,尽快恢复血液通畅。
疾病二:影响男性生殖健康。“养成跷二郎腿的习惯,对生殖健康很不利。”北京协和医院泌尿外科主任医师李宏军说,跷二郎腿时,两腿通常会夹得过紧,使大腿内侧及生殖器周围温度升高。对男性来说,这种高温会损伤精子,长期如此,可能影响生育。为此,李宏军建议,跷二郎腿最好别超过10分钟,两腿切忌交叉过紧,如果感觉大腿内侧有汗渍渗出,最好在通风处走一会儿,以尽快散热。
疾病三:导致脊椎变形,引起背疼。北京医院骨科医生高新生说,人体正常脊椎从侧面看应呈“S”形,而跷二郎腿时容易弯腰驼背,久而久之,脊椎便形成“C”字形,造成腰椎与胸椎压力分布不均。长此以往,还会压迫到脊神经,引起背疼痛。
此外,专家还建议,长期坐着的人,最好保持正确坐姿,少把腿跷起来。如果一时改不过来,跷腿的时间也不要过长,几分钟便应变换一种坐姿,或一小时后,站起来活动一下筋骨。




[Birzat بۇنى 2010-09-23 03:24 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: to sit cross-legged

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.